« ‹ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى› نىڭ ماقالىسى » تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن . بۇلارنىڭ ئارسىدا تۆۋەندىكىلەر رولى ئەڭ چوڭ 50 كەشپىياتتۇر :
1 . چوت ( مىلادىيە 190 – يىلى )
مىلادىيە 190 – يىللىرى چوتنىڭ ئەڭ بالدۇر جۇڭگۇدا ئىشلىتىلگەنلىكى خاتىرلەنگەن . نەچچە يۈز يىل ماباينىدە جۇڭگونىڭ چوتى ئەڭ تېز ھېسابلاش قۇرالى بولۇپ كەلگەن .
2 . ئاسپىرىن ( 1899 – يىلى )
ئاسپىرىن تابلىتكىسى باشقا ھەرقانداق دورىغا قارىغاندا كۆپ كېسەللەر شىپا بولۇشى مۇمكىن . خىپپىكراتېس ئاسپىرىننىڭ رولىنى تۇنجى بايقىغان كىشى . ئەسىر ئالمىشش ھارپىسىدا گېرمانىيلىك خىمىك ھوفمان بۇ دورىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن .
3 . تىكەنلىك سىم تور ( 1873 – يىلى )
دۇنيادا ئەڭ تالاش – تارتىش قوزغىغان بۇ كەشپىيات ئىنسانلارنىڭ ھەركىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئەمەس ، كالىلارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان .
4 . سىزىقلىق كود ( 1973 – يىلى )
سىزىقلىق كودنى فىلادېلفىيىلىك بىر ئوقۇغۇچى 1952 – يىلى كۆرگىلى بولىدىغان مورز تېلېگراف كودى ئاساسىدا كەشىپ قىلغان . ھازىر تاللا بازارلىرىدىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسىدە ھېگۈدەك سىزىقلىق كود بار .
5 . باتارېيە ( 1800 – يىلى )
18 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئىتالىيىلىك فىزىك گاۋانى ئىككى مېتالنى ئۆلۈك پاقىنىڭ پۇتىغا تەگكۈزسە ، پاقىنىڭ پۇتى مىدىرلايدىغانلىقىنى بايقىغان . گالۋانىنىڭ دوستى ۋولتا بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ۋولتا باتارېيىسىنى ئىجاد قىلغان .
6 . ۋېلىسپىت ( 1861 – يىلى )
ۋېلىسپىت 19 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى ئېسىلزادىلەرنىڭ ئويۇنچۇقى سۈپىتىدە لايىھىلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇ ناھايىتى تېزلا تەبىقە ئايرىمايدىغان قاتناش قورالى بولۇپ قالغان .
7 . لىپتىك ( 1913 – يىلى )
كىشلەر نيۇ – يورك ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس مارى جكوبنى « ھازىرقى زامان لىپتىكىنىڭ ئىجادچىسى » دەپ قارايدۇ .
8 . تۈگمە ( 1235 – يىلى )
يۇنانلىقلار ئىپتىدائىي تۈگمە ۋە قپلىما ھالقا بىلەن چاپىنىنى ئەتكەن . لېكىن تۈگمىگە تۆشۈك ئېچىلغاندىن كېيىنلا ئومۇملىشىشقا باشلىغان .
9 . فوتو ئاپپارات ( 1826 – يىلى )
ئەڭ دەسلەپكى فوتو ئاپپاراتنى ئەنگىلىيىلىك زىيالى توۋېربوت ئىجاد قىلغان . لېكىن تۇنجى سۈرەتنى نېپكىې 1826 – يىلى تارتقان .
10 . كومپاس ( 1190 – يىلى )
جۇڭگولۇق ۋە ياۋروپالىق ماروسلار 12 – ئەسىردە ئۆز ئالدىغا ماگىنىتنى بايقىغان . 1190 – يىلى ئىتالىيلىك دېڭىز ھاياھتچىلىرى ماگىنىتتىن پايدىلنىپ سۇ كومپىسىدىكى ئىسترېلكىنى ماگىنىتلاشتۇرغان .
11 . گاندون ( 1640 – يىلى )
مىسىرلىقلار 3000 يىل ئىلگىرىلا گاندون ئىشلەتكەن . 16 – ئەسىردە ئىتالىيىلىك ئاياللار كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى فاللوپىئۇن گاندون ئىشلىتىپ كېسەلنىڭ تەرقىلىشدىن ساقلىنىشنى ئەڭ دەسلەپ تەشۋىق قىلغان .
12 . توڭلاتقۇ ( 1834 – يىلى )
پېركىنىس پارلىنىشچان خىمىيلىك ماددا قاچىلانغان نەيچىنىڭ يېمەكلىكلەرنى قانداق مۇزلىتىدىغانلىقىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتۇرىغا قويغان .
13 . زەمبىرەك ( 14 – ئەسىر )
پۇرۇخ 13 – ئەسىردە كىشىلەرنىڭ زەمبىرەك ياسىشىغا سەۋەب بولغان . زامانىۋى زەمبىرەكنىڭ ياسىلىشىغا سمىت بىلەن ۋېسسون ياسىغان مېتال قاپلىق توپ ئوقى تۈرۈتكە بولغان . ئۇ 1957 – يىلى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان .
14 . ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ( 1859 – يىلى )
ئىچىدىن يانىدىغان تۇنجى دۋىگاتېلنى بېلگىلىيىلىك كەشپىياتچى ئېتىننې لېنوئىر كەشىپ قىلغان . ئۇ 1859 – يىلى پار ماشىنىسى ئىچىدە يانىدىغان دۋىگاتېل قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسىغان . لېنوئىر ياسىغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل كېيىن ياسالغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋگاتېللارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ قالغان .
15 . لازېر ئاپپاراتى ( 1960 – يىلى )
فىزىك تېئودرو مەيمان 1960 – يىلى تۇنجى لازېر ئاپپاراتىنى كەشىپ قىلغان . قىزىل ياقۇت ئاساس قىلىنغان بۇ لازېر ئاپپاراتى « قۇياش مەركىزىدىنمۇ يورۇق نۇر » ھاسىل قىلالايتى .
16 . لامپۇچكا ( 1948 – يىلى )
جوزىف سۋون لامپۇچكىنى ئىدىسوندىن ئىلگىرى ئىجاد قىلغان . كېيىن ئىككەيلەن بىرلىكتە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتقا كۈچ چىقارغان . شۇڭا « لامپۇچكىنى جوزىف سۋون بىلەن ئىدىسون بىرلىكتە ئىجاد قىلغان » دەپ قارىلىدۇ . ھازىر لامپۇچكا كىشلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ .
17 . قۇلۇپ ( مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000 – يىلى )
تەخمىنەن 4000 يىل ئىلگىرى مىسىرلىقلار ئەڭ دەسلەپ قۇلۇپ ۋە ئاچقۇچ ئىجاد قىلىپ نەرسە – كېرەكلىرىنى ساقلىغان .
18 . مىكرو ئۆزەك ( 1958 – يىلى )
ئامېرىكىلىق ئىنژېنىر جېك كلبى دۇنيا بويىچە تۇنجى تاق پلاستىنكىلىق تولپاشتۇرۇلغان توك يولى ، يەنى مىكرو ئۆزەك ئىجاد قىلىپ ، كومپيۇتېر ساھاسىنى ئۆزگەرتكەن .
19 . يان تېلېفون ( 1947 – يىلى )
بېل تەجرىبىخانىسى 1947 – يىلى تۇنجى قېتىم يان تېلېفۇن مۇلازىمىتىنى تولغا قويغان .
20 . قەغەز ( مىلادىيە 105 – يىلى )
2000 يىل ئىلگىرى جۇڭگولۇقلار قوۋزاق ، بامبۇك تالاسى ، كەندىر تالاسى ۋە زىغىر تالاسىدىن قەغەز ياسىغان . لېكىن قەغەز نۇرغۇن ئەسىردىن كېيىنلا دۇنياغا تارقالغان .
21 . خاس كومپيۇتېر ( 1977 – يىلى )
ستېۋ جوبىس 1977 – يىلى Apple II نى بازاغا سالدى . بۇ ، ئىستېمالچىلارغا سېتىلغان تۇنجى كومپيۇتېر . ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتكەن كومپيۇتېرلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ .
22 . مەتبەئە ماشىنىسى ( 1454 – يىلى )
جۇڭگولۇقلار مىلادىيە 500 – يىلىلا ياغاچ مەتبەئەنى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ ، يېڭى تىپتىكى مەتبەئە ماشىنىسىنى گېرمانىيلىك ياغاچچى گۇتېنبېرگ كەشىپ قىلغان .
23 . سىمسىز تېلېگراف ( 1895 – يىلى )
ئىتالىيىلىك كەشپىياتچى گۇگلېلمو ماركونى ئەڭ ئاۋۋال سىمسىز تېلېگراف دولقۇننى تارقاتقان ۋە قوبۇل قىلغان . 1896 – يىلى روسىيىلىك ئالېكساندېر پوپوۋ ماركوننىڭ سىمسىز تېلېگىراف دولقۇنىدا ئالاقىلىشىپ پانققانىلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا سىمسىز تېلېگىراف بىلەن ئالاقىلەشكەن . ماركونى 1901 – يىلى تۇنجى قېتىم ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سىمسىز تېلېگىراف سىگنالى تارقاتقان .
24 . تېلېفون ( 1876 – يىلى )
ئېلشا گراي بىلەن ئالېكساندېر گراخام بېل 19– ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تېلېفون ياساشتا مۇسابىقىلەشكەن . نەتىجىدە بېل ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلغان .
25 . تېلېۋىزور ( 1925 – يىلى )
سوتلاندىيىلىك جون لوگى بايرد 1925 – يىلى كىشىلەرگە تۇنجى تېلېۋېزورنى كۆرسەتكەن .
26 . ئىنتتېرنېت تورى ( 1969 – يىلى )
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى ئىتېرنېت تورى تەسەۋۋۇرىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان . ئەنگلىيىلىك كومپيۇتېر ھەۋەسكارى تىم بېرنېرس 1986 – يىلى ئىجاد قىلغان ئىنتېرنېت تورى دۇنيا ئۇچۇر تورى بىلەن بىللە ئىلگىرىكى ھەرقانداق كەشپىياتقا قارىغاندا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان .
27 . ھەرەڭگە ( 1826 – يىلى )
ستوكگولملىق خىمىك يوخن ۋالكېر كالىي بىلەن سۈرمە سۇلغىد چاپلانغان تاياقچىنى تاشقا سۈركىسە يانىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان .
28 . ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ( 1951 – يىلى )
1951 – يىلى خىمىك كارل گراسسى باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ياسىغان . بۇ دورا 1962 – يىلى ئەنگىليىدە بازارغا سېلىنغان .
29 . بالون ( مىلادىيدىن 3500 يىل ئىلگىرى )
بالوننىڭ « ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلار » نىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشىغا مۇنازىرە كەتمەيدۇ . بالونغا دائىر ئەڭ بالدۇرقى ئىسپاتلارنى مىلادىيىدىن 3500 يىل ئىلگىرىكى ساملار ( بۈگۈنكى ئىراقلىقلار ) نىڭ تام رەسىملىردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇ . كېيىن بالون غەرەبكە تېز تارقالغان .
30 . سېرىتما ( 1913 – يىلى )
سۋېتسىيىلىك ئىنژېنېر ئىدۋېن سوندىبېك 1913 – يىلى ئۆتەك ئۈچۈن تۇنجى زامانىۋى سېرىتمىنى ياسىغان .
بۇ 30 كەشپىياتتىن باشقا يەنە :
ئوقيا ( مىلادىيىدىن 30 مىڭ يىل ئىلگىرى )
CD ؛
( 1965 – يىلى )
يۈرەك قوزغاتقۇچ ( 1958 – يىلى )
ئىناۋەتلىك كارتوچكا ( 1950 – يىلى )
دۇمباق ( مىلادىيىدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى)
پارتىلتىش دورىسى ( 1867 – يىلى )
قارماي ( مىلادىيىدىن 30 مىڭ يىل ئىلگىرى )
يەرشارى ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسى ( 1987 – يىلى )
iPod ؛ ( 2001 – يىلى )
توك چۆگۈن ( 1891 – يىلى )
مىكروسكوپ ( 1590 – يىلى )
ساپان ( مىلادىيە 100 – يىلى )
رېزىنكە بوغقۇچ ( 1845 – يىلى )
كىيىم تىكىش ماشىنىسى ( 1830 – يىلى )
كۆزەينەك ( 1451 – يىلى )
شپىرىس ( 1844 – يىلى )
دۇربۇن ( 1608 – يىلى )
كۈنلۈك ( مىلادىيىدىن 2400 يىل ئىلگىرى )
تىڭشىغۇچ ( 1979 – يىلى )
تارازا ( مىلاديىدىن 5000 يىل ئىلگىرى )
قاتارلىقلار ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن 50 كەشپىيات نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن .
مەنبە : پايدىلىنىش خەۋەرى