خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت(4)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2010-03-14 19:42



15. «غۇنچەم» درامىسىدا ( ) ۋە ( )دىن ئىبارەت بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى يېزىلغان.

16. «غۇنچەم» درامىسىدا سەلبى پرسۇناژلاردىن( ) ۋە ئۇنىڭ ئايالى ( )نىڭ ئوبرازىمۇ خېلى ياخشى يارىتىلغان.

17. زۇنۇن قادىرىنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابى تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن ( ) ناملىق ھېكايە بىلەن ( ) ناملىق ئوچېرىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

18. «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ھېكايىسىدە ( ) بىلەن ( )تىن ئىبارەت ئىككى مۇئەللىمنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

19. «شەپقەت ھەمشىرىسى» ناملىق ئوچېرىكتا،( )غا قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان سېسترا قىز ( )نىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى يېزىلغان.

20. زۇنۇن قادىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئەڭ داڭلىق ھېكايىسى ( )-يىلى يېزىلغان ( ) ناملىق ھېكايىدۇر.

21. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە ) ۋە ( )دىن ئىبارەت بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى بىلەن پاجىئەلىك تەقدىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

23. زۇنۇن قادىرى شېئىرىي مەسەل ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ( )،( )قاتارلىق مەسەللەرنى يازغان.

24. زۇنۇن قادىرىنىڭ ( ) ناملىق ھېكايە-ئوچېرىكلار توپلىمى بىلەن ( ) ناملىق درامىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

25. زۇنۇن قادىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى ( )نىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان،ھەتتا بۇ يازغۇچى ھەققىدە ( ) ناملىق ماقالىمۇ يازغان.

26. ئەلقەم ئەختەم – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ( ) باسقۇچىدىكى ( ) ئىجادىيتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى.

27. ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتى ( )-ئەسىرنىڭ

( )-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ( ) باشلانغان.

28. ئەلقەم ئەختەمنىڭ ( )، ( )،( ) قاتارلىق مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى بار.

29. ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىدا ( ) مەنزىرسى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، شائىرنىڭ كۈچلۈك ( ) ئىپادىلىنىدۇ.

30. ئابلىز نازىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ( ) باسقۇچىدا گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتىگە ئېرىشكەن داڭلىق ( ).

31. ئابلىز نازىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ( )-يىلى ئېلان قىلىنغان ( ) ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان.

32. ئابلىز نازىرى تۇرپاندىن چىققاندىن كېيىن، دەسلەپ ( )، 1947- يىلىدىن كېيىن ( ) خىزمەت قىلغان.

33. ئابلىز نازىرى ئەدەبىياتنىڭ ( )، ( )،( ) قاتارلىق ژانېرلىرىدا ئەسەر يېزىپ گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشكەن.

34. ئابلىز نازىرىنىڭ ( ) ناملىق نەسىرىدە ئۇلۇغ شائىر (        ) تىلغا ئېلىنغان.

35. ئابلىز نازىرىنىڭ ( )، ( ) قاتارلىق ھېكايىلىرى داڭلىق.

36. «مۇڭلۇق ئالچۇق» ھېكايىسىدە ( ) ۋە ( )دىن ئىبارەت بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئوبرازى يارتىلغان.

37. سەيپىدىن ئەزىزى – ئۇيغۇر ( ) ئەدەبىياتى ۋە (ئۇيغۇر (

) ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى ئەدەبىيات دەۋرىنى باشتىن كۆچۈرگەن.

38. سەيپىدىن ئەزىزى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايە ھېساپلىنىدىغان ( ) ناملىق ھېكايىسىنى ( )-يىلى ( ) تە يازغان.

39. تېيىپجان ئېلىيوپ – ئۇيغۇر ( ) ئەدەبىياتى ۋە (

) ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى ئەدەبىيات دەۋرىنى باشتىن كۆچۈرگەن.

40. تېيىپجان ئېلىيوپ ( )-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھيىسىدە تۇغۇلۇپ، ( )-يىلى (ئۈرۈمچى)دە ئالەمدىن ئۆتكەن.

41. تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ( )-يىلى يېزىلغان  ( ) ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان.

42. تېيىپجان ئېلىيوپ رۇس شائىرى ( )نىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم پۇشكىنغا ئاتاپ ( ) ناملىق شېئىر يازغان.

43. ( ) «گۈدۈك» ناملىق شېئىرىدا ( ) ئىنقىلابى مەزمۇن قىلىنغان.

 

2) توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى

1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى 1945-يىلىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ( )

2. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى دەۋرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )

3. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى – پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ( )

4. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى – شىنجاڭنىڭ ئىلى،ئالتاي،چۆچەك ۋىلايەتلىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قستىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىنى كۆرسىتىدۇ. ( )

5. ماۋزېدوڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى «جوڭگۇ يېڭى دېموكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ( )

6. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى جوڭگۇ كومپارتىيسى بىلەن قويۇق ئالاقىلەردە بولدى ۋە ئۇنىڭ غەمخورلىقىغا ئېرىشتى. ( )

7. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ( )

8. زۇنۇن قادىرى،ئەلقەم ئەختەم،سەيپىدىن ئەزىزى،ئابلىز نازىرى قاتارلىق ئەدىبلەر ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )

9. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا زۇنۇن قادىرى ۋەكىللىكىدە پروزا ئىجادىيتى مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ،باشقا ژانېرلاردىكى ئىجادىيەت ھېچقانچە مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلمىدى. ( )

10. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا درامىچىلىق ساھەسىدىكى نەتىجىلەر گەۋدىلىك بولدى،بۇ جەھەتتىكى ئىجادىيەتتە باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۈلگە بولدى. ( )

11. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ئاساسەن ئەرەپ-پارىس ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى. ( )

12. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ئەڭ داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ بىرى نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلىدۇر. ( )

13. نەمەت خەلپەت-ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى مەزگىلىدە گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشكەن شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. ( )

14. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مەتبۇئاتچىلىق تەرەققىي قىلىپ،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بەردى. ( )

15. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلى ئاساسەن ئۇرۇش مەزگىلى بولغاچقا،بۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتتا گەۋدىلىك ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ۋە داڭلىق ئەدىبلەر مەيدانغا چىقمىدى. ( )

16. زۇنۇن قادىرى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مەشھۇر يازغۇچى. ( )

17. زۇنۇن قادىرى رۇسىيدە ئوقۇش جەريانىدا رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ( )

18. زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1937-يىلى يازغان «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايسى بىلەن باشلانغان. ( )

19. زۇنۇن قادىرى رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ماكسىم گوركىي ئىجادىيتىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. ( )

20. زۇنۇن قادىرىنىڭ «ئۇچراشقاندا» درامىسىدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسى ئىپادىلەنگەن. ( )

21. زۇنۇن قادىرى يالغۇز داڭلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئىقتىدارلىق سەنئەتكار ئىدى. ( )

22. زۇنۇن قادىرىنىڭ «غۇنچەم» درامىسىدا فېئوداللىق تۈزۈم ۋە بۇ تۈزۈمنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان. ( )

23. «غۇنچەم» درامىسى ئەسەر باش قەھرىمانلىرىدىن بولغان غۇنچەم،نۇرۇملارنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان. ( )

24. «غۇنچەم» درامىسىدا فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ جىنايەتلىرى پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان. ( )

25. زۇنۇن قادىرى غۇنچەم درامىسىنى شۇ دەۋر درامىلىرىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ئۆزگىچە ئۇسۇل-ماھارەتلەرنى قوللىنىپ يېزىپ چىققان. ( )

26. «غۇنچەم» درامىسىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك پۇرىقى ناھايىتى ناھايىتى كۈچلۈك. ( )

27. «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ھېكايىسىدە مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدىكى دېھقانلارنىڭ مەيۈس،ئۈمىدسىز روھى ھالىتى ئىپادىلەنگەن. ( )

28. «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم زىيالىيلار ئوبرازى يارىتىلغان ھېكايىدۇر. ( )

29.«مۇئەللىمنىڭ خېتى» ھېكايىسىدە پرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ( )

30. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە باقى ئائىلىسىنىڭ قىسمەتلىرى ۋە پاجىئەلىك تەقدىرى ئارقىلىق دەۋر رېئاللىقى چىنلىق بىلەن بەدەئىي يۈكسەكلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ( )

31. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى يېزىلغان. ( )

32. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە باشتىن-ئاخىر ھاياتنىڭ ئازاپلىق،ئېچىنىشلىق تەرەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ( )

33. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنىڭ باش قەھرىمانى – باھارخان بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ( )

34. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىكى مەتنىياز – كونا جەمئىيەت كاردىن چىقىرىپ،كېرەكسىز قىلىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى. ( )

35. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە تەپسىلاتلار تەسۋىرىنىڭ چىنلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ( )

36. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بەدەئىي مۇۋەپپەقىيەت-لىرىدىن بىرى – سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەۋر رېئاللىقىنى ۋاستلىق ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت. ( )

37. ئەلقەم ئەختەم – ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان شائىر. ( )

38. ئەلقەم ئەختەم 1939-يىلىدىن تارتىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان. ( )

39. ئەلقەم ئەختەم ئەدەبىي تەسىر جەھەتتە رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ( )

40. ئەلقەم ئەختەم پۇشكىنغا ئاتاپ شېئىر يېزىپ،«ئىزىڭنى باسسام،دېدىم مەن پۇشكىن» دېگەن. ( )

41. ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ( )

42. ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىدا تەبىئەت مەنزىرسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق شائىرنىڭ كۈچلۈك لېرىك ھېسىياتى ئىپادىلىنىدۇ. ( )

43. ئەلقەم ئەختەمنىڭ بارلىق شېئىرلىرى شېئىرىي شەكىل جەھەتتىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا تەۋە. ( )

44. ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرى ئىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرى خىېلى كۆپ. ( )

45. ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە «جەنۇپقا خەت» ناملىق شېئىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ( )

46. ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرى ناھايىتى كۈچلۈك لېرىكىلىققا ئىگە. ( )

47. ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مۇناسىبەتلىك تەركىبلەر ناھايىتى كۆپ. ( )

48. ئەلقەم ئەختەم «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىر سالاھيىتى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆپ جايلارغا بىرگە بارغان. ( )

49. ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرلىرى ئۇسلۇب جەھەتتىن شۇ دەۋردىكى باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن رۇشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ( )

50. ئەلقەم ئەختەم پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان دەۋرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ( )

51. ئابلىز نازىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىغا تەۋە يازغۇچى. ( )

52. ئابلىز نازىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك ھەسسە قوشقان. ( )

53. ئابلىز نازىرى ھەممە ژانېر-تۈرلەردىكى ئىجادىيەتتە زۇنۇن قادىرى بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ. ( )

54. ئابلىز نازىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى 1943-يىلى ئېلان قىلىنغان «سىڭلىمغا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ( )

55. ئابلىز نازىرىنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە «كۆڭلۈم سەندىدۇر» ناملىق شېئىرى ناھايىتى داڭلىق. ( )

56. ئابلىز نازىرى شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ،رېئالىزىملىق پۇرىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىكلەرگە ئىگە. ( )

57. «يازغۇچىنىڭ تەسىراتى» ناملىق ھېكايە بىرىنچى شەخس بايان تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابلىز نازىرىنىڭ ئىجادىيەت تەسىراتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ( )

58. «يازغۇچىنىڭ تەسىراتى» ناملىق نەسىردە ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر نەۋايىغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن. ( )

59. «مۇڭلۇق ئالچۇق» ناملىق ھېكايىدە نىياز ۋە زۆھرەخاندىن ئىبارەت بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىلەنگەن. ( )

60. «مۇڭلۇق ئالچۇق» ناملىق ھېكايىدە ئازادلىقتىن بۇرۇنقى تۇرپان يېزىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. ( )

61. «مۇڭلۇق ئالچۇق» ناملىق ھېكايىنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان بىلەن بەدەئىيلىكى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس،بۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھېكايە ئىجادىيتىدە ساقلانغان ئورتاق مەسىلە ئىدى. ( )

62. «مىجىلغان ياش يۈرەكلەر» ناملىق ھېكايىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ،ئۇلارنى بەختسىز قىلغانلىقى ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىنغان. ( )

63. «مىجىلغان ياش يۈرەكلەر» ناملىق ھېكايە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا زىيالىيلار تېمىسىدا يېزىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )

64. ئابلىز نازىرىنىڭ ھېكايىلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، «ئادەمىيلىك» ئۇلۇقلانغان. ( )

65. ئابلىز نازىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان باسقۇچىدا پەقەت ھېكايە ئىجادىيتى بىلەنلا شۇغۇللانغان. ( )

66. سەيپىدىن ئەزىزى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىردىن بىرى،شۇنداقلا «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلاۋىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ( )

67. سەيپىدىن ئەىزىزى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان،شۇڭا ئۇ رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ( )

68. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1938-يىلى ئېلان قىلىنغان «شانلىق قۇربان» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ( )

69. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تۇنجى ھېكايىسى ھېساپلىنىدىغان «يېتىم توختى» ناملىق ھېكايىدە فېئودال خۇراپاتلىقنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن كۈلپەت لىرى پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان. ( )

70.«شانلىق قۇربان» - سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ مۇھىم درامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىشلار يېزىلغان. ( )

71. تېيىپجان ئېلىيوپ – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. ( )

72. تېيىپجان ئېلىيوپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش شائىرلارنىڭ بىرى. ( )

73. تېيىپجان ئېلىيوپ تۇنجى شېئىرىدىلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىدەك ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن.(

74. تېيىپجان ئېلىيوپ ئەرەپ-پارىس ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا،شېئىرىدا ئەرەپچە،پارىسچە سۆزلەرنى كۆپ قوللىنىدۇ. ( )

75. كۈرەش تېمىسى - تېيىپجان ئېلىيوپ ئىجادىيتىدىكى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )

76. تېيىجان ئېلىيوپ شېئىرىي ماھارەت ۋە بەدەئىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى جەھەتتە ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. ( )

77. تېيىپجان ئېلىيوپ گەرچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئىنقىلاب ھەققىدە شېئىر يازمىغان. ( )

78. نەمەت خەلپەت – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىر. ( )

79. نەمەت خەلپەت – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىنى دېگۈدەك بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەم ھەممە باسقۇچىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ( )

80. نەمەت خەلپەت «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابى مەزگىلىدە غۇلجىدا تۇرغان ھەم شۇ يەردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ( )

81. نەمەت خەلپەت شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ چۈشكۈن،ئۈمىدسىز روھى ھالىتى ئىپادىلەنگەن. ( )

82. نەمەت خەلپەت شېئىرلىرىنىڭ ئەخلاقىي-دېداكتىك ئەھمىيتى ناھايىتى كۈچلۈك .( )

83. نەمەت خەلپەت ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ( )

 

3) توغرا جاۋابنى تاللاش سۇئالى

1. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغان مەزگىل ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ

B: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدا پۈتۈن شىنجاڭغا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان

C: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىيات ئادەتتە ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ۋە گومىنداڭ ھۆكغمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلنىدۇ

D: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ۋە گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى

2. تۆۋەندىكى يازغۇچىلاردىن قايسىلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى داڭلىق ئەدىبلەر ھېساپلىنىدۇ؟ ( )

A: زۇنۇن قادىرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ،مەمتېلى توختاجى،ناسۇھا ئىمىن

B: ئەلقەم ئەختەم،زۇنۇن قادىرى،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئەھمەد زىيائى

C: ئابلىز نازىرى،سەيپىدىن ئەىزى،مەمتىمىن توختايوپ،ئىمىن تۇرسۇن

D: ئابدۇقادىر داموللا، رەھمىتۇللا جارى،قۇتلۇق شەۋقى،نەمەت خەلپەت

3. تۆۋەندىكلىلەردىن ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىكەن

B: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلار كۆپخىللاشقان بىر ئەدەبىيات باسقۇچى بولدى

C: ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا ئاساسلىق قىلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قانداق پارتىلىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

D: ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پەقەت شېئىرىيەت ئىجادىيتىدىلا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

3. تۆۋەندىكىلەردىن ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىگە تەنتەنە قىلىش

B: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلارغا ئازاب چېكىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش

C: ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدىيلەش

D: غايىۋى تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىپ،كۈچلۈك سوبىكتىپ ھېسىياتنى ئىپادىلەش

4. تۆۋەندىكى ئەسەرلەردىن قايسىلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېزىلغان ئەسەرلەر؟ ( )

A: «ماغدۇر كەتكەندە» B: «قەشقەر كېچىسى»

C: «كۆڭلۈم سەندىدۇر» D: «جەڭچى ئاكامغا»

5. تۆۋەندىكىلەردىن ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئاساسلىق مەتبۇئات سورۇنلىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: «ئىتتىپاق» ژورنىلى B: «كۈرەش» ژورنىلى

C: «شىنجاڭ گېزىتى» D: تەڭرىتاغ نەشرىياتى

6. تۆۋەندىكىلەردىن زۇنۇن قادىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى : ( )

A: زۇنۇن قادىرى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى

B: زۇنۇن قادىرى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زاماندىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەدىب

C: زۇنۇن قادىرى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقى ۋە ھازىرقى زامان درامىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان ئەدىب

D: زۇنۇن قادىرى «ماكسىم گوركىي» ناملىق ماقالىسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات-شۇناسلىقىغا ئاساس سالغان داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس.

7. زۇنۇن قادىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەڭ گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئەدەبىي ژانېرلار: ( )

A: پروزا B: شېئىرىيەت

C: دراما D: ئەدەبىي ئاخبارات

8. تۆۋەندىكىلەردىن زۇنۇن قادىرىنىڭ تۇنجى درامىسى ۋە ھېكايىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى: ( )

A: 1937-يىلى يېزىلغان «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايىسى

B: 1937-يىلى يېزىلغان «جاھالەتنىڭ جاپاسى» ناملىق درامىسى

C: 1945-يىلى يېزىلغان «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايىسى

D: 1948-يىلى يېزىلغان «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ھېكايىسى

9. تۆۋەندىكىلەردىن «غۇنچەم» درامىسى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: بۇ درامىدا فېئوداللىق كونا جەمئىيەتنىڭ جىنايىتى پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان

B: بۇ درامىدا ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە بۇ يولدا قۇربان بولغان غۇنچەمنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلغان

C: بۇ درامىدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نادانلىق ۋە خۇراپاتلىققا قارشى قوزغىلىپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

D: بۇ درامىدا ئاپتۇر نۇرۇمنىڭ غۇنچەمنى قۇتۇلدۇرىشىدىن ئىبارەت تەپسىلات ئارقىلىق، ئازادلىقنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن.

10. تۆۋەندىكىلەردىن «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنىڭ بەدەئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە تەپسىلاتلار تەسۋىرى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان

B: «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك

C: «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە غەربنىڭ ئەڭ ئىلغار بەدەئىي ئۇسۇل-ۋاستىلىرى قوللىنىلغان

D: «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىكى پرسۇناژلارنىڭ ۋۇجۇدىغا غۇلجا ئۇيغۇر-لىرىنىڭ خۇشچاقچاق،يۈمۈرىستىك خاراكتېرى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن.

11. تۆۋەندىكىلەردىن زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى:()

A: زۇنۇن قادىرى ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقى ۋە درامىچىلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى يارىتىپ،كېيىنكى تەرەققىياتقا ئۈلگە بولدى

B: زۇنۇن قادىرى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بەدەئىي ئىپادىلەش سەۋىيسىنى يۇقۇرى كۆتەردى

C: زۇنۇن قادىرى ئەدەبىي ژانېرلارنىڭ ھەممىسىدە ئەسەر يېزىپ،كۆپ ژانېرلىق ئىجادىيەت ئۈچۈن يول ئاچتى

D: زۇنۇن قادىرى مول ھوسۇللۇق ئەدىب سۈپىتىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلىپ كىردى.

12. تۆۋەندىكىلەردىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
ئالدىنقىسى: يوق
كېيىنكىسى: مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار