خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«مەملىكەت خەۋەرلىرى» دىكى سىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلەر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2015-04-07 22:52



«مەملىكەت خەۋەرلىرى» دىكى سىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلەر

«مەملىكەت خەۋەرلىرى» دىكى سىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلەر

«مەملىكەت خەۋەرلىرى» دىكى سىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلەر

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت خەۋەرلىرىدىكى باش دىكتورلار توپى ئىزچىل توختىماي يېڭى خادىم قوبۇل قىلدى، بۇ پروگراممىنىڭ مۇھىملىقى سەۋەبىدىن، تارىختىكى باش دىكتورلار خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن «دۆلەت يۈزى» دەپ ئاتالغان. ئۇنداقتا زادى قانداق كىشىنىڭ «دۆلەت يۈزى» بولۇشقا سالاھىيىتى بار؟ مەملىكەت خەۋەرلىرى سەھنىسى ئالدى-ئارقىسىدا زادى قانداق قىزىقارلىق «مەخپىيەتلىك» بار.

 

1. «مەملىكەت خەۋەرلىرى» نىڭ باش دىكتورى نېمە ئۈچۈن «دۆلەت يۈزى» دېيىلىدۇ؟ مەسئۇلىيەت مۇھىم، ئەھمىيىتى چوڭ، خەۋەر باش دىكتورى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا خەلق ئاممىسى خەۋەر باش دىكتورىنى «دۆلەت يۈزى» دەپ ئاتايدۇ. ئادەتتىكى خەۋەر باش دىكتورىدىن «دۆلەت يۈزى»گە ئايلانماقچى بولسا، پەن-تېخنىكا سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كېمىدە ئون يىل چېنىقىشى كېرەك. خەيشۆ ۋە تاڭخۈي بۇنىڭ مىسالى، ئۇلار ئىككىلىسى 92-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىۋاستىلا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغان، ئەكىسچە 2007-يىلى ئاندىن رەسمىي ھالدا خەۋەر باش دىكتورىغا ئايلانغان.

 

2. نېمە ئۈچۈن باش دىكتورنىڭ ئورنى «ئەر ئوڭدا ئايال سولدا»؟

سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1978-يىلى خەۋەر تارقىتىش رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، بۈگۈنگىچە «بىر ئەر بىر ئايال» لىق مۇقىم ماسلىشىش شەكىلىنى ساقلاپ كەلگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەر ئوڭدا ئايال سولدا» ھالىتىنى ئۇزۇن يىل ساقلاپ كەلگەن. ئەسلىدە بۇ كۆرۈش ئادىتى مەسلىسى: مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى بەلگىسى مۇقىم ھالدا سول ئۈستى تەرەپتە، ئۇنداقتا پاكارراق ئايال دىكتور كۆرۈنۈشتىكى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى بەلگىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئولتۇرسا قارىماققا سەل ماسلاشقاندەك كۆرۈنىدۇ.  

 

3. «دۆلەت يۈزى» نىڭ چىراي-قىياپىتىگە قانداق ئۆلچەم قويۇلىدۇ؟ لى رۈييىڭنىڭ ئىلگىرى ئاشكارلىشىچە، تاللانغان ۋاقىتتا، باش كومىسىيە دائىم ئۇلاردىن ئوخشىمىغان بۇلۇڭدىن كامېراغا يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، نامزاتلارنىڭ خەۋەر تارقىتىش بۇلۇڭىغا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى كۆزەتكەن. لى رۈييىڭنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلغان ۋاقتىدىكى بايانى بويىچە ئېيتقاندا:«بەك چىرايلىق بولسا خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋەرنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ»، پەقەت قىياپىتى دۇرۇس بولۇپ، تېلۋىزورغا چىقالىسىلا بولدى. بۇندىن سىرت، بۇرنى بەك يوغان بولسا «دۆلەت يۈزى» بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ.  

 

4. باش دىكتورلار «ئوقۇش ماشىنا ئادىمى» مۇ؟ كۆپلىگەن ئەھۋالدا مەملىكەت خەۋەرلىرى 30 مىنۇت بولۇشى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ، يەنى بارلىق خەۋەرنىڭ نورمال قويۇلۇشىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، ناۋادا تۇيۇقسىز ئىش يۈز بېرىپ قالسىمۇ خالىغانچە قىستۇرۇپلا تارقىتىۋېرىدۇ. لى رۈييىڭ ئىلگىرى :«بىزمۇ خەۋەر تالىشىمىز، بىزنى خەتەرلىك ئورۇندا ئولتۇرىدۇ دەپ قارىماڭ، ئەمەلىيەتتە ئورگىنال ناھايىتى جىددىي كېلىدۇ، بىر مىنۇت قالغان ۋاقتىدا ئاندىن ئورگىنال كېلىدۇ، يەنە دائىم تەرتىپىنى تەڭشەيدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئەكىسچە باش دىكتورلارمۇ دائىم كاشىلىغا دۇچ كېلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا تېزلىكتە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئورگىنال ئىزدەپ خەۋەرنىڭ نورمال قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

 

5. ناۋادا خاتا بايان قىلىپ قالسا ئېغىر جازالىنامدۇ؟ سەن بېينىڭ ئىلگىرى ئاشكارلاپ، «بۈگۈنكى قانۇن» نىڭ ئۆلچىمى بولسا بىر خەتنى خاتا سۆزلىسە 50 يۈەن جەرىمانە دېگەن، ئەكىسچە ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايدا 800 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىسى دائىم ئۇدا ئولتۇرۇش تۈزۈمى، رىياسەتچى خاتالاشسا مۇدىرنىڭمۇ مائاشىنى تۇتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئەكىسچە «مەملىكەت خەۋىرى» بۇ دەرىجىگە كەلگەندە، جەرىمانە قويۇش تېخىمۇ قاتتىق، رىياسەتچىنىڭ خاتالىقى ئا، ب، س، د تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئا تۈردىكى خاتالىق، ناۋادا قايتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر بولسا رىياسەتچى شۇ كۈنلىك خەۋەر ئاڭلىتىشنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.

 
ئالدىنقىسى: بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار