يۈرۈكۈم يىغلايدۇ (نەسىر) شىرزاد ئادىلجان
ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن مەنزىلىمنى نىشانلىماي قايغۇ ئىچىدە مېڭىپ ، كۆزۈمدىكى ياش ، قەلبمدىكى ئازابنى كىشىلەر نەزىرىدىن قاچۇرۇپ كېتىپ بارىمەن .
تۈنۈگۈنلا ئازاب قوينىدىن ئۆزىنى تارتىپ تەن ساقلىقىنى قايتۇرۇپ كەلگەن مومام مانا بۈگۈن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى . يۈرۈكۈم ھازىدار ! ئانامدەك كۆيۈنۈپ ، ئاتامدەك مېھرى – شەپقەت ئاتا قىلغان ، قەلبىمدە يۈكسەكلىكى ئېشىپ ئالىيجاناپ سانالغان مومامدىن ئايرىلدىم .
ھەي ، تاتلىق تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان سۈرەتتىن ئۆز ئازابىمغا داۋا ئىزدىدىم . ئەمما ئۇ شۇ كۈلگەنچە بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ قويمايىتتى . سۈرەتنى ئېلىپ يۈرۈكۈمگە ، يۈزۈمگە ياققىنىمدا ئۇنىڭ ئىسسىق چىقارغان نەپەسلىرىگە قېتىلىپ مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان لەۋلىرى يۈزۈمگە تەگمىدى . توپا – چاڭلار ئارىسىدا ئۇزاق يالداما بولغان سۈرەتنىڭ مۇزدەك يۈزى مېنى ئەندىكتۈردى . سۈرەت نېمە قىلىدۇ ؟ ئەلۋەتتە ، بىردەملىك ئازابنى تۈگىتىپ مەۋھۇم دۇنياسىكى ياراڭنى پەسەيتىدۇ . سېغىنىشتىن تامغان يېشىڭنى سۈرتۈپ ساڭا تەسەللىي بېرەلەمدۇ ؟ ياق ! سۈرەت يىغا ، خۇشاللىق ، ئازاب ئالدىدا يەنىلا كۈلۈپ تۇرىدۇ . تاكى ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولغانغا قەدەر كۈلگىنىنى يوقاتمايدۇ .
1
ئۈچ كۈن ئاۋال . سەن بىلەن ھەممە يەردىن ئىسپىرىت پۇرىقى گۈپۈلدەپ ، ئاغرىق – سىلاقلارنىڭ ۋايساشلىرى بىلەن تولغان دوختۇرخانا ئىچىدە بىللە ئىدىم . سەن باشقىلاردىن روشەن پەرىقلىق ئىدىڭ . تېمەنلىكىڭ ، ساغلاملىقىڭ تېنىڭدە ئۆز كۈچ قۇۋىتىنى كۆرسەتتىمىكىن مېنى قۇچىقىڭدا ئەركىلەتكەن ، قەلبىڭدىكى غۇبارسىز مېھرىڭنى مېنىڭ قوينۇمغا تۆكۈپ بەرگەن ئىدىڭ .
ئىككى كۈن ئاۋال . قۇياش تاغ كەينىدىن قىزىل ئوتقاشتەك پارلاپ زېمىن يۈزىگە ئىللىق نۇرىنى تۆكۈپ سەن بىلەن ، مەن بىلەن يۈزلەشتى . ئانام سېنى داۋالاپ ساقايىتقان دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتىپ سېنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقتى . دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى دۇنيادىكى بەختكە ئېرىشتىم دەپ ئويلىدىڭمۇ ، خۇشاللىقىڭ چىرايىڭدا قۇياشتەك نۇر چاچتى . مەن ئۈچۈن ئەسكى ، ۋەيرانە كۆرىنىدىغان غېرىبانە كۆلبەڭ ، سەن ئۈچۈن جەننەت ئوردىسىدەك ، گۈلى – گۈلىستاندەك كۆرىنەتتى . نەزىرىڭدىكى بۇ بىباھا دۇنيارىڭ بۈگۈن كېچە خۇشاللىق ئىلكىدە قىزىڭ ، نەۋرىلىرىڭنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرىق قىلدى .
بىر كۈن ئاۋال . « جەننەت ئوردىسى » دىن ئانام كۆز ئېچىپ ناشتىلىقىمىزنى غەملىدى . موما شۇ كۈنى مېنى قۇچىقىڭدا ئەركىلىتىپ تاماق شېرەسى ئۈستىدە ماڭا تاماق يېگۈزدۈڭ . ئاق تاملىرى ئىستىن سارغىيىپ كەتكەن ئۆيۈڭدە تۇرغۇم بولمىسىمۇ سېنىڭ مېھرىڭ ، سوغۇق قاپلىغان ۋەيرانىچىلىقنى ياساپ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى . يېنىڭدىن نېرى بولماي بۈگۈننىمۇ كەچ قىلدىم . ئۇيقۇ لەشكەرلىرى ھۇجۇم قىلغاندا مېنى ئۆز قوينىڭغا ئېلىپ ياتتىڭ .
2
تاڭ سەھەر سۈبھى كۆتۈرۈلۈپ ئالتۇندەك قۇياش ھارارەتلىك نۇرىنى يۈزىمگە چۈشۈرگەندە سەگىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئانام ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى تەييار قىلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى . سەن تېخىچىلا شېرىن ئۇيقىدا ئىدىڭ . مەن لېۋىمنى يۈزۈڭگە ياققىنىمدا بۆلەكچىلا سوغۇق سېزىم پەيدا بولدى . سەن شۇ پېتى ئۇيقىدا ئىدىڭ . « چارچاپ قالغان بولساڭ ئۇخلىۋال ! » . قۇياش يەر يۈزىگە تىك چۈشكەندە ئانام قورسىقىڭنى ئويلاپ سېنى ئويغاتتى . سەن بىردەملىك ئۇيقىغا ئەمەس ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرىق بولۇپسەن ، ئانامنىڭ بېشىڭنى قۇچىقىغا قويۇپ « ئانا ، ئانا ئويغان ! » دېگەن سۆزلىرى يۈرۈكۈمگە بىر خىل تەشۋىشلىكنى سېلىپ يۈرەك سوقۇشۇمنى تېزلەشتۈرىۋەتتى . ئانامنىڭ كۆزىدىن تاراملىغان ياشتىن ئاخىرى ھاياتلىقنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئامانەتنى چوقۇم قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدىم . يىللارنىڭ رەھىمسىز ئۆتمۈشلىرىدە موما سەنمۇ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدىڭ .
3
يىللار شەپقەتسىز . شۇ يىللار يېڭىلىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئامراق نەرسىلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ كېتىپ ، ئىنساننى ھىجران ئازابىدا كۈل قىلىدۇ . سېغىنىشتا تۆككەن ياشلار تاراملاپ قۇرۇپ تۈگەپ كەتكۈچە يەنە قانچىلىغان نەرسىلەرنى بىزدىن ئايرىيدۇ ، بۇنى بىلىشكە ئاجىزمىز .
4
ئۇزاقتىن – ئۇزاققا سوزۇلغان جامائەت تاۋۇتۇڭ كەينىدىن تەۋرەپ كەلمەكتە . مىسلىسىز ئازاپ ئىچىدە يىغلاپ قالغان قىزلىرىڭ ساڭا مۇراجەت قىلماقتا : « جېنىم ئانا ! بىزنى تاشلاپ كەتمە ! » بۇ خىل ئازابلىق مۇراجەت يۈرۈكىڭنى تىرىلدۈرەلمىدىمۇ ؟ موما ! نېمە ئۈچۈن تاۋۇتۇڭنى ئازاب ئىچىدە كۆتۈرۈپ ماڭغان ئوغۇللىرىڭنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئۆز مېھرىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان ئازاب تۇمانلىرىنى تارقىتىۋەتمەيسەن ؟! مەن ئويلايمەن ، قارلىق تۇتۇپ مېيىتىنى ئۇزۇتۇپ ، چىڭ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى يەر ئاستىدىن ئېچىپ يىغا – زار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغاندىمۇ نېمە ئۈچۈن شۇ ئادەم قولىنى پۇلاڭلىتىپ ھازىدارلارغا « خوش » دەپ قويمايدۇ .
مەنزىلگە كەلگەندە قەبرە قاراڭغۇلۇق ۋە سوغۇق تۇپراق بىلەن سېنى ئۆز قوينىغا تارتىپ كىرىپ كەتتى . موما ! ھايات كەچمىشلىرىڭنى ئۆز دۇنيارىڭدا قالدۇرۇپ كەتتىڭ .
X X X
دۆۋىلەنگەن قارا تۇپراق بېشىدا تاشتىن ئويۇلغان قەبرە تېشى ئۆز سۈرىتىڭنى خاتىرلىمەكتە . ئانام ، دادام ، پۇشتۇڭ جەمەتى بولغان قېرىنداشلىرىڭ قەبرەڭ بېشىدا يۇم – يۇم يىغلاپ ، دۇئادا قول كۆتۈرۈپ ساڭا جەننەتتىن ئورۇن تىلىمەكتە .
سۆيۈملۈك نەۋرىلىرىڭ ساڭا ئەركىلىگەندەك قەبرەڭ تېشىغا گىرە سالماقتا .
X X X
موما !
تەقدىر تەققازاسى بىلەن ھامان بىر كۈن سەن بىلەن جەم بولىمىز . بەلكىم شۇ كۈنلەردە بىزنى يادلايدىغانلارمۇ شۇ كۈننى كۈتىدۇ . چۈنكى ھايات يىللار قوينىدا تۈگەيدۇ .
مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك تۇلۇق2- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
|


|