1334- يىلى تۈزۈلگەن يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئوۋ ياڭ شۈەن ( 欧阳玄 ) نىڭ قەلىمىدىكى << گۇي جەي مەجمۇئەسى >> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >> دەل بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسى بولۇپ، مەزكۇر شەجەرىنىڭ باش قۇرلىرىدا : << شى جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، تۇنيۇقۇق ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر … >> دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كىشى، يەنى تۇنيۇقۇق ئاشىد قەبىلىسىدىن بولۇپ، تۇرالاردىن كېلىپ چىققان. ئاشنا قەبىلىسى باش بولۇپ 552- يىلى تۈرك خانلىقىنى قۇرغاندا ئاشىد قەبىلىسى ئاشنالارغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان. شۇڭا، ئاشىد قەبىلىسى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە چوڭ ئىمتىيازلىق غوللۇق قەبىلىگە ئايلانغان. 744- يىلى ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندا، تۇنيۇقۇق جەمەتىنى يادرو قىلغان ئاشىد قەبىلىسى ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تىركەشمەي ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.
840 – يىلى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرىز بولۇپ، ئورقۇن ۋادىسىدىكى خەلق غەربكە كۆچۈپ قوچۇدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قاشىغا كۆچكەندە، تۇنيۇقۇق جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تەڭ كۆچۈپ قوچۇغا كەلگەن.
مەزكۇر << شى جەمەتى شەجەرىسى >> دە: ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا جاھان تېنچ ئىكەن. تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋ يىللىرىدا ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەندە، تاڭ ئوردىسىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئۇيغۇر خانلىقى تۇنيۇقۇقنى قوشۇن باشلاپ، توپلاڭنى تېنجىتىشقا ئېۋەرتكەن. تۇنيۇقۇق 120 يىل ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن، دەپ يېزىلغان. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى يەنى شى جەمەتى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئىزچىل يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. كېيىن، چىڭگىزخان ( چىڭغۇزخان ) باش كۆتۈرۈپ، مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندا، شى جەمەتى ئەزالىرىمۇ مۇڭغۇل ئوردىسىدا خىزمەتتە بولغان. يۈەن دەۋرىدە ئۇلاردىن 47 نەپەر داڭدار كىشى يېتىشىپ چىققان. يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلىشىپ، مىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، يۈەن ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشىغان شى جەمەتى ئەزالىرى كورىيىگە كۆچۈپ كېتىشكەن ۋە شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىڭ سۇلالىسى بىلەن كورىيىنىڭ سودا ئالاقىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشقان. ئۇلاردىن شى شۈن )楔逊 ( ئاتلىق داڭلىق ئەدىب يېتىشىپ چىققان ۋە خەنزۇ تىلىدا << يېڭى زىكىرنامە خاتىرلىرى >> ناملىق بىر ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە شى شۈن كورىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەدىب قاتارىدا سانالماقتا.
ئوۋ ياڭشۈن ئەپەندى يازغان مەزكۇر << شى جەمەتى شەجەرىسى >> دە، بۇ جەمەتنىڭ 500 – 600 يىللىق تارىخى قىسقا، ئىخچام ، مېغىزلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ شەجەرىدىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.
1. ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇش، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش ئەنئەنىسى بولغان.
2. نەسەبنامە بىزگە شۇ نەسەبكە تەئەللۇق جەمەت كىشىلىرنىڭ تارىخي كەچمىشلىرى ۋە قىسمەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ قالماستىن، شۇ جەمەت ئەزالىرى ياشىغان ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ تارىخي ۋەزىيىتى ، چوڭ ۋەقە – ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك يىپ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئىېتىدۇ.
3. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد يىلتىزىنى يۈتتۈرۈپ قويماي گۈللەپ ياشنىشىدا ئۇلاردا جەمەت نەسەبنامىسى ياكى شەجەرىسى يېزىپ قالدۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسى بولغاندىن سىرىت، مۇھىمراقى ئۇلار شى دىن ئىبارەت بىر تەگئاتنىڭ ئاستىغا ئۇيۇشقان. دېمەك تەگئات بىزگە ئەنە شۇنداق ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس يىلتىز بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئەگەر ئۇلار شى تەگئاتى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، شى جەمەتىنىڭ شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇرمىغاندا ئىدى، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى تۇنيۇققنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۇنڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئىشلاردا قايمۇققان، خاتا ھۆكۈم قىلىشقان بولاتتى. خۇلاسە، تەگئات بىزنىڭ كىملىكىمىزگە ئۇرۇلغان ئۆچمەس مۆھۈردۇر. جەمەت شەجەرىسى كىملىكىمىز، تارىخي قىسمەتلىرىمىز پۈتۈلگەن مۇھىم تارىخي ھۆججەتتۇر.
يۈكسەل بلوگى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]