خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇئەللىم - پولات نىياز

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2015-09-10 01:34

 

مۇئەللىم

پولات نىياز

 

مۇئەللىم، دىللارغا چىراغ ياققۇچى.

مۇئەللىم، بىلىمنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى.

مۇئەللىم، جاھانغا ئىلىم يايغۇچى.

مۇئەللىم، چۆللەردە يولنى تاپقۇچى.

 

ئۇلارسىز بىلىمنىڭ كانى قېزىلماس،

ئۇلارسىز تىلسىمنىڭ سىرى ئېچىلماس.

ئۇلارسىز ئالەمنىڭ سېھرى تېپىلماس،

ئۇلارسىز تارىخقا داستان يېزىلماس.

 

مۇئەللىم دۇنيانىڭ لىمى-تۈۋرۈكى،

پىلسىرات يولىنىڭ ياخشى كۆۋرۈكى.

سوقىدۇ ئەۋلاد دەپ ئۇنىڭ يۈرىكى،

ئەۋلادنىڭ بەختىدۇر ئارمان-تىلىكى.

 

ئۇ بولغاچ سەبىينىڭ كەلگۈسى پارلاق،

ئۇ بولغاچ بىلىمنىڭ بازىرى قايناق.

ئۇ بولغاچ دۇر بولار ھەردەم ئاق ۋاراق.

ئۇ بولغاچ مۈشكۈلگە ئېتىلدى ياراق.

 

مۇئەللىم ئەجرىدەك ئۇلۇغ ئەجىر يوق،

ئنسانغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەھىر يوق.

مەيلى سەن شاھ بولغىن ۋە ياكى ئالىم،

جەننەتتەك ئۇ ئاچقان ياخشى قەسىر يوق.

ئالدىنقىسى:مۇئەللىم ئۇ كىم؟
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار