خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-12-28 21:11

 
ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى


يۈسۈپجان ياسىن


مۇھىم مەزمۇنى: ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى شۇ دەۋردىكى رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىگە ئوخشاش «ئۇيغۇر دەۋرى ئۇسلۇبى» دەپ ئاتالغان كىلاسسىك بىر سەنئەت ئېقىمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ ئېقىم گۈمبەزلىك ئىمارەت ۋە تۇپا- مۇنارلىق قۇرۇلۇشتىن ئىبارت ئىككى چوڭ ئۇسلۇبنى نامايان قىلغان بولۇپ،بۇ  ئۇسلۇب ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ماقالىدە ئەنە شۇدەۋردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىدىقۇت خانلىقى؛ئۇيغۇر؛ بىناكارلىق سەنئىتى                                

     9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەرھۆكۈم سۈرگەن ئىدىقۇت خانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلغانىدى. تۈركىيە ئالىمى ب. ئۆگەلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «تۇرپان رايونىدا قۇرۇلغان 2-ئۇيغۇر خانلىقى (ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى − ئا) كۈلتۈر ۋەمەدەنىيەت جەھەتتە باشقا تۈركىي تىللىق قەۋملەردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنىدى»[1].ئەمەلىيەتتىمۇ دېھقانچىلىق كەڭ ئومۇملاشقان، شەھەر مەدەنىيىتى گۈللەنگەن ۋە سودامەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان مۇھىم بىر رايوندا قۇرۇلغان بۇ خانلىق ئورخۇن،ئالتاي، تەڭرىتاغ ۋە يەتتىسۇنى مەركەز قىلغان بوزقىر مەدەنىيىتى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارنى مەركەز قىلغان تېرىم مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەم يىپەك يولى ئالاقىسى ئارقىلىق غەرب ۋە شەرقتىن كەلگەن مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگەبىر مەدەنىيەت دەۋرىنى ياراتقان. بۇ مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلىم-پەن،سەنئەت ۋە تىجارەتتىن ئىبارەت ئۈچ ساھەدە ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن.
    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ھەققىدە تام رەسىملىرى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېدىرىش نەتىجىلىرى مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.تەتقىقاتلاردىمۇ بۇ ھەقتە ناھايىتى مول مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇساھەدە مۇھىم ئىلمىي ئەمگەكلىرى بار ئالىملاردىن ئا. ۋون. لېكوك، گرۈنۋېدل، ئا.ۋون، گابائىن ۋە ئەمەل ئەسىن قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ئىككى خىل ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا چىققان. بىرى، تۈركىي تىللىق قەۋملەردە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئومۇملىشىپ كەلگەن چېدىرشەكلىدىكى گۈمبەزلىك ئىمارەت ئۇسلۇبى. يەنە بىرى، بۇددىزمغا ياندىشىپ ھىندىستاندىن كىرگەن ستۇپا-مۇنارلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئىدى. كېيىنكى ئۇسلۇبتا زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ستۇپا-مۇنارلار ھىندىستاننىڭكىدىن پەرقلىق بىرھالەتتە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ نەپىس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ ئىنچىكە بىر شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىگە خاس بىرقۇرۇلۇش سۈپىتىدە  بىنا قىلىنغان. بۇدەۋردە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سۈپىتىدەياغاچ، تاش، لاي، خىش، پىششىق خىش، پار-پۇر خىش، گەج، سىر ۋە سال قاتارلىقلار قوللىنىلغان.
   گۈمبەزلىك ئۇسلۇب شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدا، سېپىل تاملىرىدا،قەبرە ۋە قىسمەن ھالدا بۇددىزم ۋە مانىزم تاش كېمىرلىرى، ھۇجرا ۋە مۇنارقۇرۇلۇشلىرىدا كۆرۈلگەن. تۇرپاندىكى بىر ئوردا خارابىسىدە گۈمبەزلىك ۋە تونۇزلۇق (يېرىم سېلىندىر شەكلىدە) قىسىملار كۆرۈلىدۇ. تاملارنىڭ ئۇلىغا يونۇتۇلمىغان تاشياتقۇزۇلغان. تامنىڭ ئۈستى گەج بىلەن سۇۋالغان. مۇنارلىق قەبرە قۇرۇلۇشلىرىمۇئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ دەسلەپ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن[2].  
   مۇنارلىق قۇرۇلۇشلار دۆڭلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇددىزم قۇرۇلۇشلىرىدا كۆرۈلگەن. سىركىپتىكى مۇنار شەكىللىك بىر قۇرۇلۇش ئويۇق ئىچىگەبۇددا فىگۇرى ئىشلەنگەن ھالەتتە بولۇپ، بۇ ھىندى مۇنارلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددىزم ئىبادەتخانلىرى ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈركلەر، ھەتتا تابغاچلار (شىمالىي ۋېي سۇلالىسى) دەۋردىمۇ بارئىدى. ئەمما، بۇددىزم ۋە مانىزم ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتى ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن.ئومۇمەن، بىر خىل كۇللىيات (قۇرۇلۇش توپى)مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ماناستىرلار (بۇتخانا، ئىبادەتخانىلار) ئۇيغۇرشەھەرلىرىدە قويۇق ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ يارغول،مۇرتۇق ۋە سىڭگىمدىكى ئۆرنەكلىرىدەكۆرۈلگىنىدەك، بۇ ماناستىرلار مەركىزىي ھويلا ئەتراپىدا گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان ئۆيلەر، راھىپلارنىڭ ھۇجرىلىرى ۋە باشقا ياردەمچى ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ بىناكارلىق تەرتىپى ئومۇمەن بىردۆڭلۈك ئۈستىگە تىك تۆت بولۇڭ شەكلىدە قۇرۇلغان[3].
   تۇرپاندا بايقالغان ھۆكۈمدار سارىيىنىڭ خارابىلىرى ئۇنىڭ ئەسلى بىر تەكشى ئېگىزلىككە قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ ئوردا ئەينى ۋاقىتتائىككى قات سېپىل بىلەن قورشالغان قەلئە ئىدى. ساراينىڭ ئۆيلىرى گۈمبەزلىك ۋە تۈزتورۇسلۇق ئىكەنلىكى، دىۋانخانىلىرىنىڭ شىمال ۋە غەرب تەرەپتە قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ تىپتىكى سارايلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا بەزىدە سېپىلنىڭ بۇلۇڭلىرىداكىچىك  قەسىر(قوقتا)مۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدىكى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە قىيالارغا ئويۇلغان غار ئىبادەتخانىلىرى ياكى كېمىر ئۆيلەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بېزەكلىك، سىڭگىم، تۇيۇق، قىزىل، قۇمتۇرا ۋە دۇنخۇاڭ غار (قىيا)ئىبادەتخانىلىرى بۇنىڭ مەشھۇر ئۆرنەكلىرىدۇر. بۇددىزمنىڭ سەنئەت خەزىنىسى ھېسابلانغان بۇ خىل قۇرۇلۇشلار يانمۇيان ھالەتتە ئويۇلغان، كۆرۈنۈش جەھەتتىن تىك تۆت بۇلۇڭ ياكى چاسا شەكىلدە، كۆپىنچىسى بۆشۈك ئەگمىسى شەكلىدە، بەزىلىرى قۇببە-گۈمبەزشەكلىدە ئويۇلغان. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى بولسا ئەڭ ئىچىگەجايلاشقان، پەقەت راھىبلارلا كىرىپ تېۋىنىدىغان بۇدساتۋانىڭ ياكى باشقا بىرئىلاھنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان ئىچكى ئىبادەتخانا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كارىدۇر ۋە 2-دەرىجىدىكى ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ تاملىرىغا كۆپلىگەن رەسىم ئىشلەنگەن. بۇ ئەسەرلەر، بولۇپمۇ بېزەكلىك ئىبادەتخانىلىرى مىلادىيە 8~13-ئەسىرلەردىكى كىلاسسىك ئۇيغۇر ئۇسلۇبىنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سەر خىل ئۆرنەكلىرىدۇر. موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىللەردە بۇددىست ۋە مۇسۇلمان تۈركلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارنىڭ پايتەختلىرىدىن قايالىق، خانبالىق، قارا قۇرۇم ۋە سەمەرقەندتە، خوراساندىكى مەرۋۋە ھېراتتا، ئەزەربەيجاندىكى تەبرىز، مەرەگا ۋە سۇلتانىيەدە، شەرقىي ياۋروپادىكى ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىنىڭ مەركەزلىرىدە ياراتقان بىناكارلىق، رەسساملىق ۋەخەتتاتلىق ئەسەرلىرى ھەققىدە مەيلى «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»دا ياكى ئاشۇ دەۋردەموڭغۇل ئىمپېرىيەسىنى تولۇق كېزىپ چىققان رۇبرۇك قاتارلىق سەيياھلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسۇن، تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. تۈرك-ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ۋەباخشىلىرىنىڭ باشقا ئىچكى ئاسىيالىقلار بىلەن بىللە ئىلخانىيلار خانلىقى تەرىپىدىن يېقىن شەرققە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە بۇددىزم ئىبادەتخانىلىرىنى قۇرغانلىقىنى ھەمدە كېيىنكى ئىسلامىي دەۋردىمۇ تۈرلۈك سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقاكەلتۈرگەنلىكىنى راشىددىننىڭ ئەسىرىدىن بىلىمىز[4]. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، قوبلايخان دەۋرىدە خانبالىق (بېيجىڭ) شەھىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش خىزمىتىدەئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان بىناكار يەكدار (بۇ شەخسنىڭ ئىسمى يەنە يەكدارىددىن،ئىختىيارىددىن ياكى ئەختەرىددىن دەپمۇ ئاتالماقتا) بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدشاھ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. يەكدار ئوردىنىڭ چاتىر (چىدىر) مەھكىمىسىدەئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيالىق ھۈنەرۋەرلەرگە مەسئۇل خادىم قىلىپ تەيىنلەنگەن[5]. شەھەر مىلادىيە 15-ئەسىرگەقەدەر تۈركچە «خانبالىق» دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغانىدى. بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاغان ئوردىسى تۈركچە «قارشى» دەپ ئاتالغىنىدەك، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىمۇ تۈركچە «ئوردۇ» دەپ ئاتالغانىدى. خانبالىقنىڭ شىمالىدىكى قاغاننىڭ ئوۋغا چىقىدىغان يەرلىرىمۇ تۈركچە «قۇرۇق» (قورۇق)، بۇ يەردە كېزىش ھوقۇقىغا ئىگەمەمۇرلارمۇ تۈركچە «ئىلچى» ۋە «تۇرالىق» دەپ ئاتالغانىدى. خانبالىق شەھىرى 14~15-ئەسىرلەردەياۋروپالىقلار تەرىپىدىن «كامبالۇق» دەپ ئاتالغان[6].               
    ئىدىقۇت خانلىقىدا شەھەرلەر ۋە ئىبادەتخانىلار يەنىلا مىللىيئوردا، ئوردۇ بالىق ۋە تەڭرىلىك (تەڭرىگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئورنى) شەكلىدەبىنا قىلىنغان. ئوردا ۋە ئۇنىڭ خىلىدىكى مەبۇدلارنىڭ ئوردىسى ھېسابلانغانئىبادەتخانىلارنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك كائىنات چۈشەنچىسى بويىچە تەسەۋۋۇرقىلىنغانلىقى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. كائىنات چۈشەنچىسى ئۇنىڭبۇددىزمدىكى نامى بولغان «ماندالا»نىڭ بۇزۇلغان شەكلى بويىچە «ماندال» دەپئاتىلاتتى. بۇ چۈشەنچىدە يەر يۈزى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆت تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرغان، ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان تۆت بۇرجەكلىك بىر تۈزلەڭلىك دەپ تەسەۋۋۇرقىلىناتتى. قەدىمكى بىر ئېتىقادتا يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېگىز بىر تاغنىڭ ئاسمانغا قاراپ سوزۇلغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەمما، بۇ تاغ بۇددىزم كوزمولوگىيەسىدىكى مەركىزىي ئالتۇن تاغ سۇمېرونىڭ ئىسمى بىلەنمۇ ئاتىلاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزمدىكى بۇ ئالتۇن تاغنى تۈرك مېفلىرى ياكى داستانلىرىدىكى «ئالتۇن يىش» (ئورمان بىلەنقاپلانغان ئالتۇن تاغ) بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغانلىقى بىر تام رەسىمىدىن مەلۇم. بۇرەسىمدە ئالتۇن تاغنىڭ ئەتراپىدا ياشىغان تۈركلەرنىڭ «ئالتۇن يىش»تىن تۆرەلگەن دەۋرى ھەققىدىكى رىۋايەتتە مىللىي سەنئەت تۈرى ھېسابلانغان تۆمۈرچىلىك خاتىرىسى ئەكس ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، كائىنات تەسەۋۋۇرى ۋە مەركىزىي ئالتۇن تاغ ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر دەسلەپكى دەۋردە ئوتاغ (چىدىر)، پايتەخت، تەڭرىلىك، كېيىنچە «خەيرىلىك قۇرۇلۇشلار» مەنىسىدە «بۇيان» دەپ ئاتالغان بۇددىزم قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگەئالغان. ئىسلامىيەت دەۋرىدە «بۇيان» سۆزى ۋە بۇ ئۇقۇم ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان خەيرىلىك قۇرۇلۇشلار كۇللىياتى «مۇيانلىق» دەپ ئاتىلاتتى. كائىنات تەسەۋۋۇرىدىكى قەدىمكى خاتىرىلەردىن «تەڭرىلىك» دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇشنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، لېكىن بۇنداق ئىبادەت ئورۇنلىرىدا ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھايۋان ئۆلتۈرۈشنى چەكلەيدىغان بۇددا ۋە مانى دىنلىرى تەرىپىدىن تەڭرىلىكنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمۇ بىر ھۆججەتتىن مەلۇم بولدى. بۇددىزمغا كىرگەن بىر كىشى تەڭرىلىككە بارسا تەۋبە قىلىشى كېرەك ئىدى. خەنزۇلاردا كۆرۈلگىنىدەك،ئۇيغۇرلاردىمۇ تەڭرىلىك بىر ئاسترولوگىيەلىك كۆرۈنۈشكە كىرگەن. بۇنداق تەڭرىلىك تەسۋىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر رەسىمدىمۇ كۆرۈلمەكتە.
    بۇددىزم ئىبادەتخانىلىرىمۇكائىناتقا سىمۋول بولىدىغان پىلان بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا قەدىمدىن بېرىكۆك تەڭرىسىگە خاس قىلىنغان ئەڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئورۇن ساكيامۇنىگە ئايرىلغانىدى.ئەڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئورۇن بەزىدە بىر مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستى قەۋىتى قىلىپ كۆرسىتىلەتتى. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى مۇنارلارنىڭ ۋە مۇنارلىق ئىبادەتخانىلارنىڭ،يەنى قەدىمكى تۈركچە ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا «ئەدىز ئەۋ»لەرنىڭ كۆپلۈكى مىلادىيە10-ئەسىردە تۇرپانغا كەلگەن سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ يەندېنىڭ دىققىتىنى تارتقان.ئەمەلىيەتتىمۇ تۇرپاندىكى خارابىلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدىغىنى مۇنارلارنىڭ كۆپلىكىدۇر. گرۇنۋېدىل «p» ھەرپى بىلەن بەلگە قىلغان تۇرپاندىكى بىر توپ قۇرۇلۇش يەككە ھالدا ياسالغان 85 مۇناردىن تەركىب تاپقان[7]. مۇنارلار سېپىل بويلاپ سېلىنغان ياكى يەككە ھالدا بىنا قىلىنغان. مۇنارلارنىڭ ئۈستىگە كۆككە يېقىنلىقى سەۋەبىدىن «كۆك» (ئاسمان) دېگەن مەنىدە «قالىق» دەپ ئاتالغان راۋاق ياكى قەسىرلەرمۇ ياسىلاتتى. ھۆكۈمدارلار ئۈچۈنمۇ سېپىل ئۈستىگە ياكى مۇنارلارنىڭ ئۈستىگە قالىقلار بىنا قىلىنغان.
   بۇ چاغدا مۇھىم ھەربىي قۇرۇلۇشلاردىن بىرى بولغان ۋە ئوت يېقىپ بەلگە بېرىدىغان مۇنارلار − تۇرلار كۆكتۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش «قارغۇ» ياكى «قارغۇي» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۆزىتىش مۇنارى چېگرا بويلىرىغا، ئۆتكەللەرگە، مۇھىم ئورۇنلارغا، سېپىل ئۈستىگە ياكى سېپىل ئىچىگە قۇرۇلاتتى. كۆكتۈركلەر دەۋرىدىن ئىسلامىي دەۋرگە قەدەر بولغان زامانلارداكۆزىتىش مۇنارى كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ قۇرۇلۇش ئومۇمەن تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق شەكىلدە بىنا قىلىنغان. بەزىدە مۇنارنىڭ گەۋدىسى يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى تارىيىپ بارغان، بەزىدە مۇنارنىڭ يۇقىرى قىسمى بارغانسېرى تارايغان تۈز بىر بۆلەك بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، چوققىسى كېسىك بىر پىرامىداغا ئوخشىتىلغان. ئىدىقۇتتىكى ۋە قەشقەردىكى مۇنارلىق ئىبادەتخانىلار كۆپىنچە سېلىندىر شەكلىدە بولۇپ، بۇ ئۇيغۇربىناكارلىقىنىڭ نەمۇنىلىرىدۇر. راۋاق ۋە مۇنارلار ناھايىتى زىننەتلىك ياسالغان.خام خىشتىن بىنا قىلىنغان مۇنار ۋە راۋاقلارنىڭ ئالدى تەرەپلىرى پىششىق خىش بىلەن،يەنە  نەقىشلىك، رەڭلىك، بەزىدە سىرلىق چاقچۇقلار بىلەن قاپلانغان. خەنزۇچىدىن ئۆزلەشكەن «سىر» سۆزى ئەڭ  دەسلەپ خەنزۇلارنىڭ جۇلالاندۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىپادە قىلىش قوللىنىلغان تۈركچە «سال»(لاك، جۇلا)  سۆزى بىلەن بىر دەپ قارالغان بولسىمۇ،كېيىن بۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىمارەتلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان قېنىق كۆك رەڭدە بويالغان ياغاچ ماتېرىياللار «سال»بىلەن قاپلانغانىدى. تابغاچلار دەۋرىدە خەنزۇلاردىن قوبۇل قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلۈۋاتقان سىر ۋە سال تېخنىكىسى تۈركىي تىللىق قوۋملەر ئارىسىدا ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇكۆكتۈركلەر دەۋرىدىن بېرى مەۋجۇت ئىدى. ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئىدىقۇتئۇيغۇر مۇھىتىدا ئىمارەت قاپلىمىلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئوچۇق كۆك رەڭ ۋە سۇسيېشىل رەڭ بىلەن سىرلانغان خىش پارچىلىرى كۆپ تېپىلدى. قەشقەردە بولسا نەقىشلىك ۋەيېشىل سىرلىق قاپلىمىلار كۆزگە چېلىقىدۇ. نەقىشلىك ۋە سىرلىق قاپلىمىلارنى ياساشتېخنىكىسى مىلادىيە 10-ئەسىردە قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەشقەردە ئىسلامىيەتنىقوبۇل قىلىشى بىلەن تۈرك-ئىسلام سەنئىتىگە ئۆتۈپ، غەربكە قاراپ تارقىلىشقاباشلىغان.
     ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدا ئىبادەتخانىلارنىڭ تاملىرىغا رەسىم ۋەھەيكەللەرمۇ ئىشلەنگەن. ھەيكەللەر بەزىدە ھۇجرىلارغا ئوخشاش ئېگىزلىكتە يانمۇيان تىزىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ شەكىل ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇداۋاملاشقان، ئەمما ھەيكەلنىڭ ئورنىغا ھۇجرىلارغا لوڭقا ۋە پەتنۇس قاتارلىق بەزىقىممەتلىك بۇيۇملار قويۇلغان. ئىسلام بىناكارلىقىدىكى «مۇكارناس» (پەلەمپەيلىك ۋەگۈمبەزلىك) دەپ ئاتالغان يانمۇيان ھالەتتىكى ياكى ھەرە كۆنىكى تەرتىپىدە تىزىلغان ھۇجرىلاردىن ھاسىل بولغان ئۇسلۇبنىڭ بۇددىزم بىناكارلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇيغۇرلاردا ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىچى كىگىز،گىلەم ۋە  كارىۋاتلار بىلەن بېزەلگەن.كارۋاتلارنىڭ ئۈستىگە رەخت قاپلانغان. كىچىك شىرە ئۈستىگە ئالتۇن ۋە باشقا  مېتالدىن ياسالغان نەرسىلەر، فارفۇر بۇيۇملار،كاسە(جام)، قەدەھ ۋە ئىۋرىقلارنىڭ تىزىلغانلىقى رەسىملەردىن ۋە باشقايالدامىلاردىن مەلۇم. ئۆيگە تارتىلغان پەردىلەر كۆپىنچە قومۇشتىن توقۇلغان. بەزىئىبادەتخانىلارنىڭ ئاستىغا پار-پۇر خىشلار ياتقۇزۇلغان. ئىبادەتخانىلار ۋەسارايلارنىڭ «چىچەكلىگ» (گۈللۈك) دەپ ئاتالغان، ئېسىل گۈللەر ۋە مېۋىلىك دەرەخلەربىلەن قاپلانغان باغچىلىرى ئېرىق ۋە كۆل سۈيى ئارقىلىق سۇغىرىلغان[8].
    قەدىمكى تۈركىي قوۋملەر ئەنئەنىسىدىكى كائىنات سىمۋولى بولغانئوتاغ (چوڭ چېدىر)نى بەزى قۇرۇلۇشلارغا، تويىن-راھىب ھۇجرىلىرىغا، ستۇپا (بۇدەۋردە ستۇپ ياكى ئۇستۇپ دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان) دەپ ئاتالغان قەبرىلەرنىڭ شەكىللىرىگە ئۆرنەك قىلىش بۇ دەۋردىمۇ داۋام قىلغانىدى. ستۇپانىڭ ئوتاغقائوخشايدىغان شەكلىنى ۋە كائىناتقا سىمۋول بولۇش خۇسۇسىيىتىنى بەزى تەتقىقاتچىلارساكيامۇنى تەۋە بولغان ساكيا قەبىلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆچمەن قەبىلىلەردىن بىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بىلەن باغلاپ قارىماقتا. ستۇپا (مۇنار) ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك قىسىملاردىن تەشكىل تاپاتتى: يەر يۈزىنىڭ سىمۋولى بولغان تۆت بۇرجەك شەكىلدىكى پەلەمپەيلىك تاملار ئۈستىدە مەركىزىي تاغنىڭ سىمۋولى بولغان سېلىندىر شەكىللىك بىر گەۋدە ۋەسامانى ئىپادە قىلىدىغان بىر گۈمبەز، گۈمبەزنىڭ ئۈستىدىكى بىر راۋاق ئىچىدەبۇددىزم مەبۇد ھەيكىلى كۈنلۈككە سىمۋول قىلىنغان كۇنىس شەكىللىك نەرسىنىڭ ئاستىدائولتۇرغان ھالەتتە كۆرسىتىلەتتى. باشقا مەملىكەتلەردە ستۇپانىڭ ئىچىگە ئۆلگەنئەزىزلەرنىڭ جەسەت كۈلى ياكى سۆڭىكى سېلىنغان ساندۇقى قويۇلغان بولسا، بەزى ئۇيغۇرستۇپالىرىنىڭ ئىچى ئوتاغقا ئوخشاش بوش قالدۇرۇلغان ۋە ئوتاغ پەردىلىرىگە تەقلىدقىلىنغان رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن. بۇ شەكىلدىكى ستۇپالارنىڭ ئوتاغ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈرك-ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر گۈمبەزلىك ھۇجرىلىرى ۋە مەقبەرە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلھاممەن بەلىرىدىن بىرىنىڭ بۇددىزم دەۋرىدىكى ستۇپا ۋە راھىب ھۇجرىلىرى ئىكەنلىكى ھېس قىلىنىدۇ. قوچۇ شەھەر سېپىلىنىڭ  شەرقىي جەنۇبىدىكى قوش گۈمبەز دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇر ستۇپالىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدۇر. ئەينى شەكىلدە تۇيۇقتىكى ستۇپالار بىلەن يارغولنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تېپىلغان بىرمۇنچە ستۇپالارمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان قىممەتكە ئىگە[9].
    ئىدىقۇت خانلىقىغا ئائىت ئوردا-سارايۋە ئىبادەتخانا خارابىلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بەشبالىق ۋە قوچۇ قاتارلىق پايتەخت شەھەرلەردىن خاس ئۆي خارابىلىرى تېپىلمىدى. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇئىككى پايتەخت ئوردا شەكلىدە ساقلانغان. شەھەر خەلقىگە خاس بولغان بالىق قىسمى ئايرىم سېپىل بىلەن قورشالغان. بالىق قىسمىنىڭ قەتئىي مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھۆججەتلەردە ئۇچرايدىغان «قاي» دېگەن سۆزدىن مەلۇم. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قاي»سۆزى «كوچا» ۋە «تاشقى مەھەللە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئىدىقۇت خانلىقىداكىشىلەرنىڭ قانداق ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقى توغرىسىدا ۋاڭ يەندېنىڭ ساياھەتنامىسىدەمۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇ يەردە قار ۋە يامغۇر ياغمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ناھايىتى ئىسسىق بولىدۇ. يازدا ھاۋا ئىسسىپ كەتكەن چاغدا كىشلەر يەرنى كولاپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن گەمە ياسايدۇ... ئۆيلەر ھاك بىلەن ئاقارتىلىدۇ»[10]. ۋاڭيەندېنىڭ بۇ مەلۇماتىدا تۇرپاندىكى ئىككى خىل ئۆي نەزەردە تۇتۇلغان. بىرى،  پەقەت ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىپ كەتكەن چاغلارداسالقىنداش ئۈچۈن ياسالغان گەمە ئۆيلەر بولۇپ، بۇنداق ئۆيلەرنىڭ تارىخى تۇرپاندامىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تاقىلىدۇ. يارغول خارابىسىدىمۇ مۇشۇنداق ئويۇپ ياسىغان ئۆيلەرنىڭ ئىزلىرى ئۇچرايدۇ. ئىسلام مەنبەلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار: «رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر ھۆكۈمدارى بولۇپ،ئۇنىڭ سارىيىدا بەش پەرسەخ يىراقلىقتىن كۆرۈنىدىغان بىر ئالتۇن چېدىرى بارئىكەن... بۇلارنىڭ سەھرالىرىدا قار ناھايىتى ئاز ياغىدۇ. يازدا قاتتىق ئىسسىقبولغاچقا، غارلاردا ۋە كەپىلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر خىل مېۋىلىرى ۋەمەھسۇلاتلىرى بار»[11]. بۇ خىلئۆيلەرنىڭ تارىخى تۇرپاندا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئا. ۋون گابائىن خانىم مۇنداق تەرىپلىگەن: «غار-گەمە ئۆي ياساش ئەنئەنىسىنامراتلىق ياكى يوقسۇزلۇقنىڭ بەلگىسى بولماستىن، ئەكسىچە كىشىلەرنى يازدائىسسىقتىن، قىشتا سوغۇقتىن ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى تۇرالغۇ تىپى ئىدى»[12]. يەنەبىرى، لاي-كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەردۇر. بېزەكلىك تام رەسىملىرىدە، بولۇپمۇ9-نومۇرلۇق غاردا نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىئېگىز تام بىلەن قورشالغان. تامنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاناتلىق دەرۋازا ئورنىتىلغان.دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يوغان، قارا رەڭلىك، يۇمىلاق چېكىت نەقىشلەنگەن بولۇپ،بۇنىڭ دەرۋازا ھالقىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق[13]. گابائىنخانىمنىڭ تەسۋىرلىشىچە، بەزى ئۆيلەر ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر كېلىدىغان خىش ئۇلنىڭئۈستىگە سېلىناتتى. ئالدى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ياسالغانپەلەمپەي بولاتتى. ئۆيلەرنىڭ تولىسى بىر قەۋەتلىك بولۇپ، تاملىرى مۇستەھكەم ئىدى.دەسلەپتە دېرىزىسى يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە بولسا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا چاسا شەكىلگەئۆزگەرتىلگەن. بايراملاردا تامنىڭ سىرتىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قىزىل ۋە قوڭۇر رەڭلىكپەردىلەر تارتىلىپ، تامنىڭ بۇلۇڭىدا تۈگۈچ تۈگۈپ قويۇلاتتى. ئۆگزە كاھىشتىن بېلىقسىرتىنىڭ ئىككى ئۇچىغا بىردىن قۇش (فۆنىكس، سۇمرۇغ بولسا كېرەك) ئولتۇرغۇزۇلغانشەكىلدە ياسالغان. ئۆگزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئوت يالقۇنىشەكلىدىكى مۇنچاق ئېسىلاتتى. خەنزۇلاردا بۇ تەسۋىر ئەجدەرھا بېشى ئىدى. ئۆينىڭئۆگزىسى قىزىل رەڭدە كۆركەملىك بېزىلەتتى. 2-قەۋەتكە سېلىنغان ئۆيلەر كۆپىنچەكىچىك بىر ئىستىھكام  ۋە بالاخانا شەكلىدەبولاتتى. ھويلا ئىچىدە گۈل ۋە دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈلەتتى. ئات تۇرىدىغان ئېغىلبولاتتى. ئۆينىڭ تېگى گۈللۈك تاختاي بولاتتى ياكى گىلەم سېلىناتتى. كىشىلەر ھەمىشەئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك ئۇزۇن بەندىڭدە ياكى پولدائولتۇراتتى[14]. گابائىنخانىم بۇ بايانلىرىنى تۇرپاندىن تېپىلغان تام رەسىملىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسەنيازغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىدا خەنزۇ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىبىلدۈرگەن. ب. ئۆگەل بولسا بۇ شەكىلنى «تۈرك-خەنزۇ تېخنىكىسى»[15] دېگەننام بىلەن ئاتىغان.
     ئۆگزىنى بېلىق سىرتى شەكلىدە چىقىرىش ئۇسۇلى كۆكتۈرك ۋە ئورخۇنئۇيغۇرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ تەسىر ئەينى دەۋردە كۆكتۈرك ۋەئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدە پائالىيەتتە بولغان خەنزۇ ئۇستىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. تام رەسىملىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئۆگزىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى خەنزۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى[16]. تۇرپاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تارىختا بۇ يەردە يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەردىن قارىغاندا،خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ئىدى. لېكىن، بۇ قىسمەن ۋە چەكلىك دائىرىدىكى ئەھۋال بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتى يەنىلا ئوتتۇرائاسىياغا خاس بىر ئالاھىدىلىك بىلەن تەرەققىي قىلغان. شۇڭا، تۇرپاندا بايقالغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس مەدەنىيەت بەلگىلىرى ئىچىدە سىرتقى مەدەنىيەتكە خاس ئالاھىدىلىك روشەن ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن ياكى ئەينەن تەتبىقلانغان ئەسەرلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئا. ۋون. لېكوكمۇ شىنجاڭدىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىداخەنزۇ ئۇسلۇبىدىكى ھېچقانداق بىر قۇرۇلۇشنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز تۇرپان بوستانلىقىدا ھەم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان باشقا شەھەرخارابىلىرىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنى بايقىمىدۇق»[17].
    ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىيە ئالىملىرىدىن ئۇيغۇرشۇناس ئەمەل ئەسىن ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىن ساقلىنىپ قالغان خارابىلەر ئىچىدە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئۇچرىمىغانلىقىنى نەزەرگەئېلىپ، بۇ دەۋردە كىشىلەرنىڭ ياغاچ ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇبۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆيلەر − ئوتاغ (چېدىر) قا تەقلىد قىلىنغان ۋە‹كەرەكۈ›دېگەننام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ياغاچتىن ئۇل قويۇلماي ياسالغاچقا ئىزى قالمىغان. بەلكىمئۇيغۇرلاردىمۇ ھازارلاردىكىگە ئوخشاش خىش قۇرۇلۇشلار پەقەت ھۆكۈمدارلارغا ۋەئىبادەتخانىلارغا خاس بولۇپ، باشقىلار ياغاچتىن ياسالغان كەرەكۈ (چېدىر) شەكلىدىكىياغاچ ئۆيلەردە ئولتۇرغان بولسا كېرەك»[18]. ئەمەلئەسىننىڭ بۇ قارىشى بىر خىل پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنى قوبۇلقىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ قاراشنى تەستىقلايدىغان ھېچقانداق يازما مەنبە ياكىرەسىملىك ئۇچۇرلار يوق. ئۇنىڭ قانداق پاكىتلارغا تايانغانلىقى ھەققىدىمۇ قولىمىزدابىرەر ئۇچۇر خاراكتېرلىك مەنبە يوق. ئەگەر ياغاچ ئۆيلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولغانبولسا، ئۇ چوقۇم بىر خىل بىناكارلىق ئەنئەنىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدەبۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ تۇرپاننىڭ تەبىئىي شارائىتىدىنئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدا كەك خەلقنىڭ ياغاچ ئۆيگە بولغانئېھتىياجىنى قامدىغىدەك ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغلار يوق. ئەلۋەتتە، ھەر قانداقبىر جايدىكى بىناكارلىق ئەسەرلىرى شۇ ئورۇننىڭ تەبىئىي شارائىتى بىلەن زىچباغلانغان بولىدۇ، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ۋە باشقا بىنالارنىڭ ماتېرىياللىرى ئاشۇتەبىئىي شارائىت تەمىنلىگەن ماددىي ئىمكانىيەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. بىر پۈتۈنئاھالىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، قاتناش مەسىلىسى، توشۇش ۋە يۆتكەش ۋاسىتىلىرىنىنەزەرگە ئالغاندىمۇ شۇ دەۋردىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر قانچە يۈز كىلومېتىر مۇساپىنىبېسىپ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئورمانلىق بەلباغلىرىدىن ياغاچ توشۇپ كېلىپ ئۆي سېلىشىتەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان ئىش. قىسقىسى، تام رەسىملىرى، يازما مەنبەلەر، خارابىلەرۋە بۈگۈنگىچە ساقلانغان قۇرۇلۇش ئىزلىرىدىن قارىغاندا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭبىناكارلىق سەنئىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىققىلىش، سىرتقى مەدەنىيەت مۇھىتىدىن قوبۇل قىلىش ھەمدە تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا بېقىپ ئىجاد قىلىشتەك ئۈچ خىل ئامىلئاساسىدا شەكىللىنىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس بىر ئۇسلۇبنى ياراتقان. كىلاسسىكبىر ئېقىمغا ئايلانغان بۇ ئۇسلۇب ئەينى دەۋردە شەرقتىن بەكرەك غەربكە كۆپرەك تەسىركۆرسەتكەن، يەنى ئۇنىڭ پار-پۇر خىش مۇتىفلىرى، كېمىر تېخنىكىسى، گۈمبەز ۋە مۇناربىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى قاراخانىيلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىيئاسىيانىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىگە ئايلانغان. تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئۇيغۇرماناستىر ۋە ئىبادەتخانىلىرى سەلجۇقلار ۋە ئوسمانىيلار قۇرۇلۇش كوللىياتىنىڭمەنبەسىنى تەشكىل قىلغان»[19].ئىدىقۇت دەۋرىدە شەكىللەنگەن بۇ ئالاھىدىلىك بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامدۇنياسىنىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسىدا ئەڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەت سۈپىتىدە كۆزگەچېلىقىدۇ.  


[1] ب. ئۆگەل : «تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى» 1- توم، ئىستانبۇل : مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1971-يىلىتۈركچە نەشرى، 137~ 138- بەتلەر.
[2] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («تۈرك سەنئىتى» ماددىسى) 30~31 -توم، ئەنقەرە : مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. 1981- يىلى تۈركچە نەشرى،226- بەت.
[3] ياشار چورۇھلۇ : «دەسلەپكىدەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى»، ئىستانبۇل : كابالجى نەشرىياتى، 1998- يىلىتۈركچە نەشرى، 105- بەت.  
[4] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى»(«ئىسلام سەنئىتى»ماددىسى)، 20-توم، ئەنقەرە: مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1972-يىلى تۈركچە نەشرى،296- بەت.
[5] ب. ئۆگەل : «چىڭگىزخاننىڭ تۈرك مۇشاۋىرلىرى»، ئىستانبۇل : IQ كۈلتۈر سەنئەت نەشرىياتى، 2002-يىلى تۈركچە نەشرى، 366~ 367- بەتلەر.  قۇربان ۋەلى : «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشرى، 252~ 253- بەتلەر.
[6] «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» («خانبالىق»ماددىسى) 4-توم، ئىستانبۇل : مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1948-يىلى نەشرى، 209- بەت.
[7] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («مۇنار» ماددىسى) 24-توم، ئەنقەرە :مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1974-يىلى تۈركچە نەشرى، 207- بەت.
[8] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («ئۇيغۇر سەنئىتى» ماددىسى)33-توم،  ئەنقەرە : مىللىي مائارىپنەشرىياتى، 1984-يىلى تۈركچە نەشرى، 136~137- بەتلەر.
[9]«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («ئۇيغۇر سەنئىتى» ماددىسى) 33-توم،  ئەنقەرە : مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1984-يىلىتۈركچە نەشرى، 112- بەت.
[10] ب.ئۆگەل : يۇقىرىقى ئەسەر، 1-توم، 119- بەت. ئۆزقان ئىزگى :«چىن ئەلچىسى ۋاڭ يەندېنىڭ ئۇيغۇر ساياھەتنامىسى»، ئەنقەرە : تۈرك تارىخقۇرۇمى نەشرىياتى، 1989-يىلى تۈركچە نەشرى، 56 ~57-بەتلەر.
[11] م. فۇئاد كۆپرۈلۈ : «تۈرك تارىخىي دىنى»،ئەنقەرە : ئاقچاغ نەشرىياتى، 2005-يىلىتۈركچە نەشرى، 91- بەت.
[12] ب. ئۆگەل : «تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش» 3-توم،  ئەنقەرە : گازىئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى، 2000-يىلى تۈركچە نەشرى، 69- بەت.
[13] مونىك مېيلېر: «قەدىمكى قوچۇ خانلىقىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تارىخى»، جۇڭخۇاكىتابچىلىق ئىدارىسى، 1995-يىلى نەشرى، 99-بەت.
[14] ئا. ۋون. گابائىن : «قاراقوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (ئۇيغۇرچە) 1980-يىللىق3-سان، 63~ 64-بەتلەر. «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»(«تۈركسەنئىتى» ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم، 2- قىسىم، ئىستانبۇل : مىللىي مائارىپنەشرىياتى، 1988- يىلى تۈركچە نەشرى 629-بەت.  ئوكتاي ئاسلانئاپا : «تۈرك سەنئىتى»، 1~2- توم، ئىستانبۇل : كەرۋان نەشرىياتى،  1984- يىلى تۈركچە نەشرى 11-، 12- بەتلەر.  
[15] ب. ئۆگەل :«تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش» 1-توم،ئەنقەرە : گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى، 2000-يىلى تۈركچە نەشرى،214-بەت.
[16] ئا. ۋون. گابائىن : «قوچۇئۇيغۇر خانلىقىدا ھايات»، تۇرپان شەھەرلىك يەرلىك تەزكىرە تەھرىر ئىشخانىسى نەشرگە تەييارلىغان،1989-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 53-بەت.
[17] ئا. ۋون. لېكوك : «شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى كۈلتۈر خەزىنىلىرى»، شىنجاڭخەلق نەشرىياتى،  1999-يىلى خەنزۇچەنەشرى، 45-بەت.
[18] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («ئۇيغۇر سەنئىتى» ماددىسى) 33-توم،138-بەت.
[19] ئاھمەت تاشاغىل، بىلالچەلىك، ئىلياس كامالوف، ئىسمائىل ئاكا، مەھمەت ئالپئارگۇ، ئاھمەت كانلىدەرە :«ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى»، ئەسكىشەھەر : ئانادولۇئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2011-يىلى تۈركچە نەشرى، 37-بەت.

(مەنبەسى : «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2015- يىل، 3-سان)
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار