جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر، ئاساسەن تېنىچ قۇرۇلۇش قىلىش مۇھىتىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بىرقانچە مەيدان قىسقا مۇددەتلىك، كىچىك دائىرىلىك ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇشنى باشتىن كۆچۈردى. بۇ ئۇرۇشلار ئاساسەن: ۋېتنامغا يارىدەم بىرىپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى؛ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشى؛ ۋېتنامغا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئوروشى؛ لائوسقا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى؛ جوڭگۇ – ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى؛ جېنباۋداۋ ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى؛ شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى؛ جوڭگۇ – ۋېتنام چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى ۋە نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نىگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ توققۇز قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ جوڭگۇغا ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپىتى. شۇنداقلا جوڭگۇنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا بولغان ئېغىر تەھدىتى ھىساپلىنىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، جوڭگۇ ھەربىي ئىشلار ئىستىراتىگىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىشنى يىتەكچى فاڭجىن قىلىپ، ھەر بىر مەيدان كىچىك دائىرىلىك ئۇرۇش ياكى توقۇنۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى قوغدىدى.
ۋېتنامغا يارىدەم بىرىپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى: 1950- يىلى 1- ئايدا ھىندى چىنى كومپارتىيەسى (ياندۇرقى يىلى ۋېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ رەئىسى خۇجىمىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بۇلۇپ، سىتالىن ۋە شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بۇلۇۋاتقان ماۋزېدوڭ بىلەن ۋېيتنام ئىنقىلاۋىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىللەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 2- ئايدا خۇجىمىن ۋېيتنامنىڭ فرانسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۇرشىغا يارىدەم بىرىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومېتېتىدىنھەربىي ماددىي ئەشيا يارىدىمى بىرىش ۋە ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەزگىل جوڭگۇ ئىنقىلاۋى ئەمدىلا مەملىكەت خەرەكتىرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن مەزگىل بۇلۇپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋېيتنامنىڭ دۆلەت مۇستەققىللىقى ۋە مىللەتنىڭ خوشاللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يارىدەم بىرىش ئۈچۈن، جوڭگۇ دەرھال خۇجىمىننىڭ تەلەپىگە قۇشۇلدى.
1950- يىلى 8- ئايدا ۋېيتنامغا بارغاندىن 1954- يىلى ۋېيتنامنىڭ فرانسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر جوڭگۇ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئىلگىر – كېيىن بۇلۇپ ۋېيتنام خەلق ئارمىيەسىگە يارىدەملىشىپ، چېگرا، خوڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى، شەرقىي شىمال (18- نومۇڭرلۇق تاش يول)، گاپىڭ، غەربىي شىمال، شاڭلياۋ، ديەنبيەنفۇدىن ئىبارەت كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ يەتتە قېتىملىق جەڭنى تەشكىللىدى ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلدى.
شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: شىشا تاقىم ئارىلى جوڭگۇنىڭ نەنخەيدىكى تۆت تاقىم ئارالنىڭ بىرى بۇلۇپ، ىەينەن ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 330 كىلومىتىر كىلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. بۇ ئارال شۇەندې ۋە يوڭلىدىن ئىبارەت ئىككى تاقىم ئارال ۋە باشقا مارجان خادا تاشلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئومۇمى كۆلىمى تەخمىنەن 10 كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ. ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ، جوڭگۇ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز قاتنىشىنىڭ مۇھىم يۇلى، شۇنداقلا ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىگە تۇتىشىدىغان دېڭىز قاتنىشىنىڭ مۇھىم پورتى ھىساپلىنىدۇ.
1956- يىلى ھىندى چىنى ئۇرۇشى توختىغاندىن كېيىن، فرانسىيە يامان نىيەتتە بۇلۇپ، ئۆزى ـاجاۋۇز قىلغان مارجان تاش ئاراللىرىنى جەنۇبىي ۋېيتنام ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. جەنۇبىي ۋېيتنام مەسئۇل دائىرلىرى جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىشى ۋە قاتتىق ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، ئاراللارنى ئىگەللىۋېلىشنى توختاتماي، جوڭگۇنىڭ بېلىقچىلىق كىمىلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. 1973- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ۋېيتنام ئارمىيەسى جوڭگۇنىڭ نەنشا، شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئالتە ئارالنى ئىگىلىۋالدى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش، جەنۇبىي ۋېيتنام ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتىتى چارلاشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ ھەربىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. 1974- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومېتىتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نەنخەي فلوتىغا دەرھال ھەربىي پاراخوت ئاجرىتىپ، شىشا يوڭلې تاقىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىنى چارلاش، خەينەن ھەربىي رايۇنىغا خەلق ئەسكەرلىرى چىقىرىپ، دېڭىز ئارنىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن شىشا يوڭلې تاقىم ئارىلىدىكى جىڭچىڭ، شىنخاڭ، گۇاڭجىندىن ئىبارەت ئۈچ ئارالغا كىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 1- ئاينىڭ 19- كۈنى دېڭىز ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەنخەي فلوتى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنى جەنۇبىي ۋېيتنامدىن قايتۇرىۋېلىنغان ئاراللارغا ئاپىرىپ قۇيۇش ۋە جەنۇبىي ۋېيتنام ھەربىي پاراخوتلىرىغا زەربە بىرىش ئۈچۈن، قىسىم تەشكىللەپ ئۇرۇش رايۇنىغا كىردى.
نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن بۇرۇن، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بايانات ۋە رەسمىي ھۆججەتلەر، نەشىر قىلغان خەرىتە ۋە دەرىسلىك كىتابلاردا نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ جوڭگۇنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىنغان. لېكىن ۋېيتنام ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ئۆز گېپىدە تۇرماي، جوڭگۇنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىشقا باشلاپ، جوڭگۇنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئاۋارچىلىق تۇغدۇرغان. 1980- يىلىغا قەدەر ۋېيتنامنىڭ قالايمىقانچىلىق پائالىيەتلىرى كۈنسىرى ئېغىرلاپ، ئاخىرى ھەربىي توقۇنۇش پەيدا قىلغان.
1988- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 6 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېيتنام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 604-، 605- نومۇرلۇق تىرانسىپورت پاراخوتى ۋە 505- نومۇرلۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى تۇيۇقسىز نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى چىگۇاجياۋ سېڭىز رايۇنىغا ئۇسسۈپ كىرىپ، بۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ۋېيتنام ئارمىيەسىدىن 43 كىشى يىنىك تىپتىكى پىلىموت، ئاپتوماتلار بىلەن چىگۇاجياۋغا مەجبۇرىي چىقىپ، جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر تەكشۈرگۈچى خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسى دەرھال ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىشكە ئاتلاندى. ئۇرۇش 28 مىنۇت داۋاملىشىپ، ۋېيتنامنىڭ 604- نومۇرلۇق تىرانسىپورت پاراخوتى چۆكتۈرۈۋىتىلدى. 605- نومۇرلۇق تىرانسىپورت پاراخوتى ۋە 505- نومۇرلۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]