ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ،

    ھەر تۈن كېچە تەنھالىق ماڭا.

    شۇنچە گۈزەل ئاي، كېچە بېراق،

    بارچە مىسرا يېزىلار ساڭا.

  • خىيال كېچىسى

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ئاي نۇرىدا رەڭلەنگەن ياتاق،

    ئاق ئىستەككە تويۇنغاندۇر لىق.

    يار غېمىدە سوقار بىر يۈرەك،

    خىياللارغا ئەسرار بوپ تاتلىق.

  • ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت داستانلىرىدا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك».روزى سايىت 《تاڭ شەجەرىسى》داستانىدا تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: داستاننىڭ 1–بابىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

  • ئىككىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان.  مەسىلەن: بىز يەنە«بەختى دىھقان ـــ بەخىتلىك دىھقان» داستاننىڭ 1-بابىغا قارايلى:

  • روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

    ئابلىمىت ئابدۇراخمان

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ماگېستىر ئاسپىرانتى

     مېنىڭچە، روزى سايىت رىئالىزىمچى شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش بەدىئىي چىنلىق بىلەن شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قايتۇرۇلغان.بۇ ھەقتە پىروفىسسۇر ئازاد سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:«روزى سايىتنىڭ ئىجادىيتىدە لىرىكىدىن كۆرە ئېپىكا ئاسالىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ھېسياتىنى ئەمەس بەلكى، تۇرمۇشنى.خىيالىي جەننەتنى ئەمەس بەلكى، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى يازىدۇ.

  • قايغۇلۇق خەۋەر: ئالىم، تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋاپات بولدى

     ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم، تونۇلغان شائىر ھەم ئەدىب، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەتتارىخى تەتقىقاتچىسى، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ( ھاجى ( ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .

  • چىمەنلەردە مېنى ئۇنۇتماڭ

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

             مەن يوق بەلكىم خۇش يانىڭىزدا،

             ۋە يا يالغۇز ئۆي، خانىڭىزدا،

             بىراق سىز سىز مېنىڭ ۋەتەنىم،

             چىمەنلەردە مېنى ئۇنۇتماڭ.

  • يوشۇرۇن سۆيگۈ

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    شاماللارغا ئېيتقان سۆزۈمنى،

    ساڭا ئەسلا ئېيتمىدىم پەقەت.

    يۈرۈگۈمدىن ياشلار ئاقسىمۇ،

    ئۈمىد بەردى يەنە مۇھەببەت.

  • نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

      

    چۈشلىرىمدىن ئۇزىدىڭ سەھەر،

    ھايات يەنە قالدىغۇ بەتتام.

    ۋىسال يەنە نېسىپ بولمىدى،

    بەخت بۇندا چۇل-چۇل بولغان جام.

  • ئۇھسىنىش

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن 

    ھىجران ھۇۋلار ئىمكانلىرىمدا،

    مەن بىتەلەي دەيمەن ئۆزۈمگە.

    يىگىتلىگىم سۇ بولغان دەمدە،

    ئىچىنىمەن بۇلاق كۆزۈمگە.

  • گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    راسىت، ئۇ شۇنداق گۈزەل بىر رەسىم،

    بار ھۆرلەرگە بولىدۇ ئەنداز.

    كۆزلىرىدىن ھايا تۆكۈلەر،

    ئۇندا ئۇيۇپ قالغان سىرلىق ناز.

  • ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى

    ئاپتور:  كېرىمجان ئابدۇرېھىم

    ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت تەنقىدچىلىكىدىكى قوللىنىشچانلىققا ۋە ئومۇمىي ئېتىراپقا ئىگە تەنقىد تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل – تەتقىق قىلىش ۋە باھالاشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدىغان، ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق ھالقىلىرى، ئەخلاق نۇقتىسى، ئەخلاق ئۆلچىمى ئاساسىدا ئەسەرنى تەھلىلتەتقىق قىلىدىغان ۋە باھالايدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى كۆرسىتىدۇ.

  • ھېيتىگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

    ئىبراھىم نىياز

    ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى

  • تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ تەرجىمھالى

    تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

  • ئەدىبلەر نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ
    يالقۇن روزى

    قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسۇپ سوقرات«ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ ، پىتنە –پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ» دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قۇغداش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دارغا ئىسلغان سوقرات ئۆز زامانداشلرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلا كىشلەرىنڭ بىرى بىرى ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئافىنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشلەرنىڭ قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا ، ئەلۋەتتە ھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە.

  • شېئىر ۋە ئۇنى چۈشىنىش
    غەيرەت ھوشۇر

    شېئىر ھەرقانداق ئىنساننىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان، ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس سېھىرلىك سۆيگۈ. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، شېئىرنى ھېس قىلىش، ۋۇجۇدىدىن قېزىپ چىقىش، ئۇنى ئىپادىلەش، تەپەككۇر ئالىمىدە رەڭ بېرىپ روياپقا چىقىرىش شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانىيەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  •  

    «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سان مۇندەرىجىسى

     

     

    پوۋېست

    يىلان مۈڭگۈزى ................................. تۆلەندىن ئەزىم زۇليارى

     

    ھېكايىلەر

    ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى..................................................پەرھات تۇرسۇن

    نامازشام گۈلى.......................................................رەشىدە سېيىت

     

     

  •  

    ئۆمەر مەھمۇد شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە

    ئايسىمە ئىدىرىس

    ئۆمەرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇۋاتقاندا قوبۇللىغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا سۆزلىگۈچىنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ناھايىتى مۇڭلۇق بىر كەيپىيات ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ.يەنى شائىرنىڭ چوڭقۇر ھىسىيياتىنىڭ (تۇتاشتۇرغۇچى)نىڭ ئارقىسىدا شېئىرنى يۆلەپ تۇرغان بىر قەلبنى(شائىرنى)ھىس قىلغىلى بولىدۇ.

  • بابۇر تەۋەللۇتىنىڭ 528 يىللىقىغا قۇت بولسۇن

    بۈگۈن يەنى 2001-يىل 14-فىۋرال ئەدىب زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ تەۋەللۇتىغا 528 يىل تولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنى ياد ئىتىمىز.

    تۈركى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم نامايەندە شائىر، زامانىسىنىڭ ئالىمى، دۆلەت ئەربابى، سىياسىئون زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر(1483-1530) ئەمىر تۆمۈرنىڭ بەشىنچى ئەۋلادى بولۇپ،  1483-يىلى 14-فىۋرالدا فەرغانە ھۆكۈمدارى ئۆمەر شەيىخ ئائىلىسىدە ئەندىجاندا دۇنياغا كەلگەن.

  •  

     ئانام ئاپپاق ئەتىرگۈل ئىدى

    مەسئۇد ئىيسا

     


    سىرتتا تۇرۇپ سەپسالدىم

     

    ھۇررەك باسقان قوللىرى بىلەن

     

    ئوتتۇز يىللىق سېكىلىكى بىلەن

     

    ئاشماقتا جىلتە