تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى خەنزۇلار ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقان ھەقىقەتتۇر
نۇرغۇن ئادەم خاتا ھالدا تاڭ سۇلالىسىنى خەنزۇلار قۇرغان دەپ قارايدۇ. تارىختا تاڭ سۇلالىسى بىلەن خەن سۇلالىسى دائىم خەن-تاڭ سۇلالىلىرى دەپ تەڭ تىلغا ئېلىنىغاچقا، بۇ تارىخ بىلىمى چولتا ئادەملەردە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇ ھال بولۇپمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.ئۇنداقتا تاڭ سۇلالىسىنى تېرىقچى مىللەت-خەنزۇلار قۇرغانمۇ؟ جاۋابى ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. تارىخىي ماتېرىياللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى شەكسىزكى ئاز سانلىق مىللەت، يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ لى فامىلىلىك ھۆكۈمرانلىرى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا تاڭ سۇلالىسىنى چارۋىچى مىللەتلەر قۇرغان. خانلىق جىق خەنزۇلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆز مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان خانلىقتۇر. بۇ جەھەتتە تاڭ سۇلالىسى بىلەن قىتان خانلىقى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
1. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلار جەمەتىنىڭ نەسەبى
تاڭ پادىشاھلىرىنىڭ نەسەبى ئۇلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان تۈركلەر ئەينى ۋاقىتتىكى شىمالىي ئاسىيا موڭغول ئىرقىدىكى شامان تۈركلەردۇر. بۇلار كېيىنكى مەزگىل-لەردىكى موڭغۇللارنىڭ ئاساسىدۇركى ھەرگىز ھازىرقى ئىسلاملاشقان، پارسل-ارغا ئوخشايدىغان ھېلىقىدەك تۈركلەر ئەمەستۇر. تاڭ پادىشاھى گاۋزۇنىڭ 7- بوۋىسى لى خاۋ جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى غەربى لياڭ بەگ-لىكىنىڭ بېگى ئىدى. غەربىي لياڭ بەگلىكىنى سيانپى توغباتلىرى قۇرغان بولۇپ، بۇ بەگلىكنى جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇتى قۇتقۇ مۇڭسۇن يۇتۇۋالغان.
«ۋېينامە.تەرجىمىھاللار»دا غەربىي لياڭ بەگلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن لى خاۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لى فەننىڭ ئالتايدىكى رورانلار ئارىسىغا قېچىپ كەتكەنلىكى خاتىرىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: لى فەننىڭ ئىسمى شىجۈ(شيۇتۇ)، ئەركىلەتمە ئىسمى ۋۇجياڭ(يوقسۇل)دۇر، ئىرغوغا قېچىپ بېرىپ رورانلارغا بېقىنغان.
لى فەننىڭ ئوغلى كېيىن توغباتلار قۇرغان شىمالىي ۋېي دۆلىتىگە قېچىپ بېر-ىپ «غەربنى تىنجى-تقۇچى ئۇلۇغ سانغۇن»لۇققا ئېرىشتى. لى فەننىڭ ئەۋلاد-لىرى شۇندىن كېيىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدە نام-ئاتىقى ئۇلۇغ ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ قالدى.تاڭ گاۋزۇ لى يۈەننىڭ بوۋىسى لى خۇ غەربىي ۋېي بەگلىگىدىكى سەككىز بەگنىڭ بىرى بولۇپ تاڭ بېگى دەپ ئاتىلاتتى.
لى يۈەن ئۆزى يالغۇز قوشۇن تارتىپ چىققان ئەمەس. ئۇ بۇ ئىشنى تۈرك قاغا-نى ئىشبارا قاغان بىلەن بىللە قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىشبارا قاغان بىلەن لى يۈە-ننىڭ مۇناسىۋىتى خان بىلەن ۋەزىرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئوتت-ۇرىسىدا يەنە قانداشلىق مۇناسىۋەتمۇ بولۇشى مۇمكىن. تارىختا لى يۈەن بىلەن ئىشبارا قاغان ئوتتۇرىسىدا مۇنداق كېلىشىمنىڭ تۈزۈلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن-:چاڭئەن قولغا كىرسە ئاۋام بىلەن يەر-زېمىن تاڭبېگى(لى يۈەن)گە، ئالتۇن-كۈمۈش، تاۋار-دۇردۇنلار قاغانغا تەئەللۇق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلىش ئەنئەنىسى ھۇنلاردىن بېرى كېلىۋاتقان ئىتتىپاقلىشىپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ داۋامىدۇر. تۈرك قاغانىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى بولغاچقا لىيۈەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مۇھىم جايلارنى قولغا كىرگۈزگەن. ئىشبارا قاغان مال -دۇنياغا تىنىپ قايتقان.
تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىن تۈركچە سۆزلىيەلەيتتى
لى شىمىننىڭ تۈركچە سۆزلىيەلەيدىغانلىقىدا گەپ يوق. تارىخنامىلەردە خاتىرى-لىنىشىچە تاڭ گاۋزۇ لى يۈەننىڭ ۋاقتىدا ئىلتەبىر قاغان قوشۇن تارتىپ ۋېيشۈ دەرياسى بويىدىكى كۆۋرۈككە باستۇرۇپ كەلگەندە چىنۋاڭ لى شىمىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىلى چىققان. كۆۋرۈك ياقىسىدا تۇرغان لى شىمىن ئېلتەبىر قاغان بىلەن بىر ماڭدام ئارىلىقتا تۇرۇپ يالغۇز كېلىشىم تۈزگەن. تەيزۇڭ خان دەريا ياقىسىدا ئېلتەبىر قاغان بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلەشكەندىن كېيىن قوشۇنلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتتى(«كونا تاڭنامە»). بۇ چاغدا لى شىمىن ئۇنىڭ مەقسىدىنى بىلگەچكە ئۇنى پايدىغا قىزىقتۇرۇش يولى بىلەن تەسىرلەندۈردى. شۇنداق قىلىپ تۈركلەر چېكىندى، ھەمدە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆۋرۈكتە قايتا ئۇچرىشىشقا كېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن لى شىمىنى ئېلتەبىر بىلەن كۆۋرۈك ئۈستىدە ئىتتىپاقلىق كېلىشىمىگە كەلگەن.
لى شىمىننىڭ تۈركچە بىلىشى ئېنىق. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلار قانداقسىگە دەريا بويىدا سۆزلىشەلىسۇن. دېمەك، ئۇلار پۈتۈنلەي بىر خەق، تىلىمۇ ئوخشاش ھەتتا ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ ئوخشاش ھەم ئوخشاش مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈ-شىگە ئىگە.«سۈي-تاڭ توغرۇلۇق تاڭسۇق سۆزلەر»دېگەن پۈتۈكتە لى شىمىن-نىڭ قېرىندىشى لى يۈەنجىنىڭ تەققى تۇرقى غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭكىدەك تۈكلۈك -يۇڭلۇق بولغاچقا«خۇر(ساقاللىق)» دەپ ئاتالغان. ئەركىلەتمە ئىسمىمۇ سەنخۇ(ساقاللىق 3- ئوغۇل) ئىدى.
ئەسلى مەنبەسى :
http://bbs.tiexue.net/post2_6873319_1.html