خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت(2)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2010-03-14 19:42


D: ئابدۇللا ھاپىز دەسلەپكى ئىجادىيتىنى خەلق قوشاقلىرىنى ئىجاد قىلىش بىلەن باشلىغاچقا،ئۇنىڭ بارلىق شېئىرلىرى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يېزىلغان
16. تۆۋەندىكىلەردىن ناسۇھا ئىمىن ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: ناسۇھا ئىمىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى
B: ناسۇھا ئىمىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،نامراتلىق،نادانلىق،قالاقلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن بۇنداق رېئاللىقتا تۇرغۇسى كەلمەي يەنە چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن
C: ناسۇھا ئىمىن ئۆز دەۋرىدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن مائارىپ ئىشلىرى بىلەن،يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان
D: ناسۇھا ئىمىن ھايات ھەققىدە چوڭقۇر پىكىرلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئىپادىلىگەن پەيلاسوپ شائىر.
 
 
4) ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش سۇئالى (جەمئىي 26 سۇئال)
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى
2. بالدۇر ئويغانغان زىيالىلار
3. نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت
4. ئابدۇقادىر داموللا
5. «ئاممىغا نەسىھەت»
6. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
7. خا ۋېنسەي
8. ئويغىنىش ئىدىيسى
9. «سالام خەت»
10. «كاشىغەر»
11. قەلەم
12. «يۈسۈپ-زىلەيخا»
13. «سائادەتخاننىڭ زارى»
14. ناسۇھا ئىمىن
 
5) قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى قايسى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ؟
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىللار قايسىلار؟
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى بالدۇر ئويغانغان زىيالىيلارنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار؟
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى ئىجادىيەت قانداق ئورتاق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟
5. ئابدۇقادىر داموللا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قانداق تۆھپە قوشقان؟
6. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ «ئەدەبىيات ئاچقۇچى» ناملىق ئەسىرى قانداق ئەسەر؟ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
7. «ئاممىغا نەسىھەت» ناملىق ئەسەردە قانداق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
8. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىشى ھەققىدىكى قارىشى قانداق ئىدى؟
9. ئابدۇقادىر داموللا كىملەرنىڭ قەستىگە ئۇچرىغان؟ نېمە ئۈچۈن قەستكە ئۇچرىغان؟
10.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قايسى ئەدەبىياتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؟
11.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى نېمە؟ بۇ تېمىنى نېمە ئۈچۈن ئابدۇخالىق شېئىرلىرىدىكى ئاساسلىق تېما دەيمىز؟
12. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
13.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟ بىرقانچە نۇقتا بويىچە كۆرسىتىڭ.
14. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى كىم؟ ئۇنىڭ شېئىرىيەت ۋە مەتبۇئاتچىلىقتىكى تۆھپىسىنى سۆزلەڭ.
15. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «ئويغاندى» ناملىق شېئىرىدا قانداق مەركىزى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ بۇ ئىدىينى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ قانداق ئەھمىيتى بار ئىدى؟
16. «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» كىمنىڭ شېئىرلار توپلىمى؟ بۇ توپلامغا قانداق مۇھىم شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن؟
17. «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق توپلامدىكى شېئىرلاردا قانداق مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن؟
18. ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرى بەدەئىيلىك جەھەتتە قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟
19. ناسۇھا ئىمىن كىم؟ ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى دەيمىز؟
20. ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرى مەزمۇن ۋە بەدەئىيلىك جەھەتلەردە قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟
21. ناسۇھا ئىمىننىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ.ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى سۆزلەڭ.
 
6) مۇھاكىمە سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىللار قايسىلار؟
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ پايدىلىق ئامىللىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈڭ.
3. ئابدۇقادىر داموللىنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئىدىيۋى ئاساسچىسى دەيمىز؟
4. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى چۈشەندۈرۈڭ.
5. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغىنىش» ئىدىيسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىدىيۋى يادروسىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.
6. ناسۇھا ئىمىننى نېمە ئۈچۈن پەلسەپىۋى شائىر دەيمىز؟ ئۇنىڭ پەلسەپىۋى شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈڭ.
 
 

1. بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى 1933-يىلىدىكى
( )دىن 1944-يىلى ( ) پارتىلىغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى ( ) «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن ( )-يىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتىلىغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.
3. «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن شىنجاڭغا مىللىتارىست
( ) ھۆكۈمرانلىق قىلدى.ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ( )-يىلىغىچە
( ) يىل داۋاملاشتى.
4.شىڭ شىسەي ئەينى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ( )-يىلى
( ) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نى ئوتتۇرىغا قويغان.
5. «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» تۇنجى قېتىم ( )-يىلى
( ) دە قۇرۇلغان.
6. ( )-يىلى جوڭگۇ كومپارتىيسى مەركىزى كومېتېتى شىنجاڭغا تۇنجى تۈركۈم ( )نى ئېۋەتىپ،شىنجاڭدىكى ئىنقىلابى پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى.
7. 1938-يىلى شىنجاڭدىكى ( )غا قارشى مىللى بىرلىكسەپ ئۆزگەرتىلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ( ) يېتەكچىلىك قىلدى.
8.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى دراما ( )-يىلى تۇرپانلىق مۆمىن دېگەن ياش يىگىر باش بولۇپ ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە ئوينىغان
( ) ناملىق دراما بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
9. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ( ) درامىچىلىقى بىلەن ( ) درامىچىلىقى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
10. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئاساسىدا ( )،( )،( ) قاتارلىق درامىلار يېزىپ سەھنىلەردە ئوينالغان.
11. مەمتېلى توختاجى ھازىرقى زامان ( ) نىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى،شۇنداقلا يېڭى ( ) ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىسى.
12. مەمتېلى ئەپەندى بىلىم ئىگەنلەش،شۇنداقلا دۇنيانى چۈشىنىش مەقسىدىدە 1926-يىلى ( )غا، 1928-يىلى ( )گە بارغان.
13. نىمشېھىت ئۆزىنىڭ ( ) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسىنى ( ) -يىلىدىن تارتىپ قوللىنىشقا باشلىغان.
14. نىمشېھىت ( )-يىلى ( ) ناھيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
15. نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئىجادىيتىنى
( ) ئىجادىيەت باسقۇچى، ( ) ئىجادىيەت باسقۇچى ۋە
( ) ئىجادىيەت باسقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
15. نىمشېھىت ( ) گېزىتى» ئىدارىسىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق شائىرى ( ) بىلەن قويۇق دوستلۇق ئورناتقان.
16. نىمشېھىت غۇلجىدىكى ئىجادىيەت باسقۇچىدا ( )،
( )،( ) قاتارلىق كۆپلىگەن ئېسىل شېئىرلارنى يازغان.
17. نىمشېھىتنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېما ( ) تېمىسى، ئەڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ( ) ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
18. نىمشېھىت ئىجادىيتىدىكى ئەڭ مۇھىم يىرەىك ئەسەر (
) ناملىق داستان بولۇپ، بۇ داستان 20-ئەسىرنىڭ ( )-يىللىرىدا يېزىلغان.
19. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» ناملىق داستان ( )،( )، ( )دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان.
20. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىدا ( ) ۋە ( ) دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق پرسۇناژ ئوبرازى يارىتىلغان.
21. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىدا ئىككى ياشنىڭ ( ) سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىدىكى ( ) ئىدىيە ئىپادىلەنگەن.
22. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىدا نىمشېھىت ( ) بىلەن
( ) ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسىنى يۇرتىمىزنىڭ قەدىمقى زامان سەنئىتىنىڭ گۈلتاجىسى ھېساپلىنىدىغان ( )لەرنىڭ ياسىلىشىغا باغلىغان.
23. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( )،( ) ۋە ( ) قاتارلىق ئەدەبىي ژانېرلاردا ئەسەر يازغان.
24. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( )-يىلى ( ) دۆلىتىنىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىدا تۇغۇلغان.
25. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( ) ئەدەبىياتى، ( ) ئەدەبىياتى قاتارلىق ئەدەبىياتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان،شۇنداقلا ( ) ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان.
26. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى ( )-يىلى
( ) باشلانغان.
27. لۇتپۇللا مۇتەللىپ «تەسىراتىم» ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ شائىر (
) ۋەكىللىكىدىكى ( ) ئەدەبىياتىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
28. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ( )،( )، (
) قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى بار.
29. ( ) يازغان «جوڭگۇ» ناملىق شېئىر كۈچلۈك ( ) روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بولۇپ،پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،
( )نى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
30. لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1942)-يىلى ئۆزىنىڭ ( ) ناملىق داستانىنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا ( )غا قارشى ئۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
31. «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرنى ( ) 1944-يىلى
( )دا يازغان بولۇپ، بۇ شېئىر ( ) دېگەن مىسرا بىلەن باشلانغان.
32. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ( ) ، ( ) ،
( ) قاتارلىق درامىلىرى بار.
33. «كۈرەش قىزى» ناملىق درامىدا ( )غا قارشى كۈرەش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ،ئاددى يېزا قىزى ( )نىڭ ئىنقىلاپ جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان.
34. «چىن مودەن» درامىسىدا ( ) ۋە ( )دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق پرسۇناژ ئوبرازى يارىتىلغان.
35. سامساق ئاكا ئوبرازى يارىتىلغان ئەسەر – دراماتورگ ( )نىڭ
( ) ناملىق درامىسىدۇر.
36. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ( ) ، ( )،
( ) قاتارلىق نەسىرلىرى بار.
37. «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» ناملىق نەسىردە دۇنيا فاشىسىزىمىنىڭ باش جىنايەتچىلىرىدىن بولغان ( ) بىلەن ( ) باش پرسۇناژ قىلىپ يارىتىلغان.
38. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر ( ) ،
( ) ، ( )
قاتارلىق ماقالىلارنى يازغان.
39. ئەنىۋەر ناسىرى – ئۇيغۇر ( ) ئەدەبىياتىنىڭ
( ) باسقۇچىدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى.
40. ئەنىۋەر ناسىرى بىر كۆيۈمچان ( ئۇستاز ) سۈپىتىدە ( ) قاتارلىق ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن.
41. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ ( ) ، ( )
قاتارلىق شېئىرلىرى بار.
42. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ ( )، ( ) كۆرىسەن تېخى ئۆلمىگىنىڭ» دېگەن پارچىسى ناھايىتى داڭلىق.
 
 
2) توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزەىرىشىدىن باشلانغان. ( )
2. «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى شېڭ شىسەينىڭ ئۆز قولى بىلەن جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىنى قولغا ئېلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخى ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. ( )
3. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»كە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ،شىنجاڭنىڭ سىياسىي جەھەتتىن مۇقىم تۇرىشىغا، ئىختىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
4. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ( )
5. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»تە جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى بىلەن قانداق مۇناسىبەتتە بولۇش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. ( )
6. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ھېچقانداق ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتمىگەن. ( )
7. «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»نىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئەدەبىيات- سەنئەت،مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ( )
8. «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» بىلەن «سانايى نەفىسە»لەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدە ئاكتىپ روللارنى ئوينىغان. ( )
9. جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن. ( )
10. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا دراما ئىجادىيتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ گۈللەندى. ( )
11. «شاڭخەي كېچىسى» ناملىق دراما ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى درامىدۇر. ( )
12. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە خەنزۇ ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان درامىلارمۇ ئوينالغان. ( )
13. 20-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرىدا ئۇيغۇر سەنىلىرىدە شىكىسپىرنىڭ درامىلىرى ئوينالغان ئىدى. ( )
14. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى درامىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى خەلق داستانلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن درامىلار تەشكىل قىلغان ئىدى. ( )
15. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا درامىدىن باشقا ژانېرلاردىكى ئىجادىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ئانچە گەۋدىلىك بولمىغان ئىدى.( )
16. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ئىجادىيەتتە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئىجادىيتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى. ( )
17. قاسىمجان قەمبىرىنىڭ دراما ئىجادىيتىدە «غېرىپ-سەنەم» ناملىق دراما ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ( )
18. قاسىمقان قەمبىرى دراما ئىجادىيتىدىن باشقا يەنە شېئىرىيەت ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ( )
19. ئابدۇللا روزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىدە «ئۆگەي ئانا» ناملىق دراما مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ( )
20. «ئۆگەي ئانا» درامىسىدا ئۆگەي ئانىنىڭ بالىلارغا ئۆز ئانىسىدىنمۇ بەك كۆيۈنگەنلىكىدەك مېھرىبانلىقى مەدىيلەنگەن. ( )
21. مەمتېلى ئەپەندى يالغۇز داڭلىق شائىر بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىسىدۇر. ( )
22. مەمتېلى ئەپەندى «سايرام كۆلى» ناملىق مەشھۇر شېئىرىدا سايرام كۆلىنىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەن. ( )
23. مەتېلى ئەپەندى تۈركىيدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ستامبۇلدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ( )
24. مەمتېلى ئەپەندى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەڭ كۆلەمدىكى ئاممىۋى مائارىپ ئىشلىرىنى قانات يايدۇرغان. ( )
25. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت تېمىسى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ( )
26. مەمتېلى ئەپەندى ئىلىم-مەرىپەت تېمىسىدىن باشقا تېمىلاردا شېئىر يازمىغان. ( )
27. مەمتېلى ئەپەندى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەزمۇنىدىكى سەپىرىدىن كېيىن «كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ» ناملىق شېئىرىنى يازغان. ( )
28. مەمتېلى ئەپەندى كۆپلىگەن شېئىرلىرىدا كىشىلەرنى ئىلىم مەرىپەت ئىگەنلەشكە، بۇ ئارقىلىق نادانلىق،قالاقلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرغان. ( )
29. مەمتېلى ئەپەندى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن مېڭىپ، كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى ئارزۇ ۋەزىندە،غەزەل شەكلىدە يازغان.( )
30. تەرەققىيپەرۋەرلىك – مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرىدىكى ئاساسلىق مەركىزى ئىدىيلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
31. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرىنىڭ چاقىرىق كۈچى،جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ( )
32. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن بولغان مۇناسىبىتى گەرچە قويۇق بولمىسىمۇ، ئەمما تىلى ناھايىتى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك. ( )
33. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى ناخشا تېكىستى قىلىپ ئوقۇشقىمۇ بولۇشتەك ئالاھىدىككە ئىگە. ( )
34. نىمشېھىت – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن شائىر.( )
35. نىمشېھىت ئەينى ۋاقىتنىڭ ئادىتى بويىچە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئالغان. ( )
36. نىمشېھىت «ئاقسۇ گېزىتى» ئىدارىسىدا ئىشلىگەن مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ مەشھۇر «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» ناملىق داستانىنى يازغان. ( )
37. نىمشېھىت 1944-يىلى ئاقسۇدىن غۇلجىغا قايتقان ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىسي تەركىبىدە غۇلجىغا بېرىپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرغان.( )
38. نىمشېھىت «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ 1972-يىلى باي ناھيىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ( )
39. نىمشېھىت «ئۆمۈر خاتىرەمدىن» ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمۈر مۇساپىسىنى يەكۈنلەپ چىققان. ( )
40. «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق شېئىر نىمشېھىتنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە يازغان مەشھۇر شېئىرىدۇر. ( )
41. نىمشېھىت گەرچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئىنقىلابقا مۇناسىبەتلىك بولغان بىر پارچىمۇ شېئىر يازمىغان.(
42. نىمشېھىتنىڭ «خاتا»،«غەلەت» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ۋەتەن بۆلگۈنچىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشتەك ئىنقىلابى مەيدانىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىدىيسىنى ئىپادىلىگەن. ( )
43. نىمشېھىت شېئىرلىرىدا رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، شائىرنىڭ كۈچلۈك لېرىك ھېس-تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن. ( )
44. نىمشېھىتنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ ئاساسلىق تېما – ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدۇر. ( )
45. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنى نىمشېھىت غۇلجىدىكى مەزگىلىدە زۇنۇن قادىرىنىڭ يارىدىمى بىلەن يېزىپ چىققان. ( )
46. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا پەرھاد-شېرىن تېمىسىدا يېزىلغان تۇنجى داستان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )
47. «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىدا نىمشېھىت قىزىل مىڭ ئۆيىنىڭ ياسىلىشىنى پەرھاد-شېرىننىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىگە باغلاپ يازغان. ( )
48. نىمشېھىت «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىدا يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنى ئىپادىلىگەن. ( )
49. نىمشېھىت «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا ناھايىتى ئۈنۈملۈك تەدبىقلىغان. ( )
50. نىمشېھىت ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا پەقەت شېئىرىيەت ئىجادىيتى بىلەنلا شۇغۇللانغان . ( )
51. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى داڭلىق ئەدىب. ( )
52. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق،كۆپ ژانېرلىق ئىجادىيتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان. ( )
53. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھيىسىدە تۇغۇلغان. ( )
54. لۇتپۇللا مۇتەللىپ غۇلجىدا دەسلەپ تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە،كېيىن رۇس ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. ( )
55. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدە ماۋدۇن،جاۋدەن قاتارلىق ئىنقىلابى ئىلغار ئىدىيگە ئىگە خەنزۇ زىيالىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ( )
56. لۇتپۇللا مۇتەللىپ رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ( )
57. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۆلىكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،«ئاقسۇ گېزىتى» ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ( )
58. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1945-يىلى 9-ئايدا شېڭ شىسەينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئاقسۇدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ( )
59. لۇتپۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1937-يىلى غۇلجىدا باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى ئەسىرىنى «ئىلى گېزىتى»دا ئېلان قىلغان. ( )
60. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىر،دراما،نەسىر قاتارلىق ئەدەبىي ژانېرلاردا ئەسەر يازغان. ( )
61. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىدە شېئىرىيەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ( )
62. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ( )
63. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جوڭگۇ» ناملىق شېئىرىدا ئاساسلىق قىلىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى،شانلىق مەدەنىيتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ( )
64. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق داستانىدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ( )
65. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتى 1937-يىلى باشلانغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم يازغان درامىسى - «كۈرەش قىزى» ناملىق درامىدۇر. ( )
66. «چىن مودەن» ناملىق درامىنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن ئىجادىي ھەمكارلىقتا يېزىپ چىققان. ( )
67. لۇتپۇللا مۇتەللىپ «ھازىرقى زامان درامىلىرى كىشىلەرگە پەقەت سەنئەت ھوزۇرى بەرسىلا كۇپايە» دەپ قارىغان. ( )
68. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم نەسىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان ئەدىب. ( )
69. «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» ناملىق نەسىردە بىر ئاددى دېھقاننىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى تەئەججۈپلىرى ئىپادىلەنگەن. ( )
70. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» ناملىق نەسىردە جوڭگۇ خەلقىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى لۈرىشىنىڭ غەلبىسىگە بولغان ئىشەنچ ئىپادىلەنگەن. ( )
71. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيتىدە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېمىسىدىكى ئەسەرلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگەنلەيدۇ. ( )
72. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەدەبىي ژانېرلار،ئىجادىيەت تېمىسى ۋە بەدەئىي ئۇسلۇب قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. ( )
73. ئەنىۋەر ناسىرى – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق شائىر. ( )
74. ئەنىۋەر ناسىرى بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىۋى خاراكتېرلىق مەدەنىيەت –سەنئەت ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ( )
75. ئەنىۋەر ناسىرى بىر كۆيۈمچان ئۇستاز سۈپىتدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ياش ھەۋەسكارلارنى تەربىيلىگەن. ( )
76. ئەنىۋەر ناسىرى ئىجادىيتىدىكى ئاساسلىق تېما – ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدۇر. ( )
77. ئەنىۋەر ناسىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىدە «كۈن چىقىش شامىلى» ناملىق شېئىر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ( )
78. «قىشقا بېغىشلاپ» ناملىق شېئىردا ئەنىۋەر ناسىرى تەبىئەت مەنزىرسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ غەلبىسىگە تەنتەنە قىلغان.( )
79. «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، / كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى ئۆلمىگىنىڭ» ناملىق شېئىرنى ئەنىۋەر ناسىرى يازغان. ( )
80. ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى ھېكايىچىلىقى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا باشلانغان.
 
ئالدىنقىسى: يوق
كېيىنكىسى: مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار