ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-15

    ئۆمەر مەھمۇد شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئۆمەر مەھمۇد شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە

    ئايسىمە ئىدىرىس

    ئۆمەرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇۋاتقاندا قوبۇللىغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا سۆزلىگۈچىنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ناھايىتى مۇڭلۇق بىر كەيپىيات ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ.يەنى شائىرنىڭ چوڭقۇر ھىسىيياتىنىڭ (تۇتاشتۇرغۇچى)نىڭ ئارقىسىدا شېئىرنى يۆلەپ تۇرغان بىر قەلبنى(شائىرنى)ھىس قىلغىلى بولىدۇ.مەسىلەن؛ شائىرنىڭ «بىر دەرەخنىڭ ھەسرىتى»ناملىق شېرىغا قارايدىغان بولساق:

    تېنىمگە پاتمايۋاتقان سېنى

    قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟

     

    كېچىدىن يىراق ئاۋۇ دېرىزە

    مېنى شۇنچىلا قىيناپ تۇرىدۇ

    بىر تۈپ دەرەخ مەن شۇنداق...

    دېرىزە ئىچىدە بىر پەرى ئولتۇرىدۇ.

     

    ئەجەبلەنمەڭ

    بىر دەرەخنىڭ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى

    ماۋۇ كېچىدە تامامەن مۇمكىن ئىدى...

     

    بەلكىم ئۇلار مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ

    ئۇلار ئېگىز، بەستلىك

    ئۇلار سېمىز، ئۇستىخانلىق

    ئۇلار...

     

    مېنىڭ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىم

    مەن بىر تۈپ دەرەخ ئىدىم...

    ئۇلار مېنىڭ يۇپۇرمىقىمنى

     ئۇنىڭ قۇلىقىغا قىسىپ قوياتتى

    مەن ھاياجانلىناتتىم

    ئاندىن ئاستا - ئاستا قۇرۇپ كېتەتتىم...

     

    مەن يەنىلا بىر تۈپ دەرەخ بولاتتىم...

    ئۇلار مېنىڭ دەرەخ ئىكەنلىكمنى بىلمەيتتى

    سەن ماڭا پىچىرلاپ تۇرغاندا

    ئۇلار سېنى رەنجىتكەن  بولاتتى

    دەردلىرىڭ مېنى تۆكۈۋالاتتى...

     

    ئاھ!...مەن بىر تۈپ دەرەخ ئىدىم

    تېنىمغا پاتمايۋاتقان سېنى

    قانداق ئىپادىلەيتتىم؟...

     ھازىرنىڭ ئۆزىدە شېئرنى ئوقۇۋاتقان بىز« قوبۇللىغۇچى»، ئۆزىنىڭ ھەسرىتىنى سۆزلەۋاتقىنى ،يەنى بىز بايقاۋاتقان ھىسسىياتلىق دەرەخ« سۆزلىگۈچى»،  بىز شېئىرنى ئوقۇش جەريانىدا بايقىغان « سۆزلىگۈچى» نىڭ مۇڭلۇق كەيپىياتى « تۇتاشتۇرغۇچى»، شائىر ئىشلەتكەن ھەر خىل تىنىش بەلگىىلىرى ، شائىر تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇلغان يېڭى سۆز جۈملىلەر ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇلار بىرلىشىپ شېئىرنى ناھايىتى مۇڭلۇق، لىرىك، ھەم قاتمۇقات كەيپىياتقا ئىگە قىلغان. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شېئىرنى ئاجرىتىۋېتىش، ياكى ئايرىپ ئوقۇش مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى بىز باشتا دەپ ئوتكەن شېئىرى ئېيتىم، يەنى رىئال مەۋجۇتلۇقتىكى شېئىرى تىل مۇھىتى بۇنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئەگەر  شېئىر مىسرالىرى بىر بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىلسە شېئىرنىڭ رىئال تىل مۇھىتى بۇزىلىدۇ دە شېئىرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە تەسىر يېتىپ، ھەقىقى بىر شېئىر مۇھىتنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى دەۋردىكى 8090-يىللار شائىرلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى بىر ئالاھىدىلىكىمۇ دەل مۇشۇ بولۇپ، يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك شائىر، ئوقۇرمەن، مەۋجۇت تىل مۇھىتى، تىل قۇرۇلمىلىرى، ھىسسىيات ئامىللىرى بىر گەۋدىگە ئايلانغان ، ئەگەر ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلسە ئۇ ھالدا شېئىرنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. مەسىلەن: بىز يۇقارقى شېئىرنى يەنە مىسالغا ئالسا بەلگىلىك قۇرۇلمىلىق تىل ۋە تىلنىڭ قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان شېئىرى مىسرالاردىن بىز شۇ چاغدىكى « سۆزلىگۈچى»نىڭ ھىسسىياتىنى (مەسىلەن: «تېنىمگە پاتمايۋاتقان سېنى»، «كېچىدىن يىراق ئاۋۇ دېرىزە»،«مېنى شۇنچىلا قىيناپ تۇرىدۇ»، «ئاندىن ئاستا - ئاستا قۇرۇپ كېتەتتىم...» قاتارلىق ئازاپ ۋە ئىزتىراپلىرىنى) ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز، مانا بۇ ھىسسىيات دەل « سۆزلىگۈچى»بىلەن «قوبۇللىغۇچى»نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان زامان ماكاندىن ھالقىغان « تۇتاشتۇرغۇچى»دۇر. مانا مۇشۇ تۇتاشتۇرغۇچىنىڭ ياردىمىدە بىز شائىر ئىشلەتكەن تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھىس قىلالايمىز. يەنى : بەلگىلىك تىل مۇھىتىدا شېئىردىن بالقىغان تەنھالىقىنى ، غېرىپلىقنى، دەرەخنىڭ شېئىرى مەنىسىنى ، نىمىشقا شائىرنىڭ ئۆز ھىسسىياتىنى «سۆزلىگۈچى » دەرەخكە يۈكلىگەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز. شائىر ئۆز ھىسسىياتىنى دەرەخكە يۈكلىگەچكىلا شېئىرنىڭ سىغدۇرۇش دەرىجىسى ئاشقان. دەرەخ  ھەر جەھەتتىن ئادەمدىن چوڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئادەمدىن كۈچلۈك، گەرچە دەرەخنىڭ بىرسىنى ياىشى كۆرۈپ قېلىشى ئەقىلغە سىغمىسىمۇ، ئەمما ، دەرەخنىڭ كېچىدىكى يالغۇزلىقى، ئۇنىڭ دەرىزىگە قاراپ تۇرالايدىغانلىقى، ئازاپلانغان قىزنىڭ ئۇنىڭغا يۆلىنىشى قاتارلىقلار ئەقىلگە سىغىدۇ. شائىر مۇشۇ نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، «سۆزلىگۈچى»نىڭ  رولىنى دەرەخكە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق  «قوبۇل قىلغۇچى»نىڭ تەپەككۇرىنى چەكلىك مۇھىتتىن چەكسىزلىككە باشلاپ كىرىپ ، «تۇتاشتۇرغۇچى» نىڭ پارتلاش كۈچىنى تېخىمۇ كەڭەيتكەن. بۇنداق بولغاندا تىل ئامىللىرى ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان مەنە تېخىمۇ  چوڭقۇرلايدۇ. مەسىلەن: «تېنىمگە پاتمايۋاتقان سېنى، قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟»  بۇ مىسرالاردىكى تىل ئامىللىرى ئەلۋەتتە بىرىكتۈرۈلگەن سۆزلەردىن باشقا مىسرانىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى سۇئال بەلگىسى. مانا مۇشۇ سۇئال بەلگىسىنىڭ ئۆزىلا ئەسەردىكى ئەڭ كىچىك تىل ئامىلى بولسىمۇ ئەمما ئۇ شېئىرى كەيپىيات يارىتىش، شېئىرغا «قوبۇللىغۇچى»باشلاپ كىرىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. كىيىنكى قەدەمدە بىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىمىز دەل ئاشۇ سۇئال بەلگىسى ئۈچۈن ئېرىشىلىدىغان جاۋاپ-  

     « بەلكىم ئۇلار   ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ

    ئۇلار ئېگىز، بەستلىك

    ئۇلار سېمىز، ئۇستىخانلىق

    ئۇلار...»

     بىزنىڭ بۇ يەردە ئېرىشىدىغىنىمىز يەنى «قوبۇللىغۇچى»نىڭ ئېرىشىدىغىنى ھەرگىزمۇ بىر قىزغا ئاشىق بولغان بىر يىگىتلا ئەمەس، بەلكى جەمىيەت ، ئادەملەر ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقان بىر قەلپ ، يەكلىنىۋاتقان، بارغانسىرى كۆزگە ئىلىنمايۋاتقان   بىر ۋۇجۇد. دىمەككى، 8090-يىللار دا تۇغۇلغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇنداق ئەمىلى مەۋجۇتلۇق مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ئىلگىركى رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن تۈپتۈز ئىپادىلىمەستىن بەلكى ، رىئاللىقنى تىلغا يۈكلەپ تۇرۇپ، ئەقىلچىلىكنىڭ دائىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ، تاق يۆنىلىشلىك ھوزۇر بېغىشلاشتىن يۇقارقىدەك شېئىرغا ھەممە قاتنىشالايدىغان ،مەۋجۇت تىل رىئاللىقىغا تايىنىپ ھىسسىياتنى شائىردىن ئوقۇرمەنگەن، ئوقۇرمەندىن تىلغا، تىلدىن يەنە شائىرغا يۆتكيەلەيدىغان كۆپ يۆنىلىشلىك شېئىرلارنى ۋۇقۇدقا چىقارغانلىقىدا. ئۆمەر مەھمۇتنىڭمۇ كۆپىچە شېئىرلىرى مانا مۇشۇنداق تەرىزدە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىك شېئىردىكى شېئىرى كەيپىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەڭەيتىشكە پايدىلىق. 

    مەنبە : يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us