خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ساۋاداشلار يىغىلىشىغا بېغىشلىما سۆز

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئابدۇل‘ئەھە2015-10-10 01:38

شىنجاڭ خېمىيە سانائەت مەكتىۋى 86- يىللىق 2- سىنىپ ساۋاقداشلار 25 يىللىق ئۇچرىشىشغا بېغىشلانغان سۆز
 
( 2015- يىلى 5- ئۆكتەبىر،  تۇرپان )
 
ئەسسالام ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، قەدىرلىك ساۋاقداشلار! دىدار غەنىمەت!
مەن ئالدى بىلەن شىنجاڭ خېمىيە سانائەت مەكتىۋى 86- يىللىق 2- سىنىپ ساۋاقداشلار 25 يىللىق ئۇچرىشىش چېيىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
بۇنىڭدىن 29 يىل ئىلگىرى تەقدىرنىڭ شامىلى بىزنى  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان  ئۈرۈمچىگە ئۇچۇرۇپ كېلىپ ئۇچراشتۇردى. بىز 4 يىللىق مەكتەپ ھاياتىدا بىللە ئىلىم ئۆگەندۇق، بىللە مۇڭداشتۇق،  خوشاللىقلاردىن بىللە بەھىرلەندۇق، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ 4 يىلمۇ ئۈتۈپ كەتتى. خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن بىر بىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، بىغەم، شاش كەيپىياتلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق. شۇ ئايرىلغىنىمىزغىمۇ 25 يىل بوپقالدى. مانا ئەينى يىللاردىكى ساۋاقداشلار ئۆز- ئارا سېغىنىشىپ ئاشۇ سەبى، غۇبارسىز چاغلارنى ئەسلەشكە، كۆڭۈللۈك  ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەشكە،  ئەلەم- شاتلىقلىرىنى خۇلاسىلەشكە تەقەززا بولۇپ  مانا بۈ قەدىمى مەدىنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولغان ئاتەش ماكان تۇرپانغا جەم بولدۇق.
ساۋاقداشلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى خوشال كۈلكىلىرى، قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرى، ئۇنتۇلغۇسىز مەكتەپ ھاياتى ھەر بىرىمىزنىڭ چۈشلىرىدە نامايەن بولماقتا. ئايرىلىش ئالدىدىكى ۋەدىلەر، ئۆتىنىشلەر، خوشلىشىش ئۈچۈن ھاۋادا ئىختىيارسىز لەيلەپ قالغان قوللار، كۆزلەردە ئىختىيارسىز تامچىلىغان ياشلار، ھەر دائىم كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا. بىزنىڭ ساۋاقداشلىق مېھرىمىز تەڭرى تېغىدەك ئۇلۇغ، يالقۇنتاغدەك ئىللىق، ئېلى دەرياسى، تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرىدەك جۇشقۇن، دېڭىزدەك چوڭقۇر مېھىردۇر. سىلەرنىڭ سىمايىڭلار تالاي  قېتىم خىيالىمدا پەيدا بولغان، ئاۋازلىرىڭلار تالاي قېتىم قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئاشۇ  مەۋھۇملۇقتىكى تۇتۇق سىمالار سۈزۈلدى، ئاۋازلىرىڭلار رىياللىقتىكى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى.
  بۇ 25 يىل ئىچىدە بىز نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەت، ئەگرى- توقايلىقلار ۋە ئاچچىق – چۈچۈكلەرنى تېتىدۇق شۇنداقلا ئۇتۇق، نەتىجىلەرگە، بەخت، شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتۇق. چاچلىرىمىزغا ئاق سانجىدى. ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ، بەختنىڭ، دوستلۇقنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەندۇق. ھاياتلىقتىكى بۇرچىمىزنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەندۇق. گەرچە ئوقۇش تارىخىمىز قىسقا بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ ھايات مۇساپىمىزگە ئىنتايىن مۇھىم ئۇل سالغان ئىدى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان بىز ئۆز ئاقىل – پاراسىتىمىز  ۋە قان تەرىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە خاس تۇرمۇشىمىزنى ياراتتۇق، ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىزدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى، ئۈنۋېرسال ساپايىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتە ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆزگىچە خۇشپۇراق گۈللىرىمىزنى ئېچىلدۇردۇق. ھايات مۇساپىمىزنى بىزەپ يۇرتىمىزنىڭ تەرەقىيات ئىشلىرىغا تىگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشماقتىمىز.
كىشىلىك ھاياتتىكى جاپا مۇشەققەت، ئاچچىق – چۈچۈكلەرنى تېتىغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان، بىزنى مەڭگۈ ئايرىۋېتىيەلمەيدىغان يەنىلا  ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىق مېھرى ۋە ساۋاقداشلىق مېھرىدۇر! مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى شۇ چاغلار شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىق، شۇنچە مەنىلىك بىلىنىدۇ. ئۇ بىر گۈزەل ئەسلىمە!  ئاشۇ 4 يىل جەريانىدا سىنىپ مۇدىرىمىز ئەرشىدىن مۇئەللىم، ئىسھاق مۇئەللىم قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ جاپالىق ئەجىر – مېھنىتى ئارقىلىق سىنىپىمىزدىكى 43 نەپەر ساۋاقداش بىلىمگە ئېرىشىپلا قالماي بەلكى يەنە ساپ، سەمىمى مېھرى - مۇھەببەتكە ئېرىشتۇق. شۇ سەۋەپلىك سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلار نامىدىن بۇ ئۇستازلارغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.
مۇئەللىم رەخمەت سىزگە، جاپا چەكتىڭىز!!!
ئۇستازلىرىمىزغا رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە  غۇلجا، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر،  ئاتۇش، خوتەن دىيارىدىكى ساۋاقداشلار بىزنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يىراق يوللارنى بېسىپ، تۇرپان دىيارىغا جەم بولۇپ، ئۆز- ئارا دىدارلىشىۋاتقان، ھەمسۆھبەتتە بولۇشىۋاتقان بارلىق ساۋاقداشلارغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.
ساۋاقداشلار!  سىلەرمۇ جاپا چەكتىڭلار!!!
 
كۆپچىلىككە رەخمەت
 
 
 
 
 
 
 
 
2015 – يىلى 10 – ئاينىڭ 5 - كۈنى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئابدۇل`ئەھەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-28 21:01 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-10-09 21:10