• ئۈچ شېئىر

    يوللانغان ۋاقتى:09-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    « تارىم » ژورنىلىنىڭ ئېلان قىلىشىغا بېرىلگەن ئەسەر.

    ئاشىق

    خىلۋەت ئارا ناخشىلار توۋلاپ،
    ئىزگۈ ھېستا سېنى كۈيلىدىم.
    خىياللاردا يۈرەك سەگىتىپ،
    غېرىپلىقنى زىنھار سەزمىدىم.

     

    چىمەنلەردىن سورىسام سېنى،
    بەرگىلەردە چېھرىڭ ئەركىلەر.
    تەنھالىقنىڭ شىرىن تەمىدە،
    يۈرىكىمدە مېھرىڭ ئەركىلەر.

     

    ئىزلىرىڭدىن سورىسام سېنى،
    مەھەللەڭگە دولقۇنلار يۈرەك.
    دېرىزەڭنى ئاچقىن ئامرىقىم،
    دىدارىڭدىن يايرىسۇن تېلەك.

     

     


    ئايلاندىم

     

    كېچىنىڭ قاپقارا ئولجىسى ئارا،
    ئارمىنىم پاناھسىز تۇرار قىروداپ.
    سۆيگۈنىڭ تەسكىنسىز جىدىلى ئۈچۈن،
    يۈرىكىم دەرتلەرنى سۆيەر يىلىنجاپ.

     

    ئايلاندىم غېرىپلىق شامىلى بولۇپ،
    چاڭقىغان قەلبىمنى مادارسىز كېزىپ.
    ئازابنىڭ مېھرىبان بارمىقى بىلەن،
    يېشىمنى ئارقاڭدىن ئاۋايلاپ تېرىپ.

     

    پايانسىز چۆللەرگە ئوۋلاندىم بەلكى،
    ۋىسالغا يىتىشچۈن ئىستەيمەن نىشان.
    ئايلاندىم، ئىزىڭنى ئايلىنىپ ئەمما،
    ھېدىڭنى تاپالماي شامالدىن جانان.

     قاينايمەن

     قاينايمەن،
    ئەمما، قازان ئەمەسمەن؛
    ھەر نەرسىنى سېلىپ قاينىتار.
    قاينايمەن،
    يەنە قاينام ئەمەسمەن؛
    لاي - لاتقىلار سازاڭ يايرىغان.
    قايناپ تۇرار ئەمما يۈرىكىم،
    لاۋالار ئېتىپ؛
    ئۇنىڭدا پەقەت،
    قاينار ۋېجدان ئارمان يامرىتىپ ...




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئاشىق، ئايلاندىم


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئىلھام مۇھەممەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:02 06-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 21:03 29-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار