3) توغرا جاۋابنى تاللاش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى : ( )
A: 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تەخمىنەن يېرىم ئەسھىرلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ
B: 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن 1944-يىلىدىكى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتىلىغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ
C: 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن 1949-يىلى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ
D: شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1933-يىلىدىن ھاكىمىيەتتىن چۈشكەن 1944-يىلىغىچە بولغان ئارىقتىكى ئەدەبىيات باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ
2. تۆۋەندىكىلەردىن «ئەلتە بۈيۈك سىياسەت»نىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى : ( )
A: 1933-يىلى B: 1936-يىلى
C: 1938-يىلى D: 1949-يىلى
3. تۆۋەندىكىلەردىن «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )
A: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز-تولا تەسىر كۆرسەتتى
B: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا يا پايدىسى بولمىدى،يا زىيىنى بولمىدى
C: پەقەت ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ سەھنىلەردە ئوينىلىشىغا پايدىسى بولدى
D: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىدى،توستى
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئوينالغان دراما : ( )
A: مۆمىن ئىسىملىك يازغۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان «باتۇر ئوغلان» درامىسى
B: زۇنۇن قادىرى تەرىپىدىن يېزىلغان «جاھالەتنىڭ جاپاسى» ناملىق دراما
C: لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەرىپىدىن يېزىلغان «كۈرەش قىزى» ناملىق دراما
D: 1934-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئوينالغان
5. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا ئۇيغۇر ئاپتۇرلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان ئەدەبىي ژانېرلار:
A: ھېكايە،شېئىر،داستان ۋە دراما B: دراما، شېئىر، پروزا ، نەسىر
C: ھېكايە، شېئىر،نەسىر ۋە ئوپېرا D: شېئىر، دراما، نەسىر ، ھېكايە
6. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى-دىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: بۇ باسقۇچتا دراما ئىجادىيتىنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى
B: بۇ باسقۇچتا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسى ئىجادىيەتتىكى ئاساسلىق تېمىغا ئايلاندى
C: بۇ باسقۇچتا ئەدەبىي ژانېر ۋە تۈرلەر كۆپ خىللاشتى
D: بۇ باسقۇچتا دراما،ھېكايە،نەسىر قاتارلىق ژانېر ۋە تۈرلەردە ئەسەرلەر يېزىلىپ، بۇ ژانېرلاردىكى ئىجادىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىندى
7. تۆۋەندىكىلەردىن مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: مەمتېلى ئەپەندى ئاتۇشتا تۇغۇلغان،چۆچەكتە بىر مەزگىل تۇرغان،كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە تۈركىيگە بارغان.
B: مەمتېلى ئەپەندى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ھەرخىل توسقۇنلۇق ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى مەكتەب مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان
C: مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى ئەينى دەۋر رېئاللىقىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن،شۇنداقلا كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەت ئۈگىنىشكە دەۋەت قىلغان
D: مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە تېپىلغان شېئىرلىرى «مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى» دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان.
8. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرىدا : ( )
A: ئۆزى بارغان ئەللەردىكى تەرەققىيات،گۈللىنىشكەر مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن
B: ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى ھەر خىل سىياسىي،ئىجتىمائىي زۇلۇملار،شۇنداقلا نامراتلىق،نادانلىق،خۇراپاتلىق ھالەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن
C: پەن-مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، كىشىلەرنى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەنلەشكە چاقىرىق قىلىنغان
D: ئۇيغۇرلاردا يېڭى مەكتەب مائارىپىغا ئاساس سالغان مۇسابايېۋلارغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن
9. تۆۋەنىكىلەردىن مەمتېلى ئەپەندى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: مەمتېلى ئەپەندى ئۆز شېئىرلىرىدا تەرەققىي قىلىش كېرەكلىكىنى،بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپنى گۈللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان
B: مەمتېلى ئەپەندىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتى ئۇنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن زىچ باشلىنىپ كەتكەن
C: مەمتېلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەرىپەتچلىك ئىدىيسى ۋە مائارىپچىلىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان
D: مەمتېلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەتچلىك ئىدىيسى ۋە مائارىپچىلىق ھەرىكىتى ئادەتتە «تەۋپىق روھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ
10. تۆۋەندىكىلەردىن نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: نىمشېھىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا باشلانغان
B: نىمشېھىتنىڭ ئەڭ مۇھىم،ۋەكىللىك،يىرىك ئەسىرى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېزىلغان
C: نىمشېھىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى پەقەت ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىلا ئېلىپ بېرىلغان
D: نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان باسقۇچىدىكى ئىجادىيتى كېيىنكى ئىجادىيتى ئۈچۈن ئاساس سېلىش رولىنى ئوينىغان
11. تۆۋەندىكىلەردىن نىمشېھىتنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: نىمشېھىتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەرمىيا ئېلى بولۇپ، «نىمشېھىت» ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىدۇر
B: «نىمشېھىت» شائىرنىڭ ئەسلى ئىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى «ئەرمىيا ئېلى سايرامى» دۇر
C: نىمشېھىت 1933-يىلىدىن باشلاپ بۇ تەخەللۇسنى قوللانغان
D: نىمشېھىتنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق،شۇنداقلا نىمشېھىتنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى بىلەنمۇ باغلىنىشى يوق
12. تۆۋەندىكىلەردىن نىمشېھىتنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى: ( )
A: نىمشېھىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىدە شېئىرىيەت ئىجادىيتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ
B: نىمشېھىتنىڭ شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسلىق مەركىزى ئىدىيە قىلىنغان
C: نىمشېھىت شېئىرلىرىنىڭ تىل ماھارىتى ناھايىتى يۇقۇرى
D: نىمشېھىت شېئىرلىرى كىلاسسىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بىلەن قىلچە باغلىنىشى بولمىغان يېڭىچە شېئىرلاردۇر
13. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» : ( )
A: نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يازغان داستانىدۇر
B: ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىىىدا تۇنجى قېتىم يېزىلغان مۇھەببەت داستانىدۇر
C: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم مىڭ ئۆيلەر ھەققىدە يېزىلغان ئەسەردۇر
D: ئەلشىر نەۋايى تەرىپىدىن يېزىلغان مۇھەببەت داستانىدۇر
14. تۆۋەندىكىلەردىن نىمشېھىت شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: نىمشېھىت شېئىرلىرىدا رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ
B: نىمشېھىت شېئىرلىرىنىڭ تىلى ناھايىتى پاساھەتلىك بولۇپ، يۇقۇرى بەدەئىي ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئىگە
C: نىمشېھىت شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن بولغان مۇناسىبىتى ناھايىتى قويۇق
D: نىمشېھىت شېئىرلىرىدا ھېچقانداق بەدەئىي ئىپادىلەش ۋاستلىرى قوللىنىلمىغان
15. تۆۋەندىكىلەردىن نىمشېھىتنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: نىمشېھىت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستانچىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان
B: نىمشېھىت ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان
C: «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانى ئارقىلىق ھازىرقى زامان داستانچىلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان
D: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان
16. تۆۋەندىكىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى:( )
A: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان
B: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەرنى كۆپخىللاشتۇرۇشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان
C: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەدەبىياتنى رېئاللىققا زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرغان ھەم ئۇنىڭ تېما دائىرىسىنى كېڭەيتكەن
D: لۇتپۇللا مۇتەللىپ تىپىك خاراكتېرگە ۋە رۇشەن مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بىرقاتار پرسۇناژلار ئوبرازىنى ياراتقان.
17. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئەدەبىي ژانېرلار : ( )
A: شېئىر B: دراما C: نەسىر D: پروزا
18. تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسى «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىردىن ئېلىنغان پارچە:( )
A: «ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى»
B: «نەۋايى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا»
C: «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»
D: «ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن،ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى»
19. تۆۋەندىكىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەسىر قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتلار ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتى B: ئەرەب-پارىس ئەدەبىياتى
C: خەنزۇ ئەدەبىياتى D: ياۋروپا-ئامېرىكا ئەدەبىياتى
20. تۆۋەندىكىلەردىن «تەسىراتىم» ناملىق شېئىر ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: «تەسىراتىم» ناملىق شېئىرنى ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر نەۋايى يازغان
B: «تەسىراتىم« ناملىق بۇ شېئىر ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر نەۋايى ھەققىدە يېزىلغان
C: «تەسىراتىم» ناملىق بۇ شېئىر نەۋايى ئەنئەنىسىنىڭ كېيىنكى ئەدەبىياتلاردىكى تەسىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېساپلىنىدۇ
D: تەسىراتىم ناملىق بۇ شېئىردا رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودى قوللىنىلغان
21. تۆۋەندىكىلەردىن «كۈرەش قىزى» ناملىق دراما ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى:()
A: «كۈرەش قىزى» درامىسىدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاساسلىق تېما قىلىنغان
B: «كۈرەش قىزى» درامىسىدا خەنزۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن
C: «كۈرەش قىزى» درامىسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقىدىكى ئۆزلەشتۈرۈلمە درامىلارنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ
D: «كۈرەش قىزى» درامىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۈرەشچان،جەڭگىۋار ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن
23. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ فاشىسزىمغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى ئىككى پارچە نەسىرى : ( )
A: «بىز شىنجاڭ ئوغۇل قىزلىرى » B: «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»
C: «‹پادىشاھ سامۇراي›لىرى ھالسىرايدۇ» D: «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»
24. تكۋەندىكىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ رېئالىزىملىق خاراكتېرى كۈچلۈك
B: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدە پىكىر-ئىدىيلەر بىۋاستە ئىپادىلىنىدۇ
C: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ بەدەئىيلىكى ئىنتايىن ئۈستۈن
D: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن باغلىنىشى ئالاھىدە گەۋدىلىك
25. تۆۋەندىكىلەردىن قايسىلىرى ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ شېئىرى؟ ( )
A: «خىيالچان تىلەك» B: «يېڭى جوڭگۇ گۈلىستانىغا»
C: «كۈن چىقىش شامىلى» D: «قىشقا بېغىشلاپ»
26. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاساسلىق تېما : ( )
A: ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش
B: كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش
C: ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەدھىيلەش
D: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبە-نەتىجىلىرىنى مەدھىيلەش
4) ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش سۇئالى
1. گۈللىنىش باسقۇچى
2. «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى
3. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»
4. شىڭ شىسەي
5. ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى
6. «سانايى نەفىسە»
7. «باتۇر ئوغلان»
8. ئۆزلەشتۈرۈلمە درامىلار
9. مەرۇپ سەئىدى
10. قاسىمجان قەمبىرى
11. ئابدۇللا روزى
12. «ئۆگەي ئانا»
13. ئىبراھىم نورۇز
14. ئايۇپ مەنسۇرى
15. خېلىل ساتتارى
16. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەر
17. مەمتېلى توختاجى
18. «سايرام كۆلى»
19. ئىلىم-مەرىپەت تېمىسى
20. «بىز مۇئەللىم»
21. «تەۋپىق روھى»
22. نىمشېھىت
23. ئەرمىيا ئېلى
24. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن»
25. «بىلىم ئىشقىدا»
26. «خاتا»
27. لۇتپۇللا مۇتەللىپ
28. قاينام ئۆركىشى
29. «تەسىراتىم»
30. «جوڭگۇ»
31. «يىللارغا جاۋاب»
32. «كۈرەش قىزى»
33. يۈلەن
34. «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»
35. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»
36. «ئەدەبىيات نەزەرىيسى»
37. ئەنىۋەر ناسىرى
38. «كۈن چىقىش شامىلى»
39. «قىشقا بېغىشلاپ»
40. ھازىرقى زامان نەسىرچىلىكى
5) قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى قايسى ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ؟
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
3. «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» بىلەن «سانايى نەفىسە»لەر ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينىدى؟
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى درامىلارنى قانداق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؟
5. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ئىجادىي درامىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
6. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا چەت ئەل درامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ئوينىلىش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
7. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا خەنزۇ درامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ئوينىلىش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
8. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا خەلق داستانلىرى ئاساسىدا يېزىلغان درامىلار ئىجادىيتىنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.
9. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
10. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ھېكايە ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
11. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى نەسىر ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
12. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئىجادىيتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
13. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
14. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى داڭلىق ئەدىبلەر كىملەر؟
15. مەمتېلى ئەپەندى كىم؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
16. مەمتېلى ئەپەندى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى قوشقان؟
17. مەمتېلى ئەپەندىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ.ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قانداق شېئىرلىرى بار؟
18. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرىدا قانداق ئاساسلىق مەزمۇن-ئىدىيلەر ئىپادىلەنگەن؟
19. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟
20. نىمشېھىت كىم؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
21. نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتى قانچە باسقۇچقا بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟ قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.
22. «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق شېئىردا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئىپادىلەنگەن؟ بۇ ئىدىينى ئىپادىلەشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھمىيتىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
23. نىمشېھىت «ئاقسۇ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىگەن مەزگىللەردە شۇ دەۋردىكى قايسى داڭلىق شائىر بىلەن قويۇق ئالاقىلەردە بولغان؟
24. نىمشېھىتنى نېمە ئۈچۈن رېئالىزىمچى شائىر دەيمىز؟
25. نىمشېھىت ئىجادىيتىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ ئاساسلىق تېما قايسى؟
26. نىمشېھىت ئىجادىيتى قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟ بىرقانچە نۇقتا بويىچە كۆرسىتىڭ.
27. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنىڭ تۈزۈلىشىنى ۋە مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
28. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
29. نىمشېھىتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسى «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىدا قانداق ئىپادىلەنگەن؟
30. لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىم؟ ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ.
31. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي تەربىيلىنىش جەريانىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ.
32. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق يوللار بىلەن قايسى ئەدەبىياتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؟
33. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.
34. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.
35. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ نەسىر ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.
36. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر تەتقىقاتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.
37. «جوڭگۇ» ناملىق شېئىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى نېمە؟ئۇنىڭدا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
38. «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ ئۇنىڭدا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
39. «تەسىراتىم» ناملىق شېئىردا شائىرنىڭ قانداق ئىدىيۋى ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن؟
40. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قايسى داستاننى يازغان؟ بۇ داستاننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
41. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» ناملىق نەسىرنى نېمە ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كاتتا ئەسەر دەيمىز؟
42. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەرگە قوشقان تۆھپىسىنى سۆزلەڭ.
43. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېقىڭ.
44. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى قايسى تەرەپلەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟
45. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيتى قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟ بىرقانچە نۇقتا بويىچە كۆرسىتىپ بېقىڭ.
46. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.
47. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ «كۈن چىقىش شامىلى» ناملىق شېئىرىدا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئىپادىلەنگەن؟
48. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ «قىشقا بېغىشلاپ» ناملىق شېئىرىنىڭ بەدەئىيلىك جەھەتتىكى ئاساسلىق ئالاھىدىكلىرىنى سۆزلەڭ.
49. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
6) مۇھاكىمە سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا نېمە ئۈچۈن دراما ئىجادىيتى تەرەققىي قىلىپ گۈللەندى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولدى؟
2. «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» بىلەن «سانايى نەفىسە»لەر ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينىدى؟
3. «تەۋپىق روھى» دېگەن نېمە؟ بۇ روھ نېمە ئۈچۈن ئەينى دەۋردىلا قىممەتلىك بولۇپ قالماستىن،بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك دەيمىز؟
4. مەمتېلى توختاجى شېئىرلىرى ئاساسىدا ئۇنىڭ مائارىپ قارىشىنى مۇھاكىمە قىلىڭ ھەم بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىڭ.
5. «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق شېئىردا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ ئەينى دەۋر رېئاللىقىدا مۇنداق ئىدىينى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيتى بار؟
6. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخدىكى قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى كاتتا ئەسەر دەيمىز؟
7. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي تەربىيلىشىنى ۋە باشقا ئەدەبىياتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى سۆزلەڭ.
8. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى چۈشەندۈرۈڭ.
9. نېمە ئۈچۈن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تېما دائىرسىنى كېڭەيتكەن ئەدىب دەيمىز؟
10. «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش» دېگەن تېمىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
1) بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئادەتتە ( ) ۋە (
) دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ.
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى ( )-يىلىدىن ( )-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى ( )-يىلى ( )-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ( ) ناھيىسىدە پارتىلىدى.
4. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا پروزا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشكەن ئەدىبلەر ( )،( ) ۋە ( )لەردۇر.
5. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشكەن شائىرلاردىن ( )،( )،( ) قاتارلىقلار بار.
6. ئۈچ ۋىلايەت سەھنىلىرىدە ( )،( )، ( ) قاتارلىق درامىلار ئوينالغان.
7. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى خاراكتېر جەھەتتە ( )، ( )، ( ) ئەدەبىيات بولدى.
8. ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ( ) ئەدەبىياتىنىڭ، شۇنداقلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ( ) ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى.
9.قاسىمجان قەمبىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ( ) ۋە ( ) ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.
10. نەمەت خەلپەت ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ( ) ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، (
) قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان.
11. زۇنۇن قادىرى ( )-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ،) )-يىلى ( )شەھرىدە ۋاپات بولغان.
12. زۇنۇن قادىرى گەرچە كۆپ خىل ئەدەبىي ژانېر ۋە تۈرلەردە ئەسەر يازغان بولسىمۇ، ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيتى يەنىلا ( ) بىلەن ( )تا گەۋدىلىنىدۇ.
13. زۇنۇن قادىرىنىڭ تۇنجى ئەسىرى – ( )-يىلى يېزىلغان ( ) ناملىق درامىسىدۇر.
14. زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق درامىسى – ( ) درامىسى بولۇپ، ( ) –يىلى يېزىلغان.