ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر پۇقرالىرىدىن بولۇش تەشەببۇسنامىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن كىشىنىڭ گەپ -سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئەخلاق -پەزىلىتىدە يېڭىلىنىش، ئۆزگىرىش بولدى. قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنمايدىغان، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا چوڭلارغا، ئاجىز-مېيىپلەرگە ئورۇن بەرمەيدىغان، خالىغان يەرگە ئەخلەت تاشلايدىغان، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بۇزۇۋېتىدىغان، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرىدىغان، كوچىلاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ يۈرىدىغان ناچار ئىللەتلەر زور دەرىجىدە ئازايدى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياخشىلاندى. تىنچ، مۇقىم، خاتىرجەم، ساغلام بولغان جەمئىيەت تەرەققىياتى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇ رېئاللىق ۋە ياخشى يۈزلىنىش كىشىلەرگە تېخىمۇ گۈزەل، ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە ساغلام، ئېسىل ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇتتى.
ياخشى ئادەتنىڭ يېتىلىشى، راۋاجلىنىشى كۆپىنچە ئەتراپتىكى شارائىتقا، ئىجتىمائىي مۇھىتقا باغلىق بولىدۇ. بەزىدە ئىنسان خاراكتېرى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىپ، ساغلام ئادەت، ساغلام جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈشتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەردە بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەردە ساغلام ئادەت يېتىلدۈرۈش ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ساغلام ئادەت ئادەمنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى خۇسۇسىيەتلىرى، مەنىۋى دۇنياسىدىكى ئېسىل خىسلەت، گۈزەل خۇلۇق، پەزىلەت گۈلىستانلىرىدىكى رەڭگارەڭ گۈل-چېچەك، قەلب زىننىتى، بۈيۈكلۈككە ئىنتىلدۈرىدىغان، گۈزەل مەنزىللەرگە يەتكۈزىدىغان مەنىۋى كۈچ. ساغلام ئادەت يېتىلدۈرگەنلەر باشقىلارغا سەمىمىي، قىزغىن ۋە دوستانە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، توغرا دۇنيا قاراشقا، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا، توغرا قىممەت قارىشىغا ئىگە بولىدۇ.
ئادەت ئەخلاق-پەزىلەتنى مەنبە قىلىدۇ. ئەخلاق-پەزىلەت ساغلام ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتە مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلىش گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. ئەگەر بۇنداق ئەخلاق قارىشى كىشىلەردىكى مەردلىك، سېخىيلىقتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتكە تۈرتكە بولۇپ، ساخاۋەتلىك قوللار ئاجىزلارغا ئېچىلسا، جەمئىيەتتە ئىللىقلىق پەيدا بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت كۈچىيىدۇ، ئىشەنچ ئاشىدۇ.
ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، جاپا -مۇشەققەتكە باش ئەگمەسلىك، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش، تىرىشىپ ئالغا بېسىش، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ئەمگەكچان بولۇش ھاياتلىقنىڭ تۈگىمەس بايلىقى بولۇپ، ئۇ ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ. شۇڭا ساغلام ئادەت يېتىلدۈرۈشنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز ۋە ئەۋلادلاردا ساغلام ئادەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]