خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياپۇن باسقۇنچىلىرى قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەقەلەر خاتىرىسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-21 15:32



ياپۇن باسقۇنچىلىرى قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەقەلەر خاتىرىسى

thumb

 1931-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ياپونىيە كۋانتۇن ئارمىيەسى شېنياڭنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ليۇتياۋخۇ كۆلى يېنىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يولنى قەستەن پارتلىتىپ ھەم جۇڭگو ئارمىيەسىگە قارا چاپلاپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى بومباردىمان قىلدى. «18-سېنتەبىر ۋەقەسى» جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنى باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.  

1935-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېيپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ياپۇن جاھانگىرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇردى. بۇ ھەرىكەتتە مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

1936-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاڭ شۆلياڭ بىلەن ياڭ خۇچېڭ شىئەندە «ھەربىي ئۆزگۈرۈش» قوزغاپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جياڭ جېشىنى تۇتۇۋېلىپ، جياڭ جېشىنى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇشقا قىستىدى.  

1937-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى بېيپىڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا جۇڭگو ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگو مۇھاپىزەتچى ئارمىيەسى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى.  

1937-يىل 9-ئايدا، گومىنداڭ پارتىيەسى مەركەز ئاگېنتلىقى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گومىنداڭ پارتىيەسى-كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئېلان قىلغان خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى، جياڭ جېشى سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 2-قېتىملىق گومىنداڭ پارتىيەسى-كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمكارلىقى رەسمىي شەكىللەندى.  

1937-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، 8-ئارمىيە 115-شىسى سەنشىنىڭ پىڭشىڭگۇەن ئەتراپىدا ياپونىيە ئارمىيەسىگە يوشۇرۇن زەربە بېرىپ، 1000دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيانقى تۈنجى غەلىبىسىنى قولغ كەلتۈردى.  

1937-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تەلۋىلەرچە قىرغىنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. 300 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيە ۋە خەلق پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ۋەيران قىلىندى.  

1938-يىل 3-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو ئارمىيەسى شەندۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى تەيئېرجۇاڭ رايونىدا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى جەڭگىۋار دىۋىزىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تارمار قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.  

1939-يىل 11-ئاينىڭ باشلىرىدا، 8-ئارمىيە «تازىلاش»قا قارشى كۈرۈش جەريانىدا خېبېيدىكى خۇاڭتۇلىڭدا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ لېيتېنانت گېنېرالى ئابې كىشۇنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئابې كىشۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 8-ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك گېنېرالى.  

1940-يىل 8-ئايدىن 12-ئايغىچە، 8-ئارمىيە جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ياپونىيە ئارمىيەسىگە چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى، ئۇرۇشقا جەمئىي 105 تۈەننىڭ ئەسكىرى كۈچى قاتناشتى، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى.  

1941-يىل 12-ئايدىن 1942-يىل 1-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ياپونىيە ئارمىيەسى چاڭشاغا ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگو ئارمىيەسى قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، بىرلەشمە جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.  

1942-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ 100 مىڭچە ئەسكىرى بېرمىغا كىرىپ، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەملىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىگە ئېغىر زەربە بەردى.  

1944-يىل 4-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ياپونىيە ئارمىيەسى خېنەن، خۇنەن ۋە گۇاڭشى قاتارلىق قايلارغا چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قاتناش لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولدى، نۇرغۇن زېمىن دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 

1945-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە «جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پوتسىدام ئاخباراتى»نى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەدىن تېزدىن شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلدى.  

1945-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، يولداش ماۋ زېدۇڭ «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىتىلغان ئاخىرقى بىر جەڭ» ناملىق باياناتنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈچنى ياپونىيە ئارمىيەسىگە چوڭ كۆلەملىك قايتۇرما زەبە بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.  

1945-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ياپونىيە پادىشاھى خىروخىتو «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پادىشاھ پەرمانى» ئېلان قىلىش شەكلى بىلەن «پوتسىدام ئاخباراتى»نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلرىغا قارشى ئۇرۇشى ئاخىر غەلىبە قىلدى.  

1945-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ تەسلىم بولۇش مۇراسىمى جۇڭگودىكى ئۇرۇش رايونى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ياپونىيە تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىنغىنىغا 50 يىل بولغان تەيۋەن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئو

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار