قىشنىڭ كۆڭلى ياغدى قار بولۇپ
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
بۈگۈن ئاخشام ياغمىدى ئاق قار
****************************
بۈگۈن ئاخشام ياغمىدى ئاق قار،
قىشنىڭ كۆڭلى ياغدى قار بولۇپ.
ئىزدەپ يۈرسەم تەمبۇرۇمغا تار،
ناخشام ئاڭا قالدى تار بولۇپ.
قار ياغقاندا قىززىيدۇ مەشرەپ،
قاردەك ئاپئاق كۆڭۈللەر بىلەن.
ئاپئاق ساقال بوۋىلار سەكرەپ
چۈشسە سورۇن بەلەن بەك بەلەن.
بۈگۈن ئاخشام ياغمىدى ئاق قار،
مەشرەپكىمۇ كەلمىدى ھېچ كىم.
داپ،دۇتارغا كەلدى بۇ ئىش ھار،
تىتىلماقتا تەنلىرى بەلكىم.
بىراق،چۈشتۈم مەشرەپكە ئۆزۈم،
خىيالىمدا سەن بىلەن نىگار.
ئۈزۈلمەيدۇ كۆزۈڭدىن كۆزۈم،
ئېيىت كۆزۈڭدە قانداق سېھىر بار.
بۈگۈن ئاخشام ياغمىدى ئاق قار،
يارنىڭ مېھرى ياغدى پۇرۇلداپ.
ئايۋان كەلدى ئىككىمىزگە تار،
يۈرەكتىن تەر چىقتى شۇرۇلداپ.
تاڭ ئاتقۇچە ئوينىدۇق ھارماي،
ھېچ كىم بىزگە قىلمىدى دەخلى.
يار كەلمىدى ياكى مەن بارماي،
ئىسەنكىرەپ قالدى يار ئەقلى،
بۈگۈن ئاخشام ياغمىدى ئاق قار،
يار سېغىنچى دىلدا لەپىلدەر.
يارسىز ئۆيۈم بولدى ماڭا دار،
دارغا باقسام يۈرەك گۈپۈلدەر.
بىر تال گۈل ئېچىلدى باغرىڭدا ئايدەك
*******************************
بىر تال گۈل ئېچىلدى باغرىڭدا ئايدەك،
سەن ئۇنى پەرۋىشلەپ ئۆستۈر باراقسان.
كەتمىسۇن جۇدۇندا ئۈششۈپ قەرەلسىز،
تاشلاردا بىخ يېرىش كەلمەيدۇ ئاسان.
ئالدامچى كېپىنەك سۆيمىسۇن بىۋاق،
قونمىسۇن بەرگىگە خرۇستالدەك قار.
تاشلىغىن قۇياشنىڭ كۆڭلىگە يىنىك،
بولمىسۇن تۈنلەرگە ئاشىق بىقارار.
رەڭگىگە ھۆسنۈڭدىن يالاتقىن بوياق،
يىلتىزى قەلبىڭدىن سۈمۈرسۈن شەربەت.
كۆرەككە قويمىغىن سازايى قىلىپ،
تاش ئەينەك ئۇنىڭغا بولالماس ئۈلپەت.
سېغىنساڭ يۈرەكتىن مېنى مۇبادا،
ياقۇتتەك يېشىڭدىن مارجان ئېسىپ قوي.
ۋىسالنىڭ دەملىرى چەككەندە ئىشىك،
ئۇ بولسۇن گۇۋاھچى بىز قىلايلى توي.
كۆكئوتاغ قىزى
************
شۇ دوقمۇشتا تۇرىمەن مىختەك،
سەندىن ئۆزگە كۈتمىدىم زىنھار.
نەچچە كېلىپ كېتىپمۇ بولدى،
بىز يۆلەنگەن دەرەخكە باھار.
شىغىل يولغا ھەتتا ماي يولغا،
ئالمىشىپتۇ بىز ماڭغان يوللار.
توپا يولدا يىغلايدۇ ئۆكسۈپ،
مېھرىمىزنى چاتقان جۈپ قوللار.
تورلىشىپتۇ بىزگە ھەۋەستە
قارايدىغان ئايالنىڭ كۆزى.
ئۇقالمىدىم ئۇنىڭ گېپىنى
سۆزلەپ يۈرسە ئۆزىگە ئۆزى.
ساڭا يىلىم بەرگەن جىگدىگە،
جىگدۈچۈكلەر قونماس بولۇپتۇ.
«قۇم ئېرىق»لىق ھېلىقى قىزمۇ،
قىزىل گۈلدەك بولۇق تولۇپتۇ...
قېرىپ كەتتىم سېنى كۈتۈشتە،
قېرىمىدى بىراق ئىشتىياق.
يۈرىكىمنى قىرچىيدۇ تىنماي،
يېڭىلىق دەپ سەن بەرگەن قىياق.
بىز سۇ ئالغان«پاشاكۆل»تىنىپ،
پاشىلارنىڭ قالماپتۇ ئىزى.
ئۆزۈڭ نەدە؟دىلغا ئوت سالغان
«كۆكئوتاغ»نىڭ ئاق،سۈزۈك قىزى.
|


|