خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-12-28 20:42

 
خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى

ئەخمەتجان ھەسەن

 

ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى ۋە ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ مەلۇم بىر رايۇنغا تارقىلىشى ۋە شۇ رايوندا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇشىدا،نوقۇل شۇ ئېقىم تەرغىباتچىلىرى رول ئويناپلا قالماستىن،يەنە شۇ رايوندىكى تۈرلۈك ئىىجتىمائىي،ئىدىيىۋى ئامىللارمۇ ئۆز تەسىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    سوپى-ئىشانلار تەرىقىتىنىڭ يىقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تارقىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ،جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا جاھالەتپەرەس سوپى-ئىشانلار تەرىپىدىن جۇڭغارلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن قۇرۇلغان دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن قورچاق«ئىلاھىي خانلىق»ھاكىمىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىمۇ ئەمەلىيەتتە،يالغۇز ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭدا ئاتالمىش « تەرىقەت» تارقىتىش يولىدا چېپىپ يۈر گەن سوپى-ئىشانلارنىڭ تىنىم تاپماي ھەرقايسى شەھەر-بازار،يېزا-قىشلاقلاردىكى مەسجىت-مەدرىس،خانىقالاردا ئېلىپ بارغان ۋەز-نەسىھەتلىرىنىڭ رولىدىن ھەم ئەينى دەۋردە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھەر خىل ئىقىمدىكى تەرىقەت پېشىۋالىرىغا قول بەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.ئەگەر شۇنداق مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلانمىغان بولسا،سىرتتىن كىرگەن بىر پىكىر ئېقىمى تەرەپدارلىرىنىڭ شۇنچىلىك تېز قۇتراپ كېڭىيىپ كىتەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

   جاھالەتپەرەس خوجا-ئىشانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئاتالمىش«خوجىلار دەۋرى»نىڭ شىنجاڭ زىمىنىدا مەيدانغا كېلىشى، ھەرگىز تەساددىپى ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس،بەلكى ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىر مەسىلىدۇر.تۆۋەندە مەن بۇنى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈپ تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن.

    بىرىنچى،ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ قارىغاندا،ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان خانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، خەلقنىڭ رايىنى ئۆزىگە مايىل قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا،دىنىي جەھەتتىن ئۆستۈنلۈككە ئىگە بولغان خوجا-ئىشانلارغا قول بېرىپ مۇرىت بولۇش ئارقىلىق دىنىي كۈچلەردىن پايدىلىنىپ،سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراپ كەلگەن.نەتىجىدە،خوجىلارغا قول بەرگەن خانلار سىياسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە،ئۇلارنىڭ پىر-مۇرشىدلىرى بولغان خوجا-ئىشانلارمۇ تەبىئىي ھالدا خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ،خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا بىۋاستە ئارىلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.چۈنكى،تەرىقەت سىپىگە قوشۇلۇۋاتقان مۇرىت-مۇخلىسلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىشى، خوجا-ئىشانلارنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي ھاياتىدىكى تەسىرىنى تەدرىجىي ھالدا نامايەن قىلىشقا باشلىغان.مانا شۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا،تېمۇرىيلەر سۇلالىسى(1370-1506)نىڭ ئىچكى ماجرالىرىدا ھاكىمىيەت ئورنى داۋالغۇپ تۇرغان خانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدا،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بارغانسىرى كۈچىيىپ قانات قېقىشقا باشلىغان نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پىر-مۇرشىدلىرىغا قول بىرىپ ئۇلارنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىشقا باشلىغان.بۇ قارىشىمىزنى كۆپلىگەن تارىخىي پاكىتلار دەلىللەپ بىرەلەيدۇ.مەسىلەن،تېمۇرىيلەر سۇلالىسىنىڭ پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋەزىيىتىدىكى ئىچكى ماجرالاردا مىرانشاھنىڭ ئەۋلادى ئەبۇسەئىدنىڭ ئۇلۇغبىكنىڭ كۈيئوغلى ئابدۇللا ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسىنى ئاكادېمىك ۋ.ۋ.بارتولد«ئەبۇ سەئىدنىڭ غەلبىسى ئۆز نۆۋىتىدە خوجا ئەھرارنىڭ غەلبىسى ئىدى.»(1)دەپ يازىدۇ.چۈنكى ئۇلۇغبىك ئىلىم ئەھلىنىڭ ھامىيىسى،مەرىپەتپەرۋەر شاھ بولغاچقا،«خوجا ئەھرار دىنىي جەھەتتە ئۇلۇغبىككە ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى ئىدى.»(2) ئەينى دەۋردە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پىرى خوجا ئەھرار(1404-1490)نىڭ ماۋارەئۇننەھردىكى تەسىرى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ،بۇ ھەقتە غاپپاروف:«خوجا ئەھراريالغۇز ئەڭ چوڭ دىنىي داھى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئەڭ كاتتافېئودال قورۇق ئىگىسى ئىدى.ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە زور مىقداردىكى بايلىق ۋەناھايىتى كەڭ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلغان » (3) دەپ كۆرسىتىدۇ.(مىرزا زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرمۇ سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزا دەۋرى ئۈستىدە توختالغاندا،«سۇلتان ئەھمەد مىرزا خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارى ھەزرەتلىرىگە ئىخلاس قىلاتتى.بولۇپمۇ خوجا سۆھبىتىدە بولغاندا ئالاھىدە ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتەتتى.ئىيتىشلارغا قارىغاندا،خوجا سۆھبىتىدە بولغاندا تىزىنى يۆتكەپ باققان ئەمەس ئىكەن.بىر قېتىم خوجا ھەزرەتلىرى سۆھبىتىدە ئادىتىگە خىلاپ ھالدا تىزىنى يۆتكەپ ئولتۇرۇپتۇ.مىرزا قوپقاندىن كىيىن خوجا ھەزرەتلىرى مىرزا ئولتۇرغان يەرگە قاراپ بىقىشنى بۇيرۇپتۇ،قارىسا بىر سۆڭەك پارچىسى تۇرغۇدەك.» (4) دەپ بايان قىلغان. مانا بۇ ۋەقەلەر بىزگە، بىر تەرەپتىن،ماۋارائۇننەھردىكى خانلارنىڭ خوجا-ئىشانلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرسە،يەنە بىر تەرەپتىن تەرىقەت پىرلىرىنىڭ قانچىلىك تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.قىسقىسى، بىز ماۋارەئۇننەھىردە ئەبۇسەئىد مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلنى،ئەمەلىيەتتە،ناھايىتى زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە تەرىقەت پىرى خوجا ئەھرار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر دىسەك بولىدۇ

    سوپى-ئىشانلار تەرىقىتىنىڭ شىنجاڭدىمۇ ناھايىتى تېز تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا مەيدانغا كېلىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ئاتالمىش« خوجىلار خانلىقى»نىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا روياپقا چىقالىشىنى، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ رولىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

    نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ شەرىققە قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، 15ئەسىرنىڭ باشلىرى بۇ تەرىقەتنىڭ تەشۋىقچىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان.شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن ئۇۋەيىسخان(1417-1432)نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچراشقان بولۇپ،ئۇ بۇ تەرىقەتنىڭ ماۋارەئۇننەھىردىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى،ئەرشىدىن خوجا تەرەپدارلىرىنىڭ مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بىلەن تەڭ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماۋارەئۇننەھىردىكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنى قوبۇل قىلغان خانلارنىڭ قوللىشىنى ۋە زور تەسىرگە ئىگە تەرىقەت پىرلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،شۇنداقلا ئەرشىدىن خوجا تەرەپدارلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگەن.مانا بۇنداق خانلارنىڭ خوجا-ئىشانلارغا قول بېرىش ئەھۋاللىرى يالغۇز ئۇۋەيىسخاننىڭ ئۆزى بىلەنلا تۈگەپ كەتمەي،كېيىنچە ئۇنىڭ ئوغلى يۈنۈسخانغا مىراس قالغان.ئەينى دەۋردە ئۇمۇ«خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى ئىدى.» بۇنىڭدىن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىغا تارقىلىپ كىرەلىشىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بىلەن زادى قانچىلىك دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس.

    سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ قولىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ ئالدىدىكى تەھدىتلەردىن بىرى يەنىلا ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرى ئىدى.سەئىدخان ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت چوڭ دىنىي كۈچكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يىڭى بىر دىنىي كۈچكە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى.شۇڭا ئۇ سەمەرقەندتىن كەلگەن خوجا مۇھەممەد يۈسۈپكە مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ،«مانا شۇ خوجا ئارقىلىق ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ»(6)،«خوجىنىڭ بوسۇغىسىغا باش ئۇرىدۇ.» چۈنكى سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولۇپ،ئۇلار پۈتۈن خانلىقنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىرى ئىدى.ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرۇپ،قولغا كەلتۈرگەن ئىمتىيازلىرىغا تايىنىپ ئىزچىل يوسۇندا دىنىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپلا قالماستىن،بەلكى خانلىقنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشىپ،تەسىر دائىرىسى زور بىر كۈچ بولۇپ قالغاندى.مەۋلانە ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ،ئىسلامنىڭ تەسىرىنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا كېڭەيتىشتە نەتىجىگە ئېرىشىپ،فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپى ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغاچقا،بۇ جەمەت تاكى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر پۈتكۈل شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىلىق رولىنى ئوينىغاندىن سىرت،دۆلەتنىڭ ھەربىي،مەمۇرىي،سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىمۇ تېزگىنلەپ كەلگەن.تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خوجا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگەبولغان ھۆرمەت ئىخلاسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن،ئۇلارغا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئىماملىق ئىمتىيازىنى بەرگەندىن سىرت،«ئاقسۇ،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن يەر-زېمىننى ھەدىيە قىلغان»،يەنە« ھەريىلى ئىككى نەپەر بەگدىن رامىزاننىڭ پىتىرىسىنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش،مال-دۇنيالىرىنىڭ زاكىتىنى ئەۋەتىپ تۇرغان.» قىسقىسى،14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىق(يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان مەزگىل)خوجا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ ئالىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان،ھوقۇق-مەرتىۋىلىرى كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەپ،مال-دۇنياسى كۆپەيگەن مەزگىل بولۇپ،ئەينى دەۋردە ھېچقانداق بىر جەمەت ۋە شەخىس ئۇلار ئېرىشكەندەك ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن ئەمەس،ئۇلار بىلەن رىقابەتلەشكىدەك مەزھەب ياكى كۈچمۇ بولغان ئەمەس.مانا شۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن،يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى خانلارىمۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەشكە ئامالسىز قالغاچقا،باشقا بىر دىنىي كۈچلەر بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج بولغانىدى.ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ يېڭى كۈچ –ئۇلارنىڭ زېمىنىغا يېڭىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان خوجا-ئىشانلار ئىدى.

    سۇلتان سەئىدخاندىن كىيىن سۇلتان ئابدۇرىشىتخانمۇ ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرىغا قارىتا دادىسىغا ئوخشاش يول تۇتقان.موللا مۇسا سايرامى«ئۇ چاغلاردا خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىر دىگەن (ئىشان)كىشى كەلگەنىدى.ئابدۇرىشىتخان ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى.»دەپ يازىدۇ.ئابدۇرىشىتخاندىن كېيىنكىلەرمۇ تاكى خانلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى ئىسمائىلخانغا قەدەر مانا شۇ يوسۇندا خوجىلاردىن بىرەرسىنى ھاكىمىيەتنىڭ «مەنىۋى تۈۋرىكى»قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى.

    مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسۇن،مەيلى شىنجاڭدا بولسۇن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خانلارنىڭ خوجا-ئىشانلارغا«مۇرىت»بولۇپ ئىخلاس بىلدۈرۈشلىرىدە دىنىي مەقسەتكە قارىغاندا،كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي غەرەز ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.ئۇلار خوجا-ئىشانلارغا مايىللىق بىلدۈرۈپ،ئۇلارنى قوللاپ،پائالىيەتلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق خەلىقنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە مايىل قىلىپ،ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈرلۈك مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىكىدە بولغان.ئەمما ئۇلار«تەركىدۇنياچىلىقنى يەنى بايلىقتىن ئۆزىنى چەتلىتىش،ھوقۇق-مەرتىۋىلەردىن،ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئۆزىنى چەكلەش،رىيازەت چېكىپ باقىي دۇنيادىكى روھىي ئالەمگە ئۆزىنى بەخشەندە قىلىش،پىر-ئۇستاز بولۇپ ئۆمۈر بويى رىيازەت چېكىپ،خەلىپە تەربىيىلەپ،مۇرىت تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق،ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش» دېگەن سوپىزىم ئەقىدىسىنى «ئۇنتۇپ قالغان»خوجا-ئىشانلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئىمتىيازلارغا قانائەت قىلماي،سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇق تەمەسى ۋە پۇل،مال-دۇنيا تەمەنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل ئەلنى ۋە ھاكىمىيەتنى ئوتقا ئىتتىرىشتەك رەزىل قىلمىشىنى دەل ۋاقتىدا توسۇيالمىغان،توسۇشقا نىيەت قىلغاندا بولسا،خانلار ئومۇميۈزلۈك ھەربىي،سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ سازلىققا پېتىپ قالغان،سەلتەنەت مەھكۇملۇق بىلەن،مەرىپەت نادانلىق بىلەن،يورۇقلۇق جاھالەت بىلەن ئالماشقان.

    ئىككىنچى،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 164يىللىق تارىخى،سوپى-ئىشانلار تەرىقىتىنىڭ كىچىكلىكتىن-چوڭلۇققا،ئاجىزلىقتىن-كۈچلۈكلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىش جەريانى بولۇپ،ئومۇمىي جەمئىيەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەينى دەۋردە ئەھلى سۈننىلەرنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي ئەركانلىرى جاھالەتپەرەس تەرىقەت پىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قول-چوماقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ئەھلى تەرىقەتنىڭ خۇنۇك،ئىسلام روھىغا يات ئەقىدىلىرى بازار تاپقان. بۇ خىل ھالەت بولۇپمۇ 16-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىنىڭ پۇل-مال-دۇنيا،ھوقۇق-مەرتىۋە تالىشىپ ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىپ بارغان.بولۇپمۇ تەرىقەت پىرلىرى بولغان خوجا-ئىشانلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى خانلار ۋە بەگلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن،ناھايىتى تېز ھەرىكەتلىنىپ،تەرەپ-تەرەپكە خاس مۇخلىسلىرىنى،سۆزمەن ۋائىزلىرىنى،ئىشەنىچلىك چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ،ئۈزلۈكسىز مۇرىت كۆپەيتىش،كۈچ توپلاش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كىڭەيتىش ھەرىكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتكەن.نەتىجىدە،شەھەر-بازارلاردا،يېزا-قىشلاقلاردا،مەسجىت-مەدرىس ۋە خانىقا-مازارلىقلاردا جاھالەتپەرەس تەرىقەت پىرلىرى ئۈچۈن ئوقۇلغان ماختاش،مەدھىيە ۋە كۆككە كۆتۈرۈشلەر جاھاننى قاپلاپ،مەدداھ ۋە ۋائىزلىقتا ۋايىغا يەتكەن تەرىقەت پىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قول-چوماقچىلىرىنىڭ جاي-جايلاردىكى مەسچىت-خانىقالاردا،چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا ۋائىزلىق قىلىش-ۋەز-نەسىھەت ئېيتىش،ئەمىر-مەرۇپ قىلىش،ھۆكمەت-تەلقىن ئوقۇشلىرى ئاق كۆڭۈل،ساددا،نادان خەلىق كۆڭلىنى ناھايىتى تېز رام قىلىۋالغان،ھەم نادان خەلىق ئارىسىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان.رىياكار خوجا-ئىشانلارنىڭ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «پىرى ھەزرەتلەرنىڭ نەزىرى كىمگە چۈشسە،ئۇ ئۆمۈرۋايەت بەھرى تاپىدۇ.پىرىمىزنىڭ دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەرقانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ،گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ.بىرەر كىشى يالغۇز ئاللاغا،پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ، دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ،ئەگەر پىر-ئەۋلىياغا قول بەرمەيدىكەن،ئىشەنمەيدىكەن،قەتئىي گۇناھكار بولىدۇ،قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ.پىرلار مۇسۇلمان ئۈممەتلەرنى جەننەت ۋە دوزاققا ئايرىغۇچىلاردۇر.پىرلار ئاللانىڭ تىلى ۋە جامالىدۇر.پىرلار قىيامەت كۈنى بەندىلەرنى سۇئال-سوراق قىلغۇچىلاردۇر.پىرسىز يۈرگۈچىلەر دىندىن ئېزىپ يۈرگۈچىلەردۇر.پىر تۇتمىغان ئادەمنى خۇدا بەندەم دېمەيدۇ،ئۇنداق ئادەم خۇدانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئۆمرىنى راھەت بىلەن ئۆتكۈزسە،ئاخىرەتنىڭ راھىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.ئۆمرۈڭنى مۇشەققەتنىڭ كېمىسى بىلەن ئاچ-زېرىنلىق دەرياسىدا غەرق قىلىۋەتمىسەڭ،خۇدانىڭ ۋىسالىغا يېتىمەن دېگىنىڭ بىكار.ھەر قانداق كىشى ئۆيىدىن،بالا-چاقىسىدىن،دۇنيانىڭ راھىتىدىن دىلىنى ئۈزۈپ،يىغلاپ،يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ ئۆتسە،ئاخىرەتتە راھەت-پاراغەتتە بولىدۇ،خۇدانىڭ ۋىسالىغا مۇيەسسەر بولىدۇ...» دىگەندەك ئالا-جۇقا جۆيلۈشلىرى نادان خەلىقنى ئەسىرگە ئېلىۋالغان بولۇپ،تەرىقەت پىرلىرىنىڭ خەلىق ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ زورىيىشىغا ۋە شان-شۆھرىتىنىڭ راسا كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىدى.ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك «قۇرئان»ۋە«ھەدىس»ھۆكمىگە ،ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپ ھالدا جۆيلۈشلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلىك بىلەن يېزىدىن شەھەرگىچە،زەرداردىن گادايغىچە تارقىلىپ،تەركىدۇنيا سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ،ھەلقە-سامالىرى بىلەن ساپايە ئاۋازلىرىنىڭ جاھاننى بېشىغا كىيىشى،بىزگە ئەينى دەۋر خەلقىنىڭ تولىمۇ نادان،ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى،مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلىق ئاممىسىنىڭ ئەقىل ھەم بىلىم،ئەخلاق ھەم ئەدەپ ۋە تىنچلىق،ھاياتلىق ھەم ياشاش دىنى بولغان ئىسلامنى چۈشەنمىگەنلىكىنى،بۇ دىننىڭ ئاساسى بولغان «قۇرئان كەرىم»ۋە «ھەدىس»نى بىلمىگەنلىكىنى، بىلىشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىنى ھەم بىلگەن شارائىتىتىمۇ يەنىلا جاھالەتپەرەس،قانخور خوجا-ئىشانلار تەرىپىدىن ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىشتەك پاجىئەلىك ئۆتمۈشنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ.قۇرئان ئايەتلىرى جاھالەتپەرەس تەرىقەتچى سوپى-ئىشانلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىنىڭ ئىسلامغا پۈتۈنلەي يات ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئەڭ ياخشى پاكىت.«قۇرئان كەرىم»نىڭ «سۈرە ئال ئىمران»كەلىمىسىدە:«ئى ئەھلى كىتاپ(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)پەقەت ئاللاغىلا ئىبادەت قىلىش،ئاللاغا ھېچ نەرسىنى شرىك كەلتۈرمەسلىك،ئاللانى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە(يەنى بىر خىل ئەقىدىگە)ئەمەل قىلايلى!...»دېيىلگەن، سۈرە مائىدە كەلىمىسىدە:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى(تەركىيدۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلماڭلار،(ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار،ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتمايدۇ» دېيىلگەن .بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىدىكى سەۋەپ،ئەينى دەۋردە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەردە تەركىيدۇنيا بولۇپ ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋىتىش،گۆش يىمەسلىك،ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەنە شۇ ئەھۋاللارغا قارشى يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولغان. ئىسلامنىڭ ئاساسى بولغان «قۇرئان كەرىم»دىكى مانا بۇ ئايەتلەر بىزگە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دۇئا بىلەن نان،دۇئابىلەن ۋەج،دۇئا بىلەن ئابروي تېپىش كويىدا پالاقشىپ يۈرگەن تەرىقەت پىرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدىن،ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىدىن پۈتۈنلەي ئازغانلىقلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ئۇلارھە دىسە ئۆزىگە مۇرىت توپلاپ،ئۆز يولىدا خۇداغا بەندىچىلىك قىلىۋاتقان خەلىقنى تەركىدۇنيا چىلىققا،كەيىپخورلۇققا،دىۋانە-دەرۋىشلىككە دەۋەت قىلغان.مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان خەلىق مانا شۇ يولدا جاھالەتكە،زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەمدە دۇنيانى دوسىت تۇتمايدىغان،ئىززەت-ئابروينى دوسىت تۇتمايدىغان،تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىش-ئوقەت قىلمايدىغان،دۇنيانىڭ پايدىسىدىن زىيىنىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىسلامغا يات ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان.نەتىجىدە،نادانلىق،قاششاقلىق،خۇراپاتلىق كۈچەيگەنسىرى جاھالەتپەرەس خوجا-ئىشانلارغا ئەگەشكۈچىلەر شۇنچىلىك كۆپىيىپ بارغان.

    ئۈچىنچى، تەرىقەت پىرلىرىنىڭ مال-دۇنيا، ھوقۇق-مەرتىۋە تالىشىپ ئېلىپ بارغان سىياسىي كۆرەشلىرى،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىننى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ،ئەينى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي، ئىقتىسادىي ھاياتىغا ۋە خەلىقنىڭ ھاياتى،مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك «ئاق تاغلىق»،«قارا تاغلىق»دېگەن ئىككى يەرلىك گۇرۇھنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن خەلىقنى ئىككى لاگىرغا بۆلۈنۈشكە مەجبۇر قىلىپ،گۇرۇھۋازلىق،تەپرىقچىلىكنى ئەۋىج ئالدۇرغان.ھەممە يەرنى ۋابادەك قاپلاپ كەتكەن قانخۇمار سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش،تۇيۇقسىز ئۇر-يىقىتىشلىرىدىن قاتتىق يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەن بىچارە خەلىق يەنىلا كۆڭلىدىكىنى سىرىتقا چىقىرالماي،دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ،قورقۇش،ۋەھىمە ئىچىدە سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ جەھرى سامالىرىغا قاتناشقان.

    دەرۋەقە،سوپى-ئىشانلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ،ھىجابۇل غەيىپ(«غايىپ پەردىلىكلەر»،«نامەلۇم قەسىتچىلەر»)دەپ ئاتالغان يوشۇرۇن قەسىت قىلىش گۇرۇھىمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ،ئەۋلىيا خوجىلار ئۆزلىرىنىڭ زىتىغا تەگكەن،ئۆزلىرى بىلەن قارشىلاشقان كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ «ھىجابۇل غەيىپ »دەپ نام ئالغان سادىق قانخور مۇرىتلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۇۋەتكەن. يوشۇرۇن قەستكە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىچىدە يۇرت چوڭلىرى،شەرىئەت پېشىۋالىرى خاتىپ،مۇدەررس،ئىمام-مۇتىۋەللىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە نۇرغۇن شەھەر-يىزا ئاھالىلىرى بار ئىدى.قانخور سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ھەم ئاپپاق خوجا دەۋرلىرىدە ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ،ئىسمائىلخان دەۋرىدە ئاپپاق خوجا«دەۋىتى ئىشقىيە»ئاشىقلىرى ئىچىدىن«خۇدايى غازات»گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ،1667-يىلى يەكەندە مەزھەپ رەقىپلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دادىىسى مۇھەممەت يۈسۈپ-«مازار پادىشاھىم»نىڭ خۇن دەۋاسىنى قىلىپ قانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.جاي-جايلاردا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش،پېيىنى قىرقىش،پۇت-قولىنى كېسىپ كاردىن چىقىرىش،ئۆي-جاي،مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈش قاتارلىق ئەسەبىي ھەرىكەتلەر جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغان.نەتىجىدە ۋەھىمە،دەككە-دۈكە ئىچىدە قالغان كەڭ خەلىق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ،ئاپپاق خوجىنىڭ مۇرىت-مۇخلىسلىرىغا ئايلىنىپ،ئۇنىڭ «ئىشقىيە سۇلۇكى»ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان خۇدايى قۇللارغا ئايلانغان.

    تۆتىنچى، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى يەنى ئىسمائىلخان دەۋرىدە،خان ئاپپاق خوجىنىڭ ھىلىمىكىرلىك ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ،«ئاق تاغلىق»خوجىلارغا مەنسۇپ بولغان سوپى-دەرۋىشلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان باجنى كەچۇرۇم قىلىۋەتكەن.بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلارنى بىز«ئاق تاغلىق»خوجىلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاپتورلار تەرىپىدىن يىزىلغان«تەزكىرەئى پىر ياران»،«ھىدايەتنامە»قاتارلىق تەزكىرىلەردىن ھەم باشقا ئەسەرلەردىن ئۇچرىتالايمىز.

    «ئاق تاغلىق»خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن،ئاپپاق خوجىغا مۇرىت بولغۇچىلار ھەسسىلەپ ئېشىپ،خانلىقنىڭ ھەرقايسى شەھەر-بازارلىرىنى،يېزا-قىشلاقلىرىنى ئۇچىسىغا ئاق لىباس،بېشىغا ئاق تەقىيە كىيىپ،بېلىگە ئاق بەلۋاغ باغلايدىغان،قوللىرىدا ئاق ساپلىق ساپايە، ئاق رەڭلىك تۇغ-شەددىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈيدىغانلار قاپلاپ كەتتى. مانا شۇنىڭدىن كىيىن، ئاپپاق خوجىغا مۇرىت بولغان ھەر قانداق ئادەم ئاق تەقى كىيىپ،خانلىقنىڭ باج-سېلىقى ۋە ئالۋان-ياساقلىرىدىن خالى بولۇپلا قالماستىن،ھەتتا ئاق تەقى كىيگەن لۈكچەك، قىمارۋاز،جازانىخورلارمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ،قازاخانالارغا چۈشۈپ قالسا،ئاپپاق خوجىنىڭ ئابرويلۇق سوپى-ئىشانلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ،شەرىئەت ئەھكاملىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراشتەك ئەھۋاللار سادىر بولۇپ تۇرغان.ئاپپاق خوجىنىڭ شەھەر-بازار، يېزا-قىشلاقلاردىكى مۇرىت-مۇخلىسلىرى تېگىشلىك يەر،سۇ ۋە ئاشلىق بېجى تاپشۇرمىغاننى ئاز دەپ،دېھقانلارنىڭ قولىدىكى نۇرغۇن يەر-زېمىن«خۇدايى ۋەخپە»شەكلىدە ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مەھەللىۋى ئىشانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىپ،خانلىققا تەۋە يەر-زېمىن بىلەن يەر بېجى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. نەتىجىدە ئوردا خەزىنىسىدە ئاقچا،ئاشلىق ئامبارلىرىدا ئاشلىق قالماسلىقتەك ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن.

    تەرىقەت پىرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇرىت قوبۇل قىلىش،تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايۇنلاردا ياشاپ كەلگەن خەلىقنى زور بالايىئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى.پۈتۈن ئەلدە تەپرىقچىلىق،گۇرۇھۋازلىق ئەۋج ئېلىپ نادانلىق،قاششاقلىق،خۇراپاتلىق ۋە جاھالەت ھۆكۈم سۈردى.سوپى-ئىشانلارغا مۇرىت-مۇخلىس بولۇپ،تەرىقەت سۇلۇكلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ،شۇ يول ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىشكە باشلىدى. سوپى-ئىشانلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھېچقانداق ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن،ئەڭ ئاخىرقى تىغ ئۇچىنى ھاكىمىيەتكە قارىتىپ، 1678-يىلى جۇڭغار موڭغۇللىرىنى باشلاپ كېلىپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئون ئىككىنچى سۇلتانى ئىسمائىلخاننى ئاغدۇرۇپ،تارىختا164يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى.ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارلار ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خوجا «خان»لىقىنى تىكلەپ،ئۆزىنىڭ قورچاق-قارانچۇقلۇق ئورنىنى ساقلاپ15يىل(1678-1693)ھۆكۈم سۈرگەندىن كىيىن،1693-يىلى قەستكە ئۇچراپ زەھەرلىنىپ ئۆلدى.شۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاساسەن «قارا تاغلىق»خوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى.

    دېمەك، 1678-يىلى ئاپپاق خوجىدىن باشلانغان«خوجىلار دەۋرى»82يىلچە داۋاملىشىپ،1759-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىمۇ خوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى.مەسىلەن،1757-يىلىدىن1857-يىلغىچە بولغان يۈز يىل ئىچىدە بۇرھانىدىن خوجا، سامساق خوجا، جاھانگىر خوجا(1790-1820)، بۇزرۇكخان خوجا(1824-1869)، ئەۋلىيا خوجا(1816-1869)، ۋەلىخان تۆرە(1821-1865)قاتارلىق مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خوجىلارنىڭ قوقەن خانلىقىنىڭ ئاستىرىتتىن قوللىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا باستۇرۇپ كىرىپ قوزغىغان توپىلاڭلىرى، ئەنە شۇلار جۈملىسىدىن ئىدى. ھەتتا «خوجىلار دەۋرى»دىن يۈز يىل كېيىن، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ياقۇپ بەگمۇ خوجىلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوقەندىن ئاپپاق خوجىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى بۇزرۇك خوجا(نەسەبىسى:ئاپپاق خوجا-يەھيا خوجا—مەھمۇت خوجا-بۇرھانىدىن خوجا-سامساق خوجا-جاھانگىر خوجا-بۇزرۇك خوجا)نى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلانغان.

    قىسقىسى، شىنجاڭدىكى «خوجىلار دەۋرى»ئەنە شۇنداق مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، مەيلى «خوجىلار دەۋرى»بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن كېيىنكى خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق، پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرى بولسۇن باشتىن-ئاخىر ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىكىگە، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. خوجىلار دەۋرى خۇددى سەئىدى شىرازىنىڭ:«تەركى دۇنيا بول دەر خەلىققە پىر-ئىشان، لىكىن ئۆزلىرىچۇ؟ يىغار پۇل ۋە دان!» دېگىنىدەك، خەلقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ، ھېسابسىز مال-دۇنيا يىغقان، مەسچىت، مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈنەكخانىلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن، قۇرئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخىي قوليازمىلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇنىڭغا نارازى بولغان، قارشى چىققان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈرگەن، نادانلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق ۋە جاھالەتنى پەيدا قىلغان، ماددىي ۋە مەنىۋىي نامراتلىققا سەۋەپ بولغان بىر دەۋر بولغان.


    پايدىلانغان ماتىرياللار:

    (1)(2)ۋ.ۋ.بارتولد:«ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن 12لېكسىيە»، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى،1984-يىل نەشرى، 236-بەت.

    (3)ۋېي لياڭتاۋ:«يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 1999-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى،162-بەت.

    (4)زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر:«بابۇرنامە» ،مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى،34-بەت.

    (5)(6)(7)مىرزا ھەيدەر كوراگان:«تارىخى رەشىدى»، 2-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983- يىل خەنزۇچە نەشرى9-،320-بەت.

    (8)موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ئەمىنىيە» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1988-يىل نەشرى،59-60-بەتلەر.

    (9)«جالالىدىن بۇخارى ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخانغا دائىر تارىخىي ۋەقەلەر»،«شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتىرياللىرى»،16-توم،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى باستۇرغان.

    (10)موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ئەمىنىيە» ،شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى،1988-يىل نەشرى،18-بەت.

    (11)«ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى»(«مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى»)،قوليازما.

    (12)«تەزكىرەئى ھىدايەت»،قوليازما.

    (13)(14)«قۇرئان كەرىم»، 1986-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

    (15)ئەخەت تۇردى:«بەخىتسىز سەئىدىيە» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  2002-يىل نەشرى،481-بەت.

  مەنبە : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2003 -يىل 2 -سان
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار