قۇرت تۆشۈكى
سادىق سېتىنىياز بورلۇق
قۇرت تۆشۈكى (虫洞، wormhole) دېگىنىمىز نەزەرىيەۋى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ماكان-زاماندىكى ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرىدىغان قىسقا يول. قۇرت تۆشۈكى ئۇقۇمىنى ئېينشتېين ۋە نەيسېن روزېن ئىككەيلەن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىى ئاساسىدا ماكان-زاماننى تۇتاشتۇرىدىغان «كۆۋرۈك» دەپ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ «كۆۋرۈكلەر» ئېينشتېين-روزېن كۆۋرۈكى ياكى قۇرت تۆشۈكى دەپ ئاتىلىپ، ماكان-زاماندىكى ئىككى نۇقتىنىنى تۇتاشتۇرىدىغان قىسقا يول دەپ قارالغان. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قۇرت تۆشۈكى مەۋجۇتلۇقىنى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم سۈپىتىدە ئالدىن ئۇتتۇرغا قويىدۇ، ئەمما ھازىرغىچە تېخى قۇرت تۆشۈكى بايقالمىدى.
كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىىنىڭ بەزى يېشىملىرىگە ئاساسلانغاندا، قۇرت تۆشۈكىنىڭ قارا ئۆڭكۈردە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. قۇرت تۆشۈكىنىڭ ئىككى ئاغزى ۋە ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر گېلى بار. گېلى تۈز بولۇشى ياكى ئەگرى بولۇشى مۇمكىن.
قۇرت تۆشۈكتىن ئۆتۈش فانتازىيىلىك فىلىملەردە كۆرسىتىلگەندىن مۇرەككەپرەك بولۇشى مۇمكىن. نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، قۇرت تۆشۈكى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، 33-10 سانتىمېتىر. ئەمما ئالەمنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن. ئاندىن كېيىنكى مەسلە ئۇلارنىڭ مۇقۇمسىزلىقى بولۇپ، ئادەتتە ئۇلار پەقەت ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. ئەمما يېقىنقى تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، ئاجايىپ ماددىلار (exotic matter) دىن تۈزۈلگەن قۇرت تۆشۈكىنى ئۇزاقراق ۋە چوڭراق ئېچىش مۇمكىن ئىكەن. يېتەرلىك ئاجايىپ ماددىلار بولغاندا، نەزەرىيە جەھەتتىن، قۇرت تۆشۈكى ئارقىلىق ئۇچۇر ياكى ئادەم يەتكۈزۈش مۇمكىن ئىكەن. ئاجايىپ ماددىلاردىن باشقا يەنە ئادەتتىكى ماددىلار بىلەنمۇ قۇرت تۆشۈكىنى ئۇزاقراق ۋە چوڭراق ئېچىش مۇمكىن.
قۇرت تۆشۈك ئارقىلىق يەنە ئوخشىمىغان ئالەملەرنىمۇ تۇتاشتۇرۇش مۇمكىن ئىكەن. بەزى ئالىملار قۇرت تۆشۈكىنىڭ ئاغزىنى مەلۇم ھالەتتە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىت ساياھىتى قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىدۇ. ئەمما سىتىۋېن خاۋكىڭ بۇنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ناسا ئالىمى ئەرىك كرىستىن «قۇرت تۆشۈكى ئۆتمۈشكە قايتىشنىڭ قورالى بولماستىن، بەلكى ئىككى يىراق نەرسىنى يېقىن قىلىدىغان قىسقا يولدۇر.» دەپ يازىدۇ.
ھازىر تېخنىكا تېخى پىشىپ يېتىلمىدى. قۇرت تۆشۈكى تېپىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، ئالىملار يەنىلا قۇرت تۆشۈكىنى بوشلۇقنى كېزىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى سۈپىتىدە، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى بىلەن ئىزچىل ئىزدىنىۋاتىدۇ.
مەنبەلەر:
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە بىلىمدان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن (
http://www.okyan.com/index.php?m ... x&a=lists&catid=322) چۈشۈرۋالالايسىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.