• ئىت ۋە ئادەم(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:07-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئادەم ۋە ئىت تەبىئىتى

    ئاپتور:  ئەزىز ئەيسا
    (ھىكايە)


    يەر-جاھان ئاللا قاچان قاراڭغۇلۇق قانىتى ئاستىدا قالغاننى ئازدەپ,بۈگۈن ئاخشام يەنە ئەتراپنى قۇيۇق تۇپا-چاڭ بېسىپ، بىر كۈچۈيۈپ ،بىرپەسىيىپ تۇرغان بۇران تەلۋىلىك بىلەن ھۆكۈرەپ ھۇشقۇتماقتا ئىدى .تۈن قاراڭغۇلىغىدا سەھرا يولنىڭ ئىككى قىرغىغىدىكى قارىيىپ  كۈرۈنىدىغان پاخپىيىپ ئۆسكەن جىگدە ،سۈگەتلەرنىڭ شاخ،ياپراقلىرى كۈچلۈك شامالدا خۇددى جىن ئالۋاستىلارنىڭ غەلىتە ئاۋازىدەك   قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ تېخىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا ئىدى.
    ئامىنە، بىر مەۋسۇم ئىچىدىكى بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇتۇش خۇلاسە خىزمەتلىرىنى تىزراق تۈگىتىپ  يېزا مەركىزىدىكى ياتىقىغا بالدۇرراق قايتىپ ئەتە ئەتىگەن شەھەردىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قاراپ يولغا چىقىشنى نەچچە قېتىم خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما قېرىشقاندەك مەۋسۇم ئاخىرىدىكى خىزمەتلەر بىربىرلەپ تۈگەپ ئەمدى قايتايلى دەپ تۇرغاندا مەركىزى مەكتەپ  مۇدىرى ئەسئەت ئاتايىن ئۈزى كىلىپ ئاچقان ، خۇددى سۇيى ئارتۇق  قۇيۇلۇپ كەتكەن قۇغۇندەك مەززىسىز ، قۇرۇق خۇلاسە  يىغىنىنى كەچ سائەت تۇققۇزلاردا ئاران تۈگۈتۈپ بەكلا ھېرىپ چارچىغان ئامىنە ،مانا مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق قارڭغۇدا يېزا مەركىزىدىكى ياتىقىغا ئۈزى يالغۇز قايتىپ كىلىۋاتاتتى.ئامىنە يەنىلا شۇ ئۈزى ئەڭ قورقىدىغان   قەدىمى قەبرىستانلىققايانداش جايلاشقان يول بۇيىدىكى كونا تۇگمەنگە يېقىنلاشقاندا تىنماي ھۆكىرەۋاتقان بۇراندا يولنىڭ بۇيىدىلا ھاۋشىۋاتقان ئىتنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى .‹‹ئاپلا بۇ قاراڭغۇدا ئەمدى يولدىن قانداق ئۈتەرمەن ؟››بۇران ھۆكۈرەۋاتقان تۈن قاراڭغۇلۇغىدىكى قورقۇنۇچتىن بەدەنلىرىگە تىترەك ئولۇشۇپ تۇرغان ئامىنەنىڭ بېشىغا تېخىمۇ چوڭ غەم قايغۇ تېشى يىقىلدى .
    بۇ يول بۇيىدىكى تۈگمەنچىنىڭ ئىتىنى ھەركۈنى كەچ قۇيىۋېتىلىدىغانلىغىنى ئامىنە ئوبدان بىلەتتى .شۇڭا ئامىنە كۈندە كەچتە بىلمەستىن بۇيولدىن ئۈتۈپ قالغان مەن-مەن دىگەن ئەركەكلەرنىمۇ تالاپ قورقۇتۇپ  ۋايجېنىنى چىقىرىۋېتىدىغان تەرىسا قېرى تۈگمەنچىنىڭ يىرتقۇچ ئىتى ئالدىدىن بىمالال ئۈتۈش ئەمەس، ئۈتۈشنى ئويلاشققىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.‹‹ بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق نەس باسقان قاراڭغۇلۇقتا ...قانداق قىلغۇلۇق؟ئالدىنقى كۈنىدىكىدەك نېرىقى مەھەللىلىك دىغانلاردىن بىرەرسى يولدىن ئۈتۈپ قالغان بولسىغۇ شۇلاربىلەن بىرگە ئۈتۈۋالاتتىم. ھېلىمۇ شۇنداقلاردىن بىرەرسىنى كۈتمەي نىمە ئامال… ؟›› ئامىنە شۇلارنى ئويلاپ خېلى ئۇزۇن تەقەززالىق بىلەن بۇ يولدىن بىراۋلارنىڭ تەسادىبى ئۈتۈپ  قېلىشىنى كۈتتى. ئاخىرى دىگەندەك يولدا ئامىنە كەلگەن يۈلىنىشتىن  كىلىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ قارىسى كۈرۈندى .‹‹ئەمدى بىرگە ئۈتۈپ كىتىدىغان بولدۇم ››دەپ خۇشال بولدى ئامىنە سەل يىنىكلەپ. ئەمما ئامىنە خاتا ئويلىغان ئىدى. ھېلىقى قارا كۈلەڭگە تۈن قاراڭغۇسىدىكى يولدا بىردە سولغا ،يەنە بىردە ئوڭغا ئېغىپ كىتىپ بارغان ۋېلىسپىتىنى تەستە كونتىرول قىلىپ، ئامىنەنىڭ قېشىغا يېقىنلاپ كىلىپ ،كەيىپلىكتىن ئۆز تەڭپۇڭلىغىنى تەستە ساقلاپ دىگۈدەك ۋەلىسىپىتىن چۈشكەندە ئامىنە ھەممىنى چۈشەندى ۋە يۈرەكلىرى قايتىدىن يەنە ئىختىيارسىز گۈپۈلدەپ سېلىپ ،بەدەنلىرىنى سوغۇق تەر بېسىشقا باشلىدى.‹‹ يەنە شۇ ئەسئەت مۇدىر!›› ئامىنە مانا مۇشۇ مىنۇتلاردا ئەلەم بىلەن خىيال ئىكرانىدىن قىسقا –قىسقا كارتىنىلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ ئويلاشقا باشلىدى:"-ئەسئەت مۇدىرنىڭ  خۇددى مولۇننىڭ كۆزلىرىدەك ئېچىرقىغان يوغان يۇغان چېقىر كۆزلىرى بىلەن ھەر خىل باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ ئۈزىگە ھاياسىزلارچە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قاراشلىرى، پۇرسەتلا تاپسا تۈرلۈك يۇشۇرۇن-ئاشكارە ئۇسۇللار بىلەن رەت قىلىنىپ تۇرسىمۇ يەنە ھايۋان كەبى بىخسىپ كەتكەن ئەسەبى "ياخشى كۈرۈش"لىرىنى ، كۆڭلىنى ئىپادىلەشلىرى، بىكار ئەمەسقۇ ئۇنىڭ؟؟ ،ئۇ بۈگۈن مۇشۇ پۇرسەتنى يارىتىش ئۈچۈن تاينى يوق يىغىننى قەستەن شۇنچە كەچكە سورىگەن ئىكەندە؟ ئۇنىڭ شۇ پەسكەش كۈڭۈللىرىنى ،تەلىۋىنى ئارقا –ئارقىدىن رەت قىلغىنىم ئۈچۈنلا ماڭا يېلىنىدۇ- دىگەن نىيەتتە ئۈزىنىڭ كىچىككىنە ئەمىلىدىن پايدىنىپ مۇشۇ چەت مەكتەپكە ئىۋەرتكىنى ،دەرىس ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئۈستى-ئۈستىلەپ ئارتقىنى ،مەۋسۇم ئاخىرىدا ۋەزىپىنى ياخشى ئۇرۇنلىيالمىدى ...دەپ ئىش ھەققىمدىن تەكرار تۇتۇپ قالغىنى يەتمىگەنمىدۇ؟ ئاھ! تەڭرىم دۇنيا نىمىشقا تېشى يوق تارازىدەك مۇشۇنداق تەڭسىز، چىگىش يارىلىپ قالغاندۇ؟كىچىككىنە ھۇقۇقمۇ نىمىشقا مۇشۇنداق ناباپ، پەسكەش ئادەمنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالىدىغاندۇ؟››ئامىنە كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ھالدا ئۆز سۇئالىغا خۇددى يۇلتۇزلاردىن جاۋاپ ئالماقچى بولغاندەك ئاسمانغا قارىدى. ئەمما ئاسماندا   يۇلتۇزلار چاڭ تۇزان تۇتەكلەر پەردىسى تەرىپىدىن تامامەن تۇسۇۋېلىنغان بولغاچقا  بىرسىمۇ كۈرۈنمىدى
    -سىزدىن ئەنسىرەپ...سىزنى بۇ ياۋۇز،غالجىر ...ئىت تۇسۇپ تۇرغان يولدىن بۇ قاراڭغۇدا يالغۇز ئۈتەلمەيدۇ...دەپ، ئاتايىن ئارقىڭىزدىن ئەنسىرەپ كەلدىم ،...ئامىنە بۇ قىلغىنىم بۇلۇپتىمۇ ؟سىز بىلمەيسىز ،ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايسىز… ،مانا مەن سىزنى مۇشۇنداق ھەردائىم ئويلايمەن ،ياخشى كۈرىمەن ،..مۇشۇنداق قوغلىشىمەن ئامىنە..مى..مىنى چۈشۈنۈڭ، مى..مىنىڭ ھالىمغا يىتى...!!
    -مەنمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقلىرىنى ،مىنى ھەردائىم قوغلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن. ئەمما مەن سىلىگە يەنە بىر نۆۋەت تەكرار شۇنى ئۇچۇق ئېيتاي !مىنىڭ ئارقامغا ئەمدى يەنە بۇنداق كىرىۋالمىسىلا .مىنى...يەنە قىينىمىسىلا!!!... مەن نەچچە قېتىم دىدىمغۇ؟مىنىڭمۇ ساقلاۋاتقان لايىغىم بار .ئۆزلىرىمۇ قىرىق بەشكە كىرىپ قالغان ئادەم ، بىر ئوبدان ئىللىق بەخىتلىك ئائىلىرى، سۈرەتتەك چىرايلىق ئاياللىرى،يەنە كىلىپ پەرىشتەدەك  ئۈچ بالىلىرى بارغۇ ؟ شۇلارنى ئويلىسىلا ئادەمگە شەرمى- ھايا ، نۇمۇس كىرەكقۇ ئاخىر؟!
    -جېنىم ئامىنە... بۈگۈن مەن سىزگە راس گىپىمنى ئۇچۇق ئېيتاي،كۆڭلىمدىكىنى دەۋالاي دەپ..كەينىڭىزدىن ...يەنە ئەگىشىپ كەلدىم. ھەممىسى كۈيۈك!كۈيۈك دەڭا !...كۈيۈك...كىم مىنى مۇشۇنچە ياشقا كىرگەندە قىزىدەك، سىڭلىمدەك چىرايلىق شەھەرلىك قىزغا  كۈيۈپ قالسۇن دەپتۇ ؟مەن سىزنى ئويلىماي دىسەممۇ ئويلىغىم كېلىدۇ. كۆز ئالدىمدىن خۇددى ئاسماندىكى تۇلۇن ئايدەك نېرى كەتمەيدىغان بۇلىۋالدىڭىز !...ئۈزىڭىز ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ،يەنە شۇنچە يىللار بولدى  قۇلىڭىزنىڭ ئۇچىنىمۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ تۇتقۇزماي يۈرۈيسىز. سىزدەك تەربىيە كۆرگەن مەدەنىيەتلىك شەھەر گۈزىلىنىڭ باغرى شۇنداق تاشتىنمۇ قاتتىق كىلەمدۇ ؟مەن سىزگە راس گىپىمنى ئېيتسام ؛–بالىلىرىمنىڭ ئانىسىدەك مۇھەببىتى يوق،ئىشقى يوق  قاسماق خۇتۇندىن چىۋىندىن بىزاربولغاندەك بىزار  بولدۇم !تويدۇم !جاق تويدۇم! ئۇنداق قىلماڭ ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ..ھە راس سىز ھامان شەھەرگە يۆتكىلىسىزغۇ؟!مانا.. مىنىڭ قۇلۇمدى كىلىدۇ !مەن ئىدارە باشلىقىمىزغا بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويساملا شەھەرگىمۇ كىتەلەيسىز .مانا بۈگۈن ئاخشام …ماڭا بىر قېتىم ماقۇل دىسىڭىز… نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بىرەي...دەرس ئۆتمەي بىر باھانە بىلەن ئەركىن ئازادە ئىشلەي دىسىڭىزمۇ ...ئىشخانىغا باشلىق بۇلاي  دىسىڭىزمۇ ؟بازاردىكى مەركىزى باشلانغۇچتا ئىشلەيمەن دىسىڭىزمۇ ؟  شەھەرگە يۆتكىلىمەن دىسىڭىزمۇ…يەنە ئالى ئۆنىۋان ئالىمەن دىسىڭىزمۇ ؟دىگىنىڭىزنى دەرھال قىلىپ بىرەي ؟...مۇشۇلارنى بولسىمۇ ئويلاڭ! بۇگۈن بىر قېتىم گىپىمگە ئۇناڭ.ھە راس گىپىمگە ماقۇل دىسىڭىزلا ...مۇنۇ ئۈچ مىڭ يۇەنلىك ئالتۇن ھالقىمۇ سىزنىڭ.بولسۇن ...!!!بۇلامدۇ!؟
    يىرگنىچتىن تىترەپ كەتكەن ئامىنەنىڭ قۇلىقىغا ئەسئەتنىڭ سۈزىنىڭ داۋامى كىرمىدى .ئەمدى يەنە  ھەممە ئىش ئامىنەگە تولۇق ئايان بولدىكى، ياخشى گەپ قىلىپ ئەسئەتنى پەس نىيىتىدىن ياندۇرۇشنىڭ ئورنى زادىلا قالمىغان ئىدى .شۇڭا يىرگنىچ،غەزەپتىن كۈزىگە ھېچنىمە كۈرۈنمىگەن ئامىنە ھېچ ئىككىنەلمەيلا  ۋەلىسپىتىنى يىتىلىگىنىچە يېزا بازىرىغا قاراپ يەنى يول تۇسۇپ ياتقان بىر يىرتقۇچ ئىتنىڭ ئالدىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇنى شۇ تاپتا ۋۇجۇدىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى بىر غايىۋانە كۈچ-ئەقەللى كىشىلىك ئەخلاقى پەزىلەت ،قىزلىق ئىپپىتى،پاك سۆيگۈ ساداقىتى مۇشۇ خۇددى  پىلسىرات كۆۋرىگىدەك قورقۇنۇچلۇق خەتەرلىك پەيتتىكى بىرقىيىن ئۆتكەلدە ،بىر رەزىل ئىنسان ئالدىدىن بىر ھايۋان ،يىرتقۇچ ئىت ئالدىغا ئېلىپ بارماقتا ئىدى.
    -ھەي...ئامىنە نىمە ئىش …قىلىۋاتىسىز؟ كاللىڭىز جايىدىمۇ سىزنىڭ ؟ئىت تالىۋاتىدۇ .ئارقىڭىزغا قايتىڭ !
    -........
    ئامىنە قاراملىق قىلماڭ دەيمەن!! ئارقىڭىزغا تىز قايتىڭ !بولدى مەن ..مەن بۈگۈن سىزگە ھېچنىمە دىمىگەن بۇلاي ،خاپا بولماڭ...!توختاپ تۇرۇڭ ... بىز ئۇ غالجىر ئىتنىڭ ئالدىدىن بىرگە ئۈتۈپ كىتەيلى !!!
    -.........
    ئەسئەت ئەنسىزلىك بىلەن ئامىنەگە سۆزلىمەكتە ،توۋلىماقتا ئىدى .ئەمما قانداقتۇر بىر مۇجىزىۋى كۇچ ئۆز قۇدرىتىنى كورسەتتىمۇ قانداق ،ئەسئەت ئەنسىرگەن خەتەرلىك  ئەھۋال  قىلچىمۇ يۈز بەرمىدى. يەنى ئامىنە مۇشۇ ئەھۋالدا كۈزىنى يۇمدى-دە‹‹ مىنى شۇ غالجىر ئىت تالىسۇن ئاخىر!!››دىگەن خىيالدا، خۇددى گورۇستاندەك قاپ –قارا تۈن قاراڭغۇسىدا بىر كۇرۇنۇشتە ئادەمنى تىرىكلا يۈتىۋىتىدىغاندەك يۇغان، سۈرلۇك كۈرۈنىدىغان يىرتقۇچ ئىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بۇ يىرتقۇچ مەخلۇق خۇددى تۇنۇش ئۆز ئىگىسىنى كۆرگەندەك ،ئامىنەگە قاۋاپمۇ قويماستىن   قۇيرۇغىنى شىپاڭشىتقىنچە يولنىڭ چېتىدە جىم ياتاتتى. ئامىنە قورقۇنۇچتىن چىلىق–چىلىق سوغاق تەرگە چۈمۈلگەن ھالدا ئىتنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ بولدى .ئەمما ئىتنىڭ ئالدىدىن ساق سالامەت ئۈتۈپ بولغانلىغىغا بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن خېلى تەستە ئىشەندى. ئامىنە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بارا-بارا كەينىدە يىراقلاپ قېلىۋاتقان ئىتقا بىر قارىۋالدى-دە ۋېلىسپىتىگە مىنىپ بۇلۇپ ،ئۈزىنى تۇتالمىغان ھالدا تۈكۈلۈپ-تۈكۈلۈپ يىغلىۋەتتى .چۈنكى ئۇ ھازىر شۇ خەتەرلىك پەيتتە نىمە ئىشلارنى كوردى، ؟نىمە ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلدى!بۇ تەسادىبى يۈز بەرگەن سىرلىق بىر مۆجىزىمۇ نىمە؟..ئامىنە يىغلايتتى ،يىغلاپ تۇرۇپ ئويلايتى .‹‹بىرى ئۈزۈمگە ئوخشاش ئادەم ،ئەمما قارىغۇ كۈتەكتەك سۈپەت ساپاسىز ،تاشتەك مېھىرسىز ،ئالۋاستىدەك قارانىيەت،ھايۋاندەك پەسكەش،نۇمۇسسىز!!!يەنە بىرى يىرتقۇچ ھايۋان، ئەمما پەرىشتىدەك مۇلايىم ،رەھىمدىل....
    ئەتراپ تىمتاس .بۇرانمۇ توختىغان .ئامىنە ۋېلىسپىتلىق ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا يىراقتىن ھېلىقى ئىتنىڭ ئاچچىق،ئاچچىق قاۋاشلىرى ،خىرىس قىلىشلىرى ،ئەسئەتنىڭ ‹‹كەت! كەت دەيمەن!ۋايجان ئادەم بارمۇ !قۇتقۇزۇڭلار!!! ››دىگەن ئىلتىجا يېلىنىشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى

     (بو تۇربەتكە يوللىغان ئەزىز ئەيسا نامىدىكى ئەسەرلەرنى باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلمىغان )

    خىزمەت ئورنى ئاقسۇ شەھەر 5-ئوتتۇرا مەكتەپ
     يانفۇن ؛13565165488
    ئۆي فۇن؛ 6310380 0997  
      

    كىملىككە  يېزىلىشىم :

    艾则孜 艾萨

    koktugh@sina.com


     

     

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ھىكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 13:02 06-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 17:03 11-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار