wordpress پارولى توغرا تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
-
سەھىپە:WP تېخنىكىسى
باھا:6 دانە
03-10-2012
ئۇيغۇربەگنىڭ نامىدا يازما يوللاۋەرسەم پرېستان يوقاپ كەتتى دەپ يۈرۈپسىلەر، بۈگۈن ئۆز نامىمدا بىر يازما يوللاپ سىلەرنى بىر چۆچۈتۈپ قۇياي دەپ قالدىم، ھاھاھاھا… بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بلوگىمغا كىرىش ئۈچۈن قوللانچى نامىم ۋە پارولىمنى كىرگۈزسەم باشقۇرۇش بىتىگە ھىچ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، مەن تېخى تور سۈرئىتىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كارىمنى قىلىپ باشقا ئىش قىلىپ يۈرۈپتىمەن، بۈگۈن يەنە بىر سىناپ باقاي دەپ پارول ۋە نامنى توغرا كىرگۈزپ ENTER نى چەكسەم لاپپىدە قىلىپ يەنە شۇ قوللانچى نامى ۋە پارول كىرگۈزۈش بېتىدە تۈرىدۇ، قايتا-قايتا سىناپ باقتىم، cookie تازلاپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، google دىن ئىزدەپ باقسام بۇنىڭمۇ ئامالى چىقىپ قالدى، دوستلارمۇ بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا پايدىلانسۇن دەپ يېرىم كېچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ھەل قلىش ئۇسۇلى
FTP قورالى ئارقىلىق /wp-includes/pluggable.php ھۆججەتنى ئىزدەپ تېىڭپدە كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈڭ، تەھرىرلەش قورالى ئارقىلىق تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ، مېنىڭ 3.2.7 نەشرىدىكى بلوگىمنىڭ 671-قۇرىدا ئىكەن.
ئەمدى سىز يۇقۇردىكى كودنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىپ بولۇپ ئەسلى ئورنىغا قويسىڭىزلا ئىش تامام.
ئەسكەرتىش
ئەسلى ھۆججەتنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن بىر نۇسخا زاپاسلاشنى ئۇنۇتماڭ.