مەڭگۈلۈك كۈتۈش(شېئىر)
مەتنۇرى ئابدۇغېنى (ئۆزھال)
مەڭگۈلۈك كۈتۈش
چەكسىز كەتكەن دېڭىز ئۈستىدە، شىرىن ھىسقا چۈمۈلۈپ تەمكىن، كۆزلەپ يېشىل قىرغاقنى شۇدەم، كېتىپ بارار يەلكەنلىك كىمە. شامال سۈيەر يەلكەننى ئەركىن. چايكا مەغرۇر ئۈزۈدۇ كۆكتە.
يىراقتىكى يېشىل قىرغاقتا، سىرداشقاندەك كۆك دېڭىز بىلەن، يۈرىكىدە مەشئەل ياندۇرۇپ، ساقلاپ تۇرار تەنھا بىر قىزچاق. كۈرۈنمەيدۇ تېخىچە يەلكەن، ئۇلغايغانچە دىلدىكى پىراق.
دەھشەت بوران تۇيۇقسىز كىلىپ، يۇتۇپ كەتتى يىللارنى يالماپ... يېشىل قىرغاق بۇيىدا تەنھا، تۇرار موماي كىمىنى ساقلاپ. كېچىلىرى ئۇنىڭ يۈرىكى، چاقناپ تۇرار بۇلۇپ بىر ماياك...
راۋاپ ۋە مەن
راۋاپ ئۈنى كىلەر يىراقتىن، كەچمىشلەرنى سېلىپ يۈرەككە. نۇر ئىچىدە ساڭا يول بەرگەن، قەلىپلەرنى باشلا ،دەپ تۆرگە.
ئاي نۇرىغا بۈلەنگەن قەلىپ، بارخانلارغا قۇنۇدۇ لەپ-لەپ. بىر نىيەتتە ماڭغان كارۋاننى، مەنزىل تامان ئۈنسىز يىتەكلەپ.
ھەر بىر ئۇدار يۈرەك تىۋىشى، قاقار قانات يۇرتنىڭ كۈكىدە. تۇمۇرلىرىڭ راۋاپ تارىسى، ھەم پايانداز ،ماڭغىن ئەتىگە.
سەھەرگە جاۋاپ
سىرلىق كارۋان ماڭغان يوللاردىن، يۇچۇن ئىزلار ئۈنمەيدۇ دىمە. يىراقلارغا باقساڭ يوللاردا، قىپ -قىزارغان يىللار ياپرىغى، يەلپۈنىدۇ بۇلۇپ ئەسلىمە.
يىراقتىكى ئۇرخۇن دەرياسى، كىرىپ قالسا ئەگەر چۈشۈڭگە، ئېتىزلىقتا يەر ھەيدىۋېتىپ، قويلىرىڭنى يايلىتىۋېتىپ، كۆل بىلگىنى ئالامسەن ئەسكە!؟...
شۇنداق سۇئال سۇرايسەن سەھەر، دەرىزەمگە قۇنۇپ ، چۇچۇلاپ. جاكارلايدۇ ساڭا يۈرىكىم: ئۇلار دىلدا تۇرار جۇلالاپ...
ئانا بار ھەممە بار، جۈملىدىن دۇنيا
كۈتۈرسەممۇ ئۇتۇقنىڭ تاغلىرىنى، سەن بەرگەن غەيرەتتە ئىككى قۇلۇمدا، تەئەللۇق بۇ ئۇتۇق ساڭىلا ئانا. قەددىمنى پۈكسىمۇ مەغلۇپ ئاقىبەت، مەدىتىڭ يۈلەيدۇ تۇرغىن دەپ،يانا.
مەيلى چاچ ئاقارسۇن ۋەتەن يۇلىدا، يەنىلا مەن بالا مېھرىڭ دىلىمدا. مەيلى باش تاقاشسۇن چەكسىز ئاسمانغا، بىر سىنىڭ قۇزاڭمەن سەبى يەنىلا تەئەللۇق خولۇشۇم بىر ساڭا ئانا.
تەلپۈنۈپ يىراقتىن يۈرىكىم قۇشتەك، يازىدۇ سەن ئۈچۈن سەبى لىرىكا. نەۋرەڭنىڭ كۈلكىسى قوزغار سېغىنىش، ئانىسىز قايسى جان تەۋەللۇت بولغان، سىزلەر بار ھەممە بار،جۈملىدىن دۇنيا.
جۇدالىق لىرىكىسى
چەكسىز كەتكەن دېڭىز ئۈستىدە، تىنەپ يۈرەر ئىگىسىز قولۋاق. بۇران،دولقۇن توختىغان دەمدە، چۈشلىرىگە كىرىدۇ قىرغاق.
پاراخۇتلار ئۈتۈدۇ دائىم، ھەيۋەت بىلەن ئۇنىڭ قېشىدىن، ئۇرۇن ئالار دېڭىز چايكىسى، بەزەنلەردە قولۋاق ئۈستىدىن.
قاچانلاردا قايسى دەريادىن، ئېقىپ كەلگەن بولغىيدى قولۋاق. ئۇ دېڭىزدا سەرگەندان بۇلۇپ، تۇرار يەنە قانچىلىك ئۇزاق؟...
سەن يىراقتا ئېچىلغان گۈلسەن
(1) ئېيتىمەن سىنى چۆچەكلىرىمدە. مەن سېغىنغان تۇنۇش ئاھاڭدەك، يۈرىكىمگە ئاققان قان كەبى، دولقۇن ياساپ كىردىڭ قەلبىمگە. ئاستا-ئاستا ئېيتىلغان ناخشا، لەۋ ياقىدۇ زەڭگەر قىرغاققا، كۆزلىرىڭدىن چاچرىغان ئۇچقۇن، قانات كىرىپ ئۇچار ھاياتقا.
سىنىڭ ئەشۇ شىۋىرلاشلىرىڭ، قىيىنزارلىقتا قالدى مۇڭ بۇلۇپ. جىلغىدىكى ئايىل ۋە ئاق ئۆي، كەچ كۈزدىكى يۇپۇرماق كەبى، قىپ-قىزارغان خىياللار ئىچرە، پەر قاقىدۇ كۈندە چۈش بۇلۇپ.
سەن يىراقتا ئېچىلغان گۈلسەن، مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمىگەن.
(2) ئېيتىمەن سىنى چۆچەكلىرىمدە، قەلبىمدىكى ھىجرانلىرىمغا. چاچلىرىڭنى يەلپۈتكەن شامال، دەريا بۇلۇپ ئاقتى تاراملاپ، يۈرىكىمدىن ئۈنگەن مىسراغا.
ياشاش ئۈزۈڭ،ئۈزۈڭدۈر ياشاش، يىتىدۇ پەللىگە بەرگەنلەر بەرداش. ھەردائىم دەيمەن جېنىم،جېنىم دىلبىرىم، يۇلۇمغا نۇر چاچقان قەلبىڭدۇر قۇياش.
سەن يىراقتا ئېچىلغان گۈلسەن، بەك ئۆزگىچە ،بەكمۇ خۇش پۇراق، شاماللارغا دەيمەن پىچىرلاپ: گۈل ھىدىنى تاراتما،تاراتما يىراق...
سەن قەلبىمدە ئېچىلغان گۈلسەن، مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمىگەن...
(مەتنۇرى ئۆزھال)
|


|