• ئاپامنى سېغىندىم(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:23-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    -ئاپامغا نېمە بولدى؟نىمىشقا كۆزىنى ئاچمايدۇ؟دادا گەپ قىلە ئاپام كۆزىنى ئاچسۇن.جېنىم ئاپا كۆزۈڭنى ئاچە!ئاپامنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ

     

    -ئاپامغا نېمەبولدى؟نىمىشقا كۆزىنى ئاچمايدۇ؟-دادا گەپ قىلە !ئاپام كۆزىنى ئاچسۇن.جېنىم ئاپا كۆزۈڭنى ئاچە!ئاپامنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىمىزمۇ ؟دادا ئۇنداق قىلمايلى ئاپامنى بىرگە ئېلىپ كېتەيلى!جېنىم دادا خوش بولۇپ كېتەي ئاپام يالغۇز قالمىسۇ،ئوغلۇمنىڭ نالىسىدىن ھەممنىڭ كۆڭىلى بۇزۇلغاندى،مەن نېمە دىيىشمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.
    -بالام ئۇنداق قىلما ئاپاڭ ئۆلۈپ كەتتى ،ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يەرلىككە قويۇلىدۇ ئۆيىگە ئەكتىشكە بولمايدۇ يۈرە.دىگىنىچە ساۋاقدېشىم ئەركىن ئۇنىڭ قولىدىن يىتىلەپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
    -ياق مەن كەتمەيمەن،ئاپامغا ھەمراھ بولىمەن.ئۇنىڭ كۆزياشلىرى ئۈنچىدەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى، كىشىنىڭ يۈرەك –باغرىنى ئېزىدىغان يېغىدىن ھەممىنىڭ كۆزىلىرى ئخىتىيارسىز نەملەشىتى.شۇنداق قىلىپ مىڭ بىر جاپادا ئوغلۇمنى قەۋرىستانىلقتىن ئېلىپ كەتتۇق.
    ئۆلگەننىڭ  كەينىدىن ئۆلگىلى بولمىغاندەك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ،ھازا ئېچىشمۇ ئاخىرلىشىدىكەن.مانائۇنىڭ ۋاپاتىغىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە  بىر نەچچە  بولدى ،ئوغلۇممۇ   5ياشقا تەكىرىپ قالدى . ئۇرۇق-تۇققان دوست-بۇرادەرلەر قايتا نىكاھلىق بولۇۋېلىش ھەققىدە كۆپ قېتىم  مەسلىھەت بېرىشتى . بىراق ئوغلۇمنى خارلاپ قويارمىكىن دىگەندەك ئەندىشىلەر بىلەن  ھەممىنى بىر-بىرلەپ رەت قىلىپ كەلگەندىم،يېقىندىن بېرى ئۆزۈمچە يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، شۇ تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدېشىم ۋىسال ئاي بىلەن توي قىلىۋالغىنىمغا بىر نەچچە ئاي بولدى .ۋىسال ئاي كەمسۆز،مىھرىبان ،ئاددى-ساددا،ئۆي ئىشلىرىغا پۇختا ئايال بولۇپ ،ئۇ ئوغلۇمنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى،ھەر دائىم ئۇنىڭغا ياخشى مۇئالمىلىدە بولاتتى،دائىم دىگۈدەك ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرەتتى،بىراق ئوغلۇم ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئۇرۇپ چېقىۋېتەتتى،ئايالىم بۇلارنى ئېغىر ئالمايتى ئەكسىچە قايتا ئېلىپ بېرەتتى،ھەركۈنى دىگۈدەك ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى ۋە ئۇنى ئوغلۇم ئۇيغۇرجان دەپ چاقىراتتى. بىراق ئوغلۇم دائىم دىگۈدەك ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى،ھە دىسىلا سىز مىنىڭ ئاپام ئەمەس ،مەن سىزنى ئاپا دىمەيمەن ،ھەدە دەپ چاقىرغانغا خوش بۇلۇڭ دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇلارنى قىلچە ئېغىر ئالماي، كۈندە دىگۈدەك يېسلىغا ئاپىرىپ ئەكىلەتتى ...
    بۈگۈن چۈشتىن كېين تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ،مەن خىزمەتتىن چۈشۈپ ئايالىمغا.
    - سىز ئۆيىگە قايتىڭ مەن بالىنى ئەكىلەي دىدىم-دە،يېسلى تەرەپكە قاراپ چاپتىم،يامغۇر گويا چېلەكلەپ سۇ قۇيغاندەك  چۈشۈۋاتاتتى،چاپان كىيۋالمىغاچقا توڭلاپ تىتىرەشكە بالىدىم.قېرىشقاندەك ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى،مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتتە يېسلىغا كەلدىم بىراق ئوغلۇم ئۇيغۇرجان كۆرۈنمەيتتى،مەن ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشتۈم ،ئۇمۇ بالىنىڭ ئۆيگە قايتقانلىقىنى ئېيتتى،يولدا ئۆتۈشۈپ كەتكەن ئوخشايمىز دىگەن خىيال بىلەن ئۆيگە تېلىفون قىلدىم ئۇ ئۆيگە بارماپتۇ،ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىغاچ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن يەنە يېسلىغا كەلدىم يامغۇر سەل پەسەيگەندى،ئۇيان چاپ-بۇيان چاپ يېسلىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى ئاختۇرۇپ چىقتىم لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالامىدىم ،ئاخىرى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىش نىيىتىگە كەلدىم-دە،يېسلىدىن ئايرىلدىم ئەمدىلا تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىشىمگە ئالدىمدا سومكا ئېسىۋالغان كىچىككىنە بىر سايە پەيدا بولدى مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى پەملىدىم ۋە.
    _ئۇيغۇرجان !دەپ توۋلۇدۇم ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،مەن تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەندى.
    -ئادەمنى ئىزدىتىپ نەگە باردىڭ دىدىم خاپا ھالدا.
    _يېسلىغا دىدى ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ ئۇ، مەن ئۇنىڭ جاۋابىغا خاپا بولغان بولساممۇ چاندۇرماسقا سالدىم ۋە ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتىم.كىم بىلسۇن بىردەمدىن كېيىنلا پۈتۈن بەدىنىم خۇددى ئۇرۇپ چېقىۋاتقاندەك ئاغرىپ،قىززىشقا باشلىدىم.
    سەھەردىلا كۈلۈپ چىققان قۇياش نۇرى ئۆينى ئىللىتىشقا باشلىدى ،بېشىمنىڭ ئاغرىقى سەل بوشىغان بولۇپ بەدەن تېمپىراتۇراممۇ سەل تۆۋەنلىگەندى،كېچىدىن كىرپىك قاقمىغان ئايالىم  كرىسلودا يانپاشلاپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ،بىچارە بىر كېچە ماڭا قارايمەن دەپ كۆپ جاپا تارتتى دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ كارىۋاتتىن ئاستا چۈشتۈم -دە،پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىپ يۇڭ ئەدىيالنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ  ،بىر پىيالە چاي قۇيۇشقا تەمشەلدىم .شۇ ئەسنادا ئىشىك قىيا ئېچىلىپ كىچىككىنە بىر سايە كىرىپ كەلدى، ئۇدۇل كەلگەنچە ئۈستەلدىكى كۆمتۈرۈپ قويۇلغان پىيالىنى ئالدى-دە،بىر پىيالە سوغۇق چاۇنى قۇيۇپ ماڭا ئۇزارتتى .
    -نىمانداق ئەتىگەن تۇرۇۋالدىڭ ؟بۈگۈن يېسلىغا بارمايسەن دىدىم مەن كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ.
    -سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بالدۇر ئۇيغاندىم دىدى، يېغلامسىراپ تۇرۇپ ئوغلۇم.مېنىڭ كۆزۈممۇ نەملەشتى لېكىن مەن يەنىلا چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىم.ئۇ يەردىن ئۈستۈن قارىماي تۇرۇپ مەن ساڭا يالغان سۆزلىمىدىم تۈنۈگۈن مەن يېسلىخانا گۈللىكىدە ئوينىغاندىم ،كىم بىلسۇن يامغۇر يېغىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن يامغۇر سال پەسلىگىچە لەمپىنىڭ ئاستىغا كىرىپ تۇردۇم، سېنىڭ ئىزدەپ كەلگىنىڭنى بىلمەپتىمەن خاپا بولما دادا دىيەلىدى ئارانلا.
    -ياق خاپا بولمايمەن ئوغلۇم دىدىم-دە،كۆڭلۈم بۇزۇلۇشقا باشلىدى...
    ئايالىم ئۇيغاندى ۋە چاچلىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن .
    - يېغلىماڭ ئۇيغۇرجان مەن دادىڭىزنى تارتىۋالمايمەن، دىگىنىچە ئوغلۇمنىڭ قولىنى تۇتتى.ئوغلۇم ئۈندىمىدى شۇنداقلا بۇرۇنقىدەك ئۇنى سىلكىمىدى ھەم ئۆزىنىمۇ قاچۇرماستىن ؛
    -ھەدە دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىڭزغا، شۇنداقلا ماڭا ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت،دىگىنىچە مەن تەرەپكە قارىدى ۋە:
    -دادا ھەدەم سېنى ئاپانمغا ئوخشاش ياخشى كۆرەمدۇ ؟ سورىدى مەندىن. يۈرىكىم ئېچىشىتى
    يېغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.
    -دادا دەپ بېقىڭە؛
    - مەن ئوغلۇم دىگىنىمچە زۇۋان سۈرمەي تۇرۇپلا قالدىم.
     مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىشكە قادىر ئەمەس ئىدىم،چۈنكى بالىنىڭ قەلبىدە ھېچقانداق بىرى ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ئەمەسمۇ.
    ھەممە گۇناھ مەندە ،مەن خاتا قىلدىم،دادىڭىزدىن ئاغرىنماڭ،مەن كېتەي ئەمدى كەلمەيمەن يېغلىماڭ ئۇيغۇرجان دىگىنىچە سىرتقا قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدى ئۇ.مەن  ئوڭايسىزلانغان ھالدا قاراپلا قالدىم.
    ئوغلۇمنىڭ يېغىسى تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە بارغىنىچە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتتى-دە:
    -ھەدە سىز كەتمەڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ئەمەس …مەن …ئاپامنى سېغىندىم دىدى.
    چوڭ ئاپام ھەدەڭ سېنى ھەم داداڭنى ياخشى كۆرىدۇ دەيدۇ ،ھەدە مېنىڭ ئاپامنى كۆرگۈم كەلدى دىىد ئوغلۇم جاۋابەن ،ئۇ ئوغلۇمنى باغرىغا باستى ۋە يېغلاپ تۇرۇپ :
    -ئوماق  قوزام گۇناھ مەندە  يېغلىماڭ ،ئەگەر يېغلىمايدىغان ئىشىڭىزلا بولسا مەن كېتەي دىدى.
    -ياق ھەدە سىز كەتمەڭ دادام ۋە سىزگە ئۆچلۈك قىلمايمەن بىراق مېنىڭ ئاپامنى بەك كۆرگۈم كەلدى ئىككىيلەننىڭ يېغىسى ئۆينى بىر ئالدى .
    مېنىڭ كۆز چاناقلىرىممۇ نەملىشىكە باشلىدى.شۇ تاپتا گويا رەھمەتلىك ئايالىمنىڭ كۈلۈمسېرىگەن سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
     
     



    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار