خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت(6)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2010-03-14 19:42



3. ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئىجادىيەت مەركەزلىرى بولۇپ قالدى. ( )

4. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەتبۇئات سورۇنى - «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدى. ( )

5. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنى، ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرى جەھەتتە گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ( )

6. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا پەقەت ئەدەبىي ئىجادىيەت گۈللەندى،ئەمما ئەدەبىياتشۇناسلىقتا ھېچقانداق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلمىدى.( )

7. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا ئەينى ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن گومىنداڭ مەدھىيلىنىدىغان ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلدى.( )

8. مۇھەممەتئىمىن توخنىياز - گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. ( )

9. مۇھەممەت پەيزى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىزى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە داڭلىق تىلشۇناس ۋە ئالىم ئىدى. ( )

10. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ئەدەبىي ژانېر يەنىلا شېئىرىيەت بولدى. ( )

11. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن زۇنۇن قادىرى،ئەلقەم ئەختەم،سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئىدى. ( )

12. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابى نىڭ غەلبىسىگە بولغان تەنتەنە مەزمۇنلىرىمۇ ئىپادىلەنگەن. ( )

13. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دراما ئىجادىيتى ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان.( )

14. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتىگە ئېرىشكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى. ( )

15. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى «تىلەش»، شۇڭا «ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈر» دەپ ئاتىلىدۇ. ( )

16. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ئىجادىيتى 40-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ( )

17. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانېرلىرىدا ئەسەر يازغان. ( )

18. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىجادىيتىدە شېئىرىيەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ( )

19.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېزىلغان شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى قىسقا لېرىكىلاردىن ئىبارەت. ( )

20.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېزىلغان داستانلىرىدىن «قەشقەر كېچىسى»،«يېڭى جوڭگۇ گۈلىستانىغا» قاتارلىقلار بار. ( )

21. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «دېڭىزدىن سادا» ناملىق نەسىرىدە ئاساسلىق قىلىپ دېڭىزنىڭ گۈزەل مەنزىرسى تەسۋىرلەنگەن . ( )

22. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «باش ئەگىم» ناملىق نەسىرىدە تاھىر-زۆھرە ھەققىدىكى مۇھەببەت قىسسىسى ھېكايە قىلىنغان. ( )

24. 40- يىللاردا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «تارىم بويلىرى»، «قەشقەر كېچىسى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ( )

25. «قەشقەر كېچىسى» ناملىق داستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك داستانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن كېرىم بىلەن لەيلىنىڭ مۇھەببەت قىسىسى ھېكايە قىلىنغان. ( )

26. «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا قەشقەرنىڭ 40-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي رېئاللىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. ( )

27. «قەقشەر كېچىسى» داستانىدا ئەسەر باش قەھرىمانلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلۇمغا،تەڭسىزلىككە،فوئوداللىق تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلىش روھى ئىپادىلەنگەن. ( )

28. «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا شائىر ئەسەردىكى ۋەقەلىكنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ يېزىپ، پرسۇناژلار خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن.( )

29. «قەشقەر كېچىسى» داستانىنىڭ تەسۋىرلىرى ناھايىتى نەپس بولۇپ، پرسۇناژلارنى تەسۋىرلىگەندە ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە يەنە پىسخىكىسىنى تەسۋىرلەسكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ( )

30. ئەھمەد زىيائى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىلا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق ئەدىب. ( )

31. ئەھمەد زىيائى ئەرەپ-پارىس تىللىرىنى ناھايىتى پىششىق ئىگەنلىگەن بولۇپ، 10 نەچچە يېشىدىلا پارىسچە شېئىرلارنى يازغان. ( )

32. ئەھمەد زىيائى ئۆزىنىڭ «يېڭى ھايات گېزىتى»دە شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق ئەدىبلىرىدىن بولغان قۇتلۇق شەۋقىنى ئىشلەتكەن. ( )

33. ئەھمەد زىيائى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا دراما ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «رابىيە-سەئدىن» قاتارلىق داستانلارنى يازغان. ( )

34. ئەھمەد زىيائى «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق رومانىدا ئەينى دەۋر رېئاللىقىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىللەرنى مۇھاكىمە قىلغان. ( )

35. «لاداخ يولىدا كارۋان» - ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېزىلغان ساياھەت خاتىرىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )

36. ئەھمەد زىيائىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتىدە شېئىرىيەت ئىجادىيتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ( )

37. ئەھمەد زىيائىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېزىلغان شېئىرلىرى ئۇنىڭ «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ( )

38.ئەھمەد زىيائى «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسىدا رابىيەنىڭ ئابدۇرېھىم نىزارى بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن ئىبارەت كۆرۈنۈشنى يېزىپ، بۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تارىخى چىنلىقىنى ئاشۇرغان. ( )

39. مەمتىمىن توختايوپ يازغان «قانلىق داغ» رومانى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا يېزىلغان تۇنجى رومان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )

40. «قانلىق يەر» رومانىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەبنىڭ مۇئەللىمى سادىقنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە پاجىئەلىك تەقدىرى يېزىلغان. ( )

42. ئىمىرھەسەن قازى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. ( )

43. «قەلەم مېنىڭ قورالىم، مىلتىق بىلەن تەڭ» دېگەن شېئىرنى داڭلىق شائىر ئەمەت ئۆمەر يازغان. ( )

44. ئىمىن تۇرسۇن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا «دەۋرانى» دېگەن تەخەللۇسىنى قوللانغان. ( )

45. ئىمىن تۇرسۇن نەسىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئۈرۈمچىگە مەكتۈپ» ناملىق نەسىرنى يازغان. ( )

46. رەھمىتۇللا جارىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى شېئىرلىرىدا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە ئىپادىلەنگەن. ( )

 

 

3) توغرا جاۋابنى تاللاش سۇئالى

1. تۆۋەندىكىلەردىن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى – پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بوغلان ئارىلىقتىكى ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ

B: 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بوغلان ئارىلىقتىكى ئۈرۈمچى،قەشقەر،خوتەن،تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ

C: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي زۇلۇم تۈپەيلىدىن ھېچقانداق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشلەرگە ئېرىشەلمىگەن

D: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەيدانغا كەلگەن

2. تۆۋەندىكىلەردىن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )

A: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت،پروزا،نەسىر ۋە دراما قاتارلىق ئەدەبىي ژانېرلارنىڭ ھەممىسىدە مۇناسىپ ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى

B: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى رومان مەيدانغا كەلدى

C: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا ھېكايە ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى يارىتىلدى

D: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن ئەدەبىي توپلاملار نەشىر قىلىندى

3. تۆۋەندىكىلەردىن قايسى گوروپپىدىكى ئەدىبلەر گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى ھېساپلىنىدۇ؟

A: زۇنۇن قادىرى، ئەلقەم ئەختەم،ئابلىز نازىرى،سەيپىدىن ئەزىزى

B: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئەھمەد زىيائى،مەمتىمىن توختايوپ،ئىمىن تۇرسۇن

C: مۇھەممەتئىمىن توختايوپ، رەھمىتۇللا جارى، ئەمەت غوپۇرى،ئىمىرھەسەن قازى

D: ئەھمەد زىيائى، تېيىپجان ئېلىيوپ،نەمەت خەلپەت، قاسىمجان قەمبىرى

4. تۆۋەندىكىلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان

B: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھازىرقى زامان داستانچىلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان

C: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان

D: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى رومانتىزىملىق ئىجادىيەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان

5. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شۇغۇللانغان ئەدەبىي ژانېرلار ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: شېئىرىيەت ۋە پروزا B: شېئىرىيەت ۋە نەسىر

C: دراما ۋە نەسىر D: پروزا ۋە نەسىر

6. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا نەسىر قىلىنغان شېئىرلار توپلاملىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: «ئۆمۈر مەنزىللىرى» B: «تارىم بويلىرى»

C: «يۈرەك مۇڭلىرى» D: «غەزىنىلەر بوسۇغۇسىدا»

7. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېزىلغان داستانلىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» B: «قەشقەر كېچىسى»

C: «يېڭى جوڭگۇ گۈلىستانىغا» D: « ئەخمەتجانقاسىمى»

8. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نەسىر ئىجادىيتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «قاشتېشىغا مەدھىيە»، «دېڭىزدىن سادا» قاتارلىق نەسىرلەرنى يازغان

B: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «باش ئەگىم»، «دېڭىزدىن سادا» قاتارلىق نەسىرلەرنى يازغان

C: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى نەسىرلىرىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەينى دەۋر رېئاللىقىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشىنى ئىپادىلىگەن

D: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى نەسىرلىرىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرسىنى تەسۋىرلىگەن

9. تۆۋەندىكىلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )

A: بۇ شېئىرلاردا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش رېئاللىقى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

B: بۇ شېئىرلاردا خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە شانلىق مەدەنىيتى ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن

C: بۇ شېئىرلاردا خەلق خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل،بەختىيار ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشى ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن

D: بۇ شېئىرلاردا ئوخشىتىش،سىمۋوللاشتۇرۇش،جانلاندۇرۇشقا ئوخشاش ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار قوللىنىلغان

10. تۆۋەندىكىلەردىن «قەشقەر كېچىسى» داستانىنىڭ يېزىلىشى ۋە نەشىر قىلىنىشى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: بۇ داستان 1947-،1948-يىللىرى ئەتراپىدا قەشقەردە يېزىلغان

B: بۇ داستان 1948-،1949-يىللىرى ئەتراپىدا يېزىلغان

C: بۇ داستان 1979-يىلى نەشىر قىلىنغان

D: بۇ داستان 1980-يىلى نەشىر قىلىنغان

11. «قەشقەر كېچىسى» داستانى : ( )

A: بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى ئاساس قىلىپ يېزىلغان مۇھەببەت داستانى

B: ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى ۋەقەلەر چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخى داستان

C: ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ناھايىتى كەڭ ۋە تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قامۇس خاراكتېرلىق شېئىرىي رومان

D: ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان داستان

12. تۆۋەندىكىلەردىن ئەھمەد زىيائى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئەھمەد زىيائى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتىگە ئېرىشكەن داڭلىق ئەدىب

B: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەھمەد زىيائى 3 پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپ، زور داغدۇغا قوزغىغان

C: ئەھمەد زىيائى ھازىرقى زامان شائىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا داڭلىق بولۇپ قالماستىن،بەلكى يەنە مائارىپ ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتقان

D: ئەھمەد زىيائى رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا،شېئىرلىرىدا ئىنقىلاب مەزمۇنى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن

13. تۆۋەندىكىلەردىن ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەدەبىي تەربىيلىنىشى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئەھمەد زىيائى ئەرەپ-پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان

B: ئەھمەد زىيائى رۇس –سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان

C: ئەھمەد زىيائى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان

D: ئەھمەد زىيائى ھېچقانداق ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان

14. ئەھمەد زىيائى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا شۇغۇللانغان ئەدەبىي ژانېرلار: ( )

A: شېئىرىيەت ۋە دراما B: پروزا ۋە نەسىر

C: دراما ۋە ساياھەت خاترىسى D: پروزا ۋە شېئىرىيەت

15. تۆۋەندىكىلەردىن ئەھمەد زىيائىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يازغان شېئىرلىرى : ( )

A: «تەربىيەت»،«يۇرت-ئەل ئۈچۈن»،«ئاختۇرۇپ يۈردۈم مەھبۇبنى»

B: «ئىلىم سۆيگۈسى دىلدا»، «جاھان لەنگەر»،«كىشىلە كۈلسە خوشلۇق بىرلە كۈل»

C: «نەي ساداسى»، «كۆرۈپ ئىلمۇ چېچەكلەرنى»، «گۈل تولا گۈللۈكتە ئەمما»

D: «قىز كۆڭلىنى باستى غەم»، «داغدىمەن»، «قېنى تاڭنىڭ نەسىمى»

16.تۆۋەندىكىلەردىن «رابىيە-سەئدىن» داستانى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى : ( )

A: «رابىيە-سەئدىن» درامىسى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ شۇ ناملىق داستانىنى دراما قىلىپ ئۆزگەرتىپ يېزىلغان

B: «رابىيە-سەئدىن» مىرامىسى 1943-يىلى يېزىلغان

C: «رابىيە-سەئدىن» درامىسىدا تۇنجى قېتىم ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ داستانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن

D: «رابىيە-سەئدىن» درامىسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى دراما بولۇپ ھېساپلىنىدۇ

17. «رابىيە-سەئدىن» درامىسىدىكى پرسۇناژلار ئوبرازلىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: «رابىيە-سەئدىن» درامىسىدا رابىيە ۋە سەئدىندىن ئىبارەت ئىككى پرسۇناژ ئوبرازى يارىتىلغان

B: رابىيە – فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قىز-ئاياللارنىڭ ۋەكىلى

C: سەئدىن – ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ،بۇ يولدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلغان باتۇر يىگىتلەرنىڭ ۋەكىلى

D: «رابىيە-سەئدىن» درامىسىدا يازغۇچى ئۆزى ياراتقان پرسۇناژلارنىڭ سەرگۈ-زەشتلىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان،ئەمما تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

18. تۆۋەندىكىلەردىن «قانلىق يەر» رومانى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )

A: «قانلىق يەر» رومانى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئىجاد قىلىنغان ئەڭ مۇنەۋۋەر رومانلىرىنىڭ بىرى

B: «قانلىق يەر» رومانىدا شىنجاڭنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرىدىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

C: «قانلىق يەر» رومانى ئەسلى ئۇيغۇرچە يېزىلىپ،كېيىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان

D: «قانلىق يەر» رومانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەئنىۋى ئىپىك ئەسەرلەر ئىجادىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا يېزىلغان

19.تۆۋەندىكىلەردىن «قانلىق يەر» رومانىنىڭ پرسۇناژلىرى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى: ( )

A: بۇ روماندا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەب ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى يېزىلغان

B: بۇ روماندا سادىق بىلەن رەناخاندىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق پرسۇناژ ئوبرازى يارىتىلغان

C: بۇ روماندا قادىر،پادىل،تۇردى قاتارلىق سەلبى پرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان

D: بۇ روماننىڭ پرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيتى خېلى يۇقۇرى

20. تۆۋەندىكىلەردىن سادىق ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى :

A: سادىق – مەمتىمىن توختايوپنىڭ «قانلىق يەر» رومانىدىكى ئاساسلىق پرسۇناژ

B: سادىق – ئەينى دەۋردىكى جاھالەت كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇغيۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىلى

C: سادىق – ئۆز مۇھەببىتى يولىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ،دۈشمەنلىرىنى يوقۇتۇپ ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرگەن قەھرىمانلارنىڭ ۋەكىلى

D: سادىق - «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا يارىتىلغان قوشۇمچە پرسۇناژ بولۇپ، كېرىمنىڭ يېقىن دوستى

21. تۆۋەندىكىلەردىن ئەمەت غوپۇرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )

A: ئەمەت غوپۇرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان

B: ئەمەت غوپۇرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتيىمائىي رېئاللىق چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

C: ئەمەت غوپۇرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت، ئەدەپ-ئەخلاق تېمىلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن

D: ئەمەت غوپۇرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تولۇپ-تاشقان مۇھەببەت بىلەن كۈيلەنگەن

22. تۆۋەندىكىلەردىن ئىمىن تۇرسۇننىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئىمىن تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان

B: ئىمىن تۇرسۇن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا شېئىر،دراما ۋە نەسىر قاتارلىق ژانېرلاردا ئەسەر يازغان

C: ئىمىن تۇرسۇننىڭ ھازىرقى زامان باسقۇچىدىكى ئىجادىيتىدە نەسىر ئىجادىيتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ

D: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئىمىن تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىمۇ ئاخىرلاشقان

23. ئىمىن تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان شېئىرى : ( )

A: «قوغۇن پىشقاندا» B: «ئۈرۈمچىگە مەكتۈپ»

C: «تۈن نالىسى» D: قىزلار – جۇۋانلار»

24.تۆۋەندىكىلەردىن ئىمىن تۇرسۇن شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئىمىن تۇرسۇن شېئىرلىرىدا لېرىكا بىلەن ئىپىكا ماھىرلىق بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان

B: ئىمىن تۇرسۇن شېئىرلىرىنىڭ رومانتىزىملىق ئالاھىدىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك

C: ئىمىن تۇرسۇن شېئىرلىرىنىڭ بەدەئىي ماھارىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، شائىرنىڭ بەدەئىي پاساھەت قوغلىشىش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن

D: ئىمىن تۇرسۇن شېئىرلىرىدا ئۇنىڭ ئالىملىق پەزىلىتى خېلى گەۋدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان

25. ئىمىن تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئىمىن تۇرسۇن ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقان

B: ئىمىن تۇرسۇن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك ھەسسە قوشقان

C: ئىمىن تۇرسۇن «ئۇيغۇر يىگىتى» ناملىق نەسىرى بىلەن ھازىرقى زامان نەسىرچىلىكىگە ئاساس سالغان

D: ئىمىن تۇرسۇن ھەر خىل ژانېردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن كۆپ ژانېرلىق ئىجادىيەت ئۈچۈن تۇنجى ئۈلگە بولۇپ قالغان

26. تۆۋەندىكىلەردىن رەھمىتۇللا جارى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: رەھمىتۇللا جارى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىدىلا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىر

B: رەھمىتۇللا جارى شېئىرىيەتنى ئاساسلىق ژانېر قىلغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلاردۇر.

C: رەھمىتۇللا جارى ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈر-ژانېرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ،ھەممىسىدىلا گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن

D: رەھمىتۇللا جارى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا «تېنچ دون» قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.

27. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە «ئەي ئالىملار، خەستەمىز كۆپ،نېگە قىلمايسىز داۋا؟ سىز بېرۇرسىز ‹پەن ھارام› دەپ كۆپچىلىككە پەتىۋا» دېگەن مىسرالار ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: بۇ مىسرادىكى «ئالىملار» ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلىدىغان پەن ئالىملىرىنى كۆرسىتىدۇ

B: بۇ مىسرالاردا «پەن ئۈگىنىش ھارام» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ،خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرغان ئاتالمىش «ئالىملار» قاتتىق تەنقىدلەنگەن

C: بۇ مىسرالار ئۆزىنى ئالىم ئاتىۋېلىپ،ئەمەلىيەتتە ئىلىم-پەنگە قارشى كىشىلەرگە قارىتىپ يېزىلغان

D: بۇ مىسرالاردا ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش قاتارلىق بەدەئىي ئىپادىلەش ۋاستلىرى كۆپ قوللىنىلغان

28. رەھمىتۇللا جارىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسى ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن شېئىرلار : ( )

A: « ۋاقىت ۋە ئۆمۈر» ناملىق شېئىرى B: «ئويغىنىڭ» ناملىق شېئىرى

C: «بىزنىڭ باغ» ناملىق شېئىرى D: «كاشىغەر» ناملىق شېئىرى

A: B: C: D:

 

4) ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش سۇئالى

1. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى

2. «شىنجاڭ گېزىتى»

3. «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى»

4. مۇھەممەتئىمىن توخنىياز

5. مۇھەممەت پەيزى

6. «شىرىن»

7. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

8. «يېڭى جوڭگۇ گۈلىستانىغا»
ئالدىنقىسى: يوق
كېيىنكىسى: مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار