ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقى ( 共同社 )
2006-يىلى 13 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان بىر تېلېگراممىدا، بۇ ئاگېنتلىقنىڭ 1971 – يىلى 13 – سېنتەبىر لىن بياۋ ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ موڭغۇلىيە چېگرىسى ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەنلىك ۋەقەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى خۇلاسىلىگەن دوكلات ماتېرىيالىغا ئېرىشكەنلىكى دېيىلگەن. دوكلاتتا ئايروپىلان يېقىلغۇسىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىدەك چۈشەندۈرۈش ئىنكار قىلىنغان.
موڭغۇلىيىدىكى ئالاقىدار ئەربابلارنىڭ بىشارىتىچە ئەينى چاغدا ئايروپىلان ئىچىدە قېچىش مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش – تارتىش بولغان. بۇ ئىشقا 35 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ماتېرىيالنىڭ جۇڭگو ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر مۇھىم، زور سىزنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدىكەن. ئورتاق ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ساقچى نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى، ئىلگىرى يەرلىكتە ئەڭ ئالىي ئامانلىق ساقلاش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بولغان ھەمدە لىن بياۋ ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوسۇلىن ئوتۇگېن جېك ( 奥索林·奥特恭捷格 )نى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سۆۋىت ھۆكۈمىتى باشتىن – ئاخىر بۇ ئىشقا زىچ ئارىلاشقان، قارا قۇتىنى قايتۇرىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغانىكەن.
بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى «جۇڭگو ئايروپىلانىنىڭ موڭغۇلىيە چېگرىسى ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىنى بېكىتىش ھۆججىتى» بولۇپ، ئىمزالانغان ۋاقىت 1971 – يىلى 20 – نويابىر، جەمئىي 16 بەت. ئورتاق ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنمىغان بۇ ھۆججەت ۋە باشقا رەسىملەرگە ئېرىشكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 1971 – يىلى 13 – سېنتەبىر ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن (8 – ئۆكتەبىردىن 18 – ئۆكتەبىرگىچە) ئېلىپ بېرىلغان، ئەينى چاغدا سۆۋىت مۇتەخخەسىسلىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەينى چاغدا چىقارغان يەكۈنى بولسا، بۇ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب يول باشلاش مەسىلىسى. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوق قىلىدۇ.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيە ياسىغان بۇ سانساجى ھاۋا ياخشى شارائىتتا لېنىيە خاتالىقىنى ئىنتايىن ئاز سادىر قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايروپىلاندىن ھېچقانداق سىمسىز ئالاقە كەلمىگەن. بۇ ئىككى ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ چۈشەندۈرىشىدىكى بۇ ئايروپىلاننىڭ لېنىيىدىن ئېزىپ كەتكەنلىكىنى چەتكە قاقىدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]