خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

چىڭگىزخان ياراتقان ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدىكى 10چوڭ ئىش

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2015-04-07 22:27


چىڭگىزخان ياراتقان ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدىكى 10چوڭ ئىش



تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئېمپىرىيەنى بەرپا قىلغان چىڭگىزخان20يىلدىن كوپرەك قانلىق ئۇرۇش قىلىپ ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كىيىن بۇلۇنمە ھالەتتە تۇرغان مۇڭغۇل يايلىقىنى بىرلىككە كەلتۇردى.يايلاقتىكى رەقىپلىرنى بىرىلەپ يوقىتىپ، ھەر قايسى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇردى.
كېيىن كەڭ كۆلەملىك بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ، پۈتكۈل ياۋرو-ئاسيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئورۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 40 نەچچە دۆلەتنى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە ئەل قىلغان.
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى موڭغۇل خانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، ئىلخانىيلار خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى  قۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل ئاسيا ۋە ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنىغا ئايلانغان.

ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ زور كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغىغان. موڭغۇل چەۋەندازلىرى خۇاڭخې، چاڭجياڭ،جۇجياڭ دەريا ۋادىلىرى ۋە ئامۇ، ھىندى دەريالىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىردا دوناي دەرياسى قىرغاقلىرىغا يېتىپ بارغان. ئۈچ قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىپ، روسىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە ۋە گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلغان.

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتلىق لەشكەرلىرىنى باشلاپ كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلغان بولۇپ، ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى چاقىرىم بىلەن ئەمەس، پاراللېل سىزىقلار ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئۇ 200 مىڭ ئاتلىق لەشكىرىگە تايىنىپ مىسلىسىز چوڭ ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، نەچچە ئون مىليون نوپۇسقا ئىگە، نەچچە 100 مىڭ، نەچچە ئون مىليون قوشۇنغا ئىگە روسىيە، جەنۇبىي سۇڭ خانىدانلىقى ۋە خارەزىم خانلىقىنى يوقاتقان.

ئەڭ بۇرۇن تىرانسپورت ئالاقە تورىنى بەرپا قىلغان. چىڭگىزخان تارىختا ئەڭ بۇرۇن تىرانسپورت ئالاقە تورىنى بەرپا قىلغان، بۇ داڭلىق موڭغۇل رابات ئالاقە تور سىستېمىسىدۇر. چىڭگىزخان يىراقتىكى قوشۇن بىلەن قوماندانلىق ئىشتاب ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «يا ئوقىدەك تېز چاپىدىغان چەۋەندازلار» دەپ ئاتالغان دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئالاقە لەشكەرلىرىنى تەشكىللىگەن.

بۇ ئالاقە لەشكەرلىرى ئۇزاق مەشىقلەندۈرۈلگەن. چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك تۆت سانغۇنىنىڭ بىرى بۇلارغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇلار يول بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان راباتلار ئارقىلىق كۈندۈزلىرى نەچچە يۈز چاقىرىم يول يۈرگەن. جىددىي ئەھۋاللار يۈزبەرگەندە كېچىلىرىمۇ يول يۈرۈپ، يول بويى ئاتلارنى ئالماشتۇرۇپ، چېڭگىزخاننىڭ پەرمانلىرىنى ھەر قايسى قوشۇنلارغا يەتكۈزگەن، شۇنداقلا جەڭگاھ خەۋەرلىرىنىڭ ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

4.ھەربىي تاكتىكىلىق تىغلىق قوراللار دەۋرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرگەن.

چىڭگىزخان ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ھەيۋەتلىك بىر مەيدان جانلىق دىرامىغا رېژىسسورلۇق قىلغان. ئۇ دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلغار قورال-ياراغ ۋە ساپالىق قوشۇن بەرپا قىلغان. چىڭگىزخان دۇنيا ھەربىي تارىخىدىكى مەشھۇر تالانت ئىگىسى، ئۇ ھەربىي ئىلمىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان.
دۇنياغا داڭلىق ھەربىي ئالىم، ئامېرىكىلىق گېنېرال ماك ئارتور بۇ توغرىدا: ئۇرۇشقا ئالاقىدار خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى تارىختىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، پەقەت چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇش خاتىرىلىرىلا قېپقالغان، شۇنداقلا ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان، دېگەن.

بىرىنچى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاتلىق لەشكەرلەرنى تەشكىللىگەن.
ئىككىنچى، تۇنجى بولۇپ ھەممە پۇقرا ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. چىڭگىزخاننىڭ قوشۇن قۇرۇش، مەشىقلەندۈرۈش ۋە قوشۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ھەممىسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ.كۆچمەن چارۋىچىلار ئادەتتە چارۋا بېقىپ، ئوۋچىلىق قىلىدۇ، ئۇرۇش بولۇپ قالسا دەرھال ئاتلىق ئەسكەرلەر بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئورۇشقا ئاتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئاتلىق لەشكەر ۋە مەرگەن ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ توپچى ئەسكەرلەر قوشۇنىنى قۇرغان. تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، موڭغۇل قوشۇنى 1220-يىلى خارەزىمنى بويسۇندۇرغاندا، توپچى ئەسكەرلەر قوشۇنىنى قۇرغان. موڭغۇل قوشۇنى نىشاپور شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، كۈچلۈك ئوقياچىدىن 3000 نى، پالاخماندىن 300نى، مانچاقتىن 4000 نى، سالغىدىن 2500 نى، يەنە سېپىلغا ھۇجۇم قىلىش جەڭ ھارۋىسى ۋە سېپىلنى ۋەيران قىلىش ھارۋىسى تەييارلىغان، سەمەرقەنتكە ھۇجۇم قىلغاندا ئوت چاچارنى ئىشلەتكەن.
تۆتىنچى، دۇنيادىكى تۇنجى قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرغان.
بەشىنچى، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» نى كەشىپ قىلغان. چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش چىڭگىزخاننىڭ تۇنجى كەشپىياتى چاقماق تېزلىكىدىن ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر.

5.ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچى. تارىخشۇناسلارنىڭ ئۇنى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچى، دەپ قارىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دۇنيانىڭ يېرىمىنى بويسۇندۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە قۇرغان. چىڭگىزخان ئۆمرىدە 60 نەچچە قېتىم ئۇرۇش قىلغان، بىر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىغان.
6. دۇنيا تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخس. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى غەربكە 250 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. پۈتكۈل دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىڭگىزخاننىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى تەسىرى ھايات ۋاقتىدىكىدىنمۇ زور بولغان.

7. سىياسىي دېموكراتىيەنى ئەڭ بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرغان. چىڭگىزخان تەختكە چىققاندىن كېيىن دېموكراتىك سايلامغا يول ئېچىپ بەرگەن، زور مەسىلىلەردىكى قارار ماقۇللاش ئىشلىرىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ قارار قىلغان.

8.نەچچە مىڭ يىللىق تارىختىكى ئەڭ باي كىشى. بويسۇندۇرۇلغان زېمىن ۋە مال-مۈلۈك بويىچە ھېسابلىساق، چىڭگىزخان دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇللار ئەينى چاغدا 30 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننى ئىگىلىگەن، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسمى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسىگە تەۋە بولغان. ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىدىكى ھەمدەپنە بۇيۇملار ھازىرقى موڭغۇللارنىڭ 300 يىل بىكار يېتىپ يېيىشىگە يېتىدىكەن.

9.تارىختىكى ئەڭ كۆپ نەزىر-چىراغ بېرىلگەن ئىمپېراتور. قۇبلاي خان ئارقا-ئارقىدىن يارلىق چۈشۈرۈپ، چىڭگىزخانغا ئاتالغان نەزىر-چىراغنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرىنى بېكىتىپ بەرگەن، موڭغۇللار بۇنى 700 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرغان.

10. ئەڭ كۆپ« سىر»نى قالدۇرۇپ كەتكەن. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بويسۇندۇرۇش يۈرۈشلىرىنىڭ غەلىبىسى كېيىنكىلەرگە نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرغان. ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر يېتىم قانداق قىلىپ ئىمپېراتورغا ئايلانغان؟ نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە موڭغۇل خاقانى ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون قوشۇنغا ئىگە چوڭ دۆلەتلەرنى يېڭىپ، دۇنيانىڭ يېرىمىنى بويسۇندۇرۇپ، غايەت زور ئىمپېرىيەنى قۇرغان؟....
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار