خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قۇتۇپ نۇرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-12-28 20:31

قۇتۇپ نۇرى

سادىق سېتىنىياز بورلۇق

قۇتۇپ نۇرى

قۇتۇپ نۇرى شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمىنىدا كۆرۈلىدىغان ھەرخىل رەڭدىكى تەبىئىي نۇردۇر. ئۇ قۇياش شامىلىنىڭ يەرشارى ماگنىت قاتلىمىنى (magnetosphere، 磁层) كۈچلۈك غىدىقلىشىدىن شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئادەتتە  3 ~ 6 گىرادۇس كەڭلىكتە بولۇپ، بۇ قۇتۇپ نۇرى بەلبېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىدە كۈچلۈك قۇياش شامىلى يەرشارىغا ئۇرۇلغاندا، بەلباغنىڭ سىرتىدىمۇ ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ.
 
قۇتۇپ نۇرى
 
قۇتۇپ نۇرىنى چۈشۈنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قۇياش شامىلىنى چۈشۈنىشىمىز زۆرۈر. بۇ شامال ئەمەلىيەتتە قۇياشنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېرا قەۋىتىدىنقويۇپ بېرىلگەن زەررەتلىك زەررىچىلەر (يەنى پلازما) دۇر. بۇ پلازما ئېلىكترون، پروتون ۋە ئالفا زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى 1.5 دىن 10 keV غىچە. بۇ زەررىچىلەر يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك بولغاچقا، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن ساقلىنالايدۇ. قۇياش شامىلىنىڭ زىچلىقى، تېمپراتۇرىسى ۋە تېزلىكى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
 
قۇتۇپ نۇرى
 
بۇ يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك زەررىچىلەر يەرشارىغا كەلگەندە، ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېن، ھېدروگېن قاتارلىق ئاتوملارغا سوقۇلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئاتوملار زەررىچىلەردىن ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىدۇ (قوزغىتىلىدۇ). قوزغىتىلغان ئاتوملار ئېنىرگىيەنى نۇر ھالىتىدە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ نۇر دەل قۇتۇپ نۇرىدۇر.
 
قۇتۇپ نۇرى
 
قۇتۇپ نۇرى
ئەمما، نېمىشقا قۇتۇپ نۇرى پەقەت قۇتۇپ ئەتراپىدىلا بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى يەرشارى ماگنىت مەيدانىدىن تاپىمىز. يەرشارنىڭ ماگنىت مەيدانى يەرشارى سىرتىدىن 64 مىڭ كېلومېتىرغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئۇ ئاتموسفېرانى قۇياش شامىلىدىكى زەررىچىلەردىن ۋە ئالەم نۇرى (قۇياشتىن باشقا يەرلەردىن كەلگەن يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك زەررىچىلەر) دىن  قوغداپ تۇرىدۇ. ئەگەر يەرشارى ماگىنىتى بولمىغان بولسا، بۇ زەررىچىلەر ئاتموسفېرانىڭ يۇقىرى قاتلىمى (يەنى يەرشارىنى زىيانلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇردىنقوغدايدىغان ئوزون قاتلىمى)نى بۇزۇۋەتكەن بولاتتى.  ھەرىكەتتىكى زەررىچىلەرنىڭ يۆلىنشى ماگىنىت مەيدانىدا ئۆزگىرەيدۇ. شۇڭا زەررىچىلەر بىۋاستە ئاتموسفېراغا سوقۇلماي، ماگىنىت مەيدان سىزىقلىرىنى بويلاپ مېڭىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلارغا بارىدۇ.
 
قۇتۇپ نۇرى

قۇتۇپ نۇرى

قۇتۇپ نۇرى




ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە بىلىمدان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن (http://www.okyan.com/index.php?m ... x&a=lists&catid=322) چۈشۈرۋالالايسىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.
ئالدىنقىسى:قۇرت تۆشۈكى
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار