خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت(5)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2010-03-14 19:42



A: ئەلقەم ئەختەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ-يېتىلىش باسقۇچىدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى.

B: ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرى كۈچلۈك لېرىكىلىققا ۋە ئۆزگىچە تىل ئالاھىدىلىكىگە ئىگە

C: ئەلقەم ئەختەم «بىز ئىز»،«دىلبەر»،«قەشقەر قىزى»،«باھارنى سېغىندىم» قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان

D: ئەلقەم ئەختەم ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت» شېئىرىيتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان

13. تۆۋەندىكىلەردىن ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىنىڭ بەدەئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىدا كىلاسسىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا،ۋەزىن جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە

B: ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىنىڭ لېرىكىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،شائىرنىڭ كۈچلۈك ئىدىيۋى ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن

C: ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرى تىل جەھەتتىن رۇشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاز بوغۇملۇق،ئاممىباب،چۈشىنىشلىك،كۆپ مەنا قاتلىمىغا ئىگە تىل قوللىنىلغان

D: ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن بولغان مۇناسىبىتى ناھايىتى قويۇق

14. تۆۋەندىكىلەردىن ئابلىز نازىرىنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )

A: ئابلىز نازىرىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ئىجادىيتى ھېكايىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ

B: ئابلىز نازىرى شېئىر،ھېكايە،نەسىر قاتارلىق ژانېرلاردا ئەسەر يازغان ۋە بۇ ژانېرلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشقان

C: ئابلىز نازىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «ئىتتىپاق» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن

D: ئابلىز نازىرى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

15. تۆۋەندىكىلەردىن ئابلىز نازىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: ئابلىز نازىرى كۆپ خىل ژانېردىكى ئىجادىيتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان

B: ئابلىز نازىرى ھېكايە ئىجادىيتىدىكى گەۋدىلىك نەتىجىلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان

C: ئابلىز نازىرى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر نەسىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان نەسىرچىلىكىگە ئاساس سېلىش رولىنى ئوينىدى

D: ئابلىز نازىرىنىڭ نىسبەتەن تولۇق ئەسەرلەر توپلىمى – «كۆڭلۈم سەندىدۇر» 2004-يىلى نەشىر قىلىندى

16. ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر نەۋايىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ،ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز قايىللىق ۋە ھۆرمەت ئىپادىلەنگەن ئەسەر : ( )

A: ئابلىز نازىرى يازغان «كۆڭلۈم سەندىدۇر» ناملىق شېئىر

B: ئابلىز نازىرى يازغان «يازغۇچىنىڭ تەسىراتى» ناملىق نەسىر

C: ئىمىن تۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر يىگىتى» ناملىق نەسىر

D: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يازغان «ئىز» ناملىق شېئىر

17. ئابلىز نازىرى تۇرپان يېزىلىرىنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى، دېھقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ يازغان ھېكايە: ( )

A: «سالام دەڭلار» B: «كۆڭلۈم سەندىدۇر»

C: «مۇڭلۇق ئالچۇق» D: «مىجىلغان ياش يۈرەكلەر»

18. تۆۋەندىكىلەردىن سەيپىدىن ئەزىزى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: سەيپىدىن ئەزىزى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى

B: سەيپىدىن ئەزىزى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىغا ئاساس سالغان يازغۇچى

C: سەيپىدىن ئەزىزى – «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى

D: سەيپىدىن ئەزىزى – ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردىلا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان.

19. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى ھېكايە ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى : ( )

A: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايە 1938-يىلى ئېلان قىلىنغان

B: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايىنى سەيپىدىن ئەزىزى يازغان

C: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايە «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ھېكايىدۇر

D: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبسىسى مەدىيلەنگەن

20. تۆۋەندىكىلەردىن «شانلىق غەلبە» ناملىق ئەسەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى:

( )

A: بۇ بىر پارچە دراما ئەسىرى

B: بۇ درامىنىڭ ئاپتۇرى ئابلىز نازىرى

C: بۇ درامىدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېما قىلىنغان

D: بۇ درامىدا ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىنقىلابى كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن

21. تېيىپجان ئېلىيوپ : ( )

A: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدا ئەدەبىي ئىجادىيتىنى باشلىغان

B: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان

C: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈر-ژانېرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرەتكەن

D: ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا بىر قىسىم ناھايىتى ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلغان.

23. تۆۋەندىكىلەردىن نۇرمۇھەممەت بۇساقوپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ – پۈتۈن ئىجادىيتىنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى يېزىشقا بېغىشلىغان شائىر

B: نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئارۇز ۋەزىندە يېزىلغان شېئىرلار بولۇپ،ئۇ، بۇ خىل شېئىر شەكلىدە يېڭى پەللە ياراتقان

C: نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ ئىجادىيتىدە شېئىرىيەت ئىجادىيتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ

D: نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ شېئىرلىرىدا ئىنقىلابى كۈرەش تېمىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ

24. تۆۋەندىكىلەردىن نەمەت خەلپەت ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: نەمەت خەلپەت – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى

B: نەمەت خەلپەت خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان

C: نەمەت خەلپەت بىر ئۆمۈر تۇرپاندا ياشىغان ھەم شۇ يەردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان

D: نەمەت خەلپەت شېئىرىيەتنىڭ ھەممە تۈر-شەكىللىرىدە دېگۈدەك ئەسەر يازغان بولۇپ،ئۇيغۇر شېئىرىيتىنى رەڭدارلاشتۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان

25. تۆۋەندىكىلەردىن نەمەت خەلپەت ئىجادىيتىنىڭ بەدەئىي ئالاھىدىكلىرى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )

A: نەمەت خەلپەت شېئىرلىرى چوڭقۇر ئىدىيۋى مەزمۇنغا ئىگە

B: نەمەت خەلپەت شېئىرلىرىنىڭ تىلى ناھايىتى پاساھەتلىك

C: نەمەت خەلپەت شېئىرلىرى ئۇسلۇب جەھەتتىن جۇشقۇن،جەڭگىۋار

D: نەمەت خەلپەت ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان

 

 

4) ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش سۇئالى

1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى

2. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى

3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

4. «11 بېتىم»

5. «ئىتتىپاق»

6. قاسىمجان قەمبىرى

7. زۇنۇن قادىرى

8. «جاھالەتنىڭ جاپاسى»

9. «مۇئەللىمنىڭ خېتى»

10. «غۇنچەم»

11. «ماغدۇر كەتكەندە»

12. «قوشچى بىلەن چاشقان»

13. غۇنچەم

14. باقى

15. «خاتىرىلەر»

16. روزى

17. شەپقەت ھەمشىرىسى

18. ئەلقەم ئەختەم

19. چاچما شېئىر

20. «قەشقەر قىزى»

21. ئابلىز نازىرى

22. «يازغۇچىنىڭ تەسىراتى»

23. زىيالىيلار تېمىسىدىكى ئەسەرلەر

24. «مۇڭلۇق ئالچۇق»

25. «مىجىلغان ياش يۈرەكلەر»

26. سەيپىدىن ئەزىزى

27. «يېتىم توختى»

28. «شانلىق قۇربان»

29. «شانلىق غەلبە»

30. تېيىپجان ئېلىيوپ

31. «جەڭچى ئاكامغا»

32. «سېنىڭ ناخشاڭ»

33. نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ

34. «گۈدۈك»

35. نەمەت خەلپەت

36. «پەلەكتىن شىكايەت»

 

5)قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى

1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئىجادىيەتنى نېمە ئۈچۈن قايسى ئىككىگە بۆلىمىز ؟

3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قانداق ئىنقىلاپ؟ بۇ ئىنقىلاپ جوڭگۇ كومپارتىيسى بىلەن قانداق مۇناسىبەتتە بولۇپ كەلدى؟

4. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى نېمە ئۈچۈن گەۋدىلىك تەرەققىياتلارغا ۋە ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى؟

5. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن كىملەر بار؟

6. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا قانداق گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى؟

7. ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى پروزا ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

8. ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

9. ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى دراما ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

10. ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدە نەشىر قىلىنغان «ئىتتىپاق» ژورنىلىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى قىسقىچە سۆزلەڭ.

11. زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىنى ھەرقايسى ژانېرلاردىكى ئىجادىيتى بويىچە قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

12. «غۇنچەم» درامىسىدا قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟

13. «غۇنچەم» درامىسىدا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟

13. «غۇنچەم» درامىسىنىڭ بەدەئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟

14. غۇنچەم ئوبرازىنى تەھلىل قىلىڭ.

15. «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايىنىڭ مەزمۇنى نېمە؟

16. «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ھېكايىسىنىڭ مەركىزى ئىدىيسى نېمە؟

17. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدە قانداق ۋەقە يېزىلغان؟

18. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنىڭ مەركىزى ئىدىيسى نېمە؟

19. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنىڭ بەدەئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟

20. باقى ئوبرازىنى تەھلىل قىلىڭ.

21. باقى پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلىڭ.

22. زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان ئاساسلىق تۆھپىلىرىنى سۆزلەپ بېقىڭ.

23. ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

24. ئەلقەم ئەختەم ئەدەبىي تەربىيلىنىش جەھەتتە قايسى ئەدەبىياتنىڭ،قايسى ئەدىبلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان؟

25. ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرلىرى مەزمۇن جەھەتتە قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىك- لەرگە ئىگە؟

26. ئەلقەم ئەختەم شېئىرلىرى بەدەئىيلىك جەھەتتە قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىك-لەرگە ئىگە؟

27. ئابلىز نازىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى قايسى تەرەپلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؟

28. ئابلىز نازىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ھېكايە ئىجادىيتىنى تونۇشتۇرۇڭ.

29. ئابلىز نازىرى شېئىرلىرى قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟

30. «يازغۇچىنىڭ تەسىراتى» قايسى ژانېردا يېزىلغان ئەسەر؟ بۇ ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئەسەر دەيمىز؟

31. «يازغۇچىنىڭ تەسىراتى» ناملىق ئەسەردە قانداق كىشىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان؟ قايسى شائىرنىڭ تەرىپى قىلىنغان؟

32. «مۇڭلۇق ئالچۇق» ناملىق ھېكايىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە مەركىزى ئىدىيسىنى سۆزلەڭ.

33. «مىجىلغان ياش يۈرەكلەر» ناملىق ھېكايىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە مەركىزى ئىدىيسىنى سۆزلەڭ.

34. ئابلىز نازىرى ھېكايىلىرى بەدەئىيلىك جەھەتتە قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟

35. سەيپىدىن ئەىزىزى كىم؟ ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ئىجادىيتىنى سۆزلەڭ.

36. نېمە ئۈچۈن سەيپىدىن ئەزىزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى دەيمىز؟

37. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «شانلىق قۇربان» ناملىق ھېكايىسىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە مەركىزى ئىدىيسىنى سۆزلەڭ.

38. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «شانلىق غەلبە» ناملىق درامىسىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە مەركىزى ئىدىيسىنى سۆزلەڭ.

39. تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتىنى سۆزلەڭ.

40. تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتىنىڭ تېما ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ.

41. نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ كىم؟ ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

42. نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ شېئىرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى نېمە؟ بۇ تېمىلار ئۇنىڭ قايسى شېئىرلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن؟

43. نەمەت خەلپەت كىم؟ ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.

44. نەمەت خەلپەت شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇنىنى سۆزلەڭ.

45. نەمەت خەلپەت شېئىرلىرىنىڭ تېما ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ.

46. نەمەت خەلپەت شېئىرلىرى قانداق بەدەئىي ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟

 

6) مۇھاكىمە سۇئالى

1. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى مىسالىدا ئەدەبىيات تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ مۇناسىبىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

2. زۇنۇن قادىرىنى نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان ئەدىب دەيمىز؟

3. زۇنۇن قاىدرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.

4. «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىكى باقى پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ھەققىدىكى قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

5. «غۇنچەم» درامىسدا پرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىشتا قانداق ئاساسلىق ئۇسۇللار قوللىنىلغان؟

6. ئەلقەم ئەختەمنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان شائىر دەيمىز؟

7. شېئىرلار مىسالىدا ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرىيەت ماھىرلىقىنى مۇھاىمە قىلىڭ ھەم ئۇنىڭ ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ئەھمىيتىنى چۈشەندۈرۈڭ.

8. ئابلىز نازىرىنى نېمە ئۈچۈن ھېكايە ئىجادىيتىدە زۇنۇن قادىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئەدىب دەيمىز؟ ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قايسى جەھەتلەردىن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان؟

9. تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ئەدەبىي تەربىيلىنىشىدىن ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەدەبىي تەسىرلەرنىڭ ئوينىغان رولىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.

10. نېمە ئۈچۈن نەمەت خەلپەتنى پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە باي شائىر دەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ.





 

1) بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇش سۇئالى

1. ( )-يىلى شېڭ شىسەي نەنجىڭگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا ( ) ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

2. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى دېگىنىمىز (

) قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ( )-يىلىدىن ( )-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

3. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن

( ) ، ( ) ، ( ) قاتارلىقلار بار.

4. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ( ) بولۇپ، بۇ تەخەللۇسنى شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بولغان ( ) تەقدىم قىلغان.

5. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( )-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ، ( )-يىلى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

6. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى ( ) -ئەسىرنىڭ ( ) – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا رەسمىي باشلانغان.

7. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ( )،

( )، ( ) قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر شېئىرلارنى يازغان.

8. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ( )،

( ) ناملىق ئىككى پارچە توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

9. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ئىجادىيتىدە ( )-يىلى يازغان «يېڭى جوڭگۇ گۈلىستانىغا» ناملىق ( ) مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

10.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا نەسىر ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ( )، ( ) قاتارلىق نەسىرلەرنىمۇ يازغان.

11. «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا ( ) بىلەن ( )دىن ئىبارەت بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن.

12. «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا بىرقاتار ئىجابىي پرسۇناژلاردىن باشقا يەنە

( )، ( ) قاتارلىق سەلبى پرسۇناژلار ئوبرازىمۇ يارىتىلغان.

13. «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا پرسۇناژلار خاراكتېرىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇلارنىڭ تاشقى ( ) تەسۋىرى بىلەن ئىچكى ( ) تەسۋىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن.

14. ئەھمەد زىيائى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ( ) ۋە ( ) دىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەدىب.

15.ئەھمەد زىيائى ( )-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىدە تۇغۇلۇپ،

( )-يىلى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

16. ئەھمەد زىيائى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەدەبىياتنىڭ (

)، ( ) قاتارلىق ژانېرلىرىدا گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتىگە ئېرىشكەن.

17. ئەھمەد زىيائى 1928-يىلى ( ) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قوللىنىپ، ( ) ناملىق داستاننى يېزىپ چىققان.

18. ئەھمەد زىيائى 1935-يىلىدىن باشلاپ قەشقەردە ( ) باش مۇھەررىرلىكىدە نەشىر قىلىنىدىغان ( ) گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

19. 1947-يىلى «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى»دە ئەھمەد زىيائىنىڭ (

) ، ( ) ، ( ) قاتارلىق ئۈچ پارچە كىتابى بىرلا ۋاقىتتا بېسىلغان.

20. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى ساياھەت خاتىرىسى ( ) يازغان ( ) ناملىق ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

21. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەھمەد زىيائى (

)، ( )، ( ) قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان.

22. ئەھمەد زىيائىنىڭ دراما ئىجادىيتىدە ( )-يىللاردا يېزىلغان

( ) داستانى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

23. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا «رابىيە-سەئدىن» ھەققىدىدىكى ئەڭ ياخشى ئەسەرنى تۇنجى قېتىم كىلاسسىك شائىر ( ) يازغان، ئىككىنچى قېتىم  ( ) يازغان.

24. رابىيە-سەئدىن ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى ئابدۇرېھىم نىزارى ( ) قىلىپ يازغان بولسا، ئەھمەد زىيائى ( ) قىلىپ يازغان.

25. ئەھمەد زىيائى «رابىيە-سەئدىن» دىرامىسىدا ئۇيغۇر شائىرى (    ) ۋە ئۇنىڭ ( ) داستانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

26. ئەھمەد زىيائى رابىيە-سەئدىن تېمىسىدا ئىككى پارچە مۇھىم ئەسەر يازغان، ئۇنىڭ بىرى «رابىيە-سەئدىن»( )،يەنە بىرى «رابىيە-سەئدىن»  ( ) دۇر.

27. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى رومان (  ) تەرىپىدىن يېزىلغان ( ) رومانىدۇر.

28. «قانلىق يەر» رومانىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىدىكى مەكتەبنىڭ مۇئەللىمى

( ) بىلەن شۇ يېزىدىكى گۈزەل قىز ( )نىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ( ) تەقدىرى يېزىلغان.

29. سادىق – مەمتىمىن توختايوپنىڭ ( ) رومانىدىكى باش قەھرىمان بولۇپ،شۇ دەۋردىكى ( ) ۋەكىلى.

30. «قانلىق يەر» رومانى گەرچە ( )-( )-يىللىرى يېزىلغان بولسىمۇ ، ئەينى ۋاقىتتا خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ( )-يىلى نەشىر قىلىنغان.

31. قۇربان ئىمىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى ( )-يىلى «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ( ) ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان.

32. قۇربان ئىمىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ (

) باسقۇچىدا باشلانغان،ئۇ ( ) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قوللانغان.

33. قۇربان ئىمىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ( ) ،

( ) ، ( ) قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان.

34. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا قۇربان ئىمىن يازغان ساتىرالار ئىچىدە

( )، ( ) قاتارلىقلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.

35. ئىمىرھەسەن قازى ئۇيغۇر ( ) ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق شائىر ( ) نىڭ ئوغلى.

36. ئىمىرھەسەن قازى ( ) ئىجادىيتى جەھەتتە ( ) قاتارلىق شېئىر –داستانلارنى يازغان.

37. ئەمەت غوپۇرى – ئۇيغۇر ( ) ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، 1921-يىلى ( )دا تۇغۇلغان.

38. ئەمەت غوپۇرىنىڭ :«قەلەم مېنىڭ ( )، نەيزەم بىلەن تەڭ، قەلەم تۇتۇپ قىلىمەن، ( ) بىلەن جەڭ» دېگەن شېئىرى ئىنتايىن داڭلىق.

39. ئەمەت غوپۇرىنىڭ ( ) ، ( ) ، ( ) قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى بار.

40. «ئۆمۈر ناياپ» دېگەن شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ( ) بولۇپ، بۇ ماۋزۇنىڭ مەنىسى ( ) دېگەندىن ئىبارەت.

41. ئىمىن تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ( ) ۋە ( )دىن ئىبارەت ئىككى ئەدەبىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن داڭلىق ئەدىب.

42. ئىمىن تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي ھاياتىدا ( ، ( ) ، ( ) قاتارلىق ژانېرلاردا ئەسەرلەرنى يازغان.

43. ئىمىن تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ( )-يىلى ئېلان قىلىنغان

( ) ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان.

44. ئىمىن تۇرسۇننىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە ( ) ، (

) ، ( ) قاتارلىق شېئىرلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.

45. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا يېزىلغان ئۇيغۇر يىگىتى ھەققىدىكى نەسىر ( ) يازغان ( ) ناملىق نەسىردۇر.

46. ئىمىن تۇرسۇن ( ) ناملىق ماقالە يېزىپ، ئابدۇرېھىم ئكتكۈر بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىي ھەمكارلىقتا يازغان ( ) درامىسىنىڭ بەدەئىي مۇۋەپپەقىيتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

47. رەھمىتۇللا جارى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ( ) ۋە (ب

)دىن ئىبارەت ئىككى ئەدەبىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەدىب.

48. رەھمىتۇللا جارىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ( )-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا

( )دە باشلانغان.

49. رەھمىتۇللا جارىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى شېئىرلىرى ئىچىدە

( ) ، ( ) قاتارلىق شېئىرلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.

 

2) توغرا –خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى

1. 1945-يىلى شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ( )

2. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلاردا ھېچقانداق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بارلىققا كەلمىدى. ( )
ئالدىنقىسى: يوق
كېيىنكىسى: مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار