(ھېكايە)
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
مەۋلانا خوجا ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى مەۋلانا شۇجائىددىن مەھمۇد بۇخارانىڭ گۈللەنگەن چاغلىرىدىكى ئۇلۇغ ئالىملىرىدىن ئىدى. موڭغۇللاردىن چىققان جاھانگىر چىڭگىزخاننىڭ تالاپەت ۋە بالايىئاپەتلىرى بۇخاراغا كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلگەندە، شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ئۇ جاھانگىر ھەرقانداق مەملىكەت ياكى ھەرقانداق شەھەرنى ئىشغال قىلسا ئالدى بىلەن شۇ مەملىكەت ياكى شۇ شەھەرنىڭ پازىل ئالىملىرى، ھۈنەرۋەن كاسىپلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ بىر-بىرلەپ قىلىچ تىغى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆلتۈرىدىغان ئادىتى بويىچە، بۇخارا ئالىملىرىنى بىر جايغا يىغىپ، ئاشۇ قانخورلۇقىنى يەنە قىلدى. شۇ بۇخارا ئىستېلاسىدىكى قەتل نۆۋىتى مەۋلانا شۇجائىددىنغا كەلگەندە، بۇخاراغا، يەنى قېتىل مەيدانىغا جاھانگىر چىڭگىزخاننىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى يىتىپ كېلىپ قېلىپ، ئاتەشپەرەس موڭغۇل باخشىلىرىنىڭ ھۆكۈم-رەسمى بويىچە، قېتىل نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۆلۈمدىن خالاس قىلىنىپ، چىڭگىزخاننىڭ يۇرتى بولغان قاراقۇرۇم(ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى – ئۇلان-باتۇرنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جاي)دېگەن جايغا سۈرگۈن قىلىنىپ، لەشكەرلەر تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن ھەيدەپ كېلىنىپ، شۇ يەرگە ماكانلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەۋلانا شۇجائىددىنمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانا جالالىددىن، يەنى خوجائەھمەد يەسسەۋىينىڭ دادىسى ئۇ يەردىن كۆچۈپ، خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى ئۇلۇغ شەھەر-شەھرى كەتك(ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە)كېلىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۇلۇغ زات شەھىرى كەتكتە ھەمىشە تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، دائىم ئىبادەتگاھنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، خىلۋەتتە مۇلايىم ئولتۇراتتى. تەڭرىگە بولغان چەكسىز ئىخلاسى تۈپەيلى ھەر ۋاقىت ۋەزخانلار قاتارىدا ئولتۇرۇپ ھېكمەت ئېيتىپ، ياخشى بايانلاردىن ۋەزخانلىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئەدلى-ئادالەت، ياخشى پەزىلەتكە دەۋەت قىلاتتى. باشقا دىن، مەزھەپتىكى ياكى ھەرقانداق بىر يات كىشىمۇ ئۇ مۆھتەرەم ھەزرەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ، قېلىپ كۆزلىرىدىن ياش تۆكمەي قالمايتتى.
بۇ كۈنلەردە جاھاننىڭ يەنە بىر تامانىدا جەددى-جەمەت، ئۇرۇق- پۇشتى تۈركلەردىن بولغان ئاجايىپ باھادىر يىگىت تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇنىڭ ئايكۆل دېگەن يېرىدە، بۇ ئۇلۇغ ئەلنىڭ خانى بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئەتراپىغا نەچچە ئون تۈمەن لەشكەر توپلىغان ئىدى.
يازنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كۆڭلى ئوۋ-شىكارنى تارتىپ قالدى. چۈنكى دائىملىق ئوۋ-شىكار قىلىش موغۇللارنىڭ جەڭ-ئۇرۇش ماھارىتىنى مەشىق قىلىپ، ئۆزلىرىنى چېنىقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆزىگە تەۋە جايلارغا بۇ قېتىمقى شىكار ھەققىدە ئالدىن يارلىق چۈشۈرۈپ: «ھېچكىم بۇ شىكارغا خىلاپلىق قىلمىسۇن، ھەرقانداق ئىشى بولسا قويۇپ، شىكارغا چىقسۇن!» دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇنداق نەچچە ئون كۈنلۈك مۇساپە يىراقلىقتىن دائىرىگە ئېلىپ، قورشاپ، خانلارنىڭ ئوۋ قىلىدىغان جان-جانىۋار، ھايۋانلارنى ھەيدەپ كۈلىدىغان بۇنداق شىكار چىڭگىزخان زامانىدىن قالغان ئادەت ئىدى. شۇڭا شىكارنىڭ جاساق(قانۇن)لىرىمۇ ئىنتايىن چىڭ ئىدى. ھەتتا شىكار قورشاۋى ھاسىل قىلغان چاغدا مەلۇم ئارىلىقتا ئوۋنى قورشاۋغا ئېلىپ تۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىرەر ئوۋ ھايۋىنى قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكى سېزىلىپ قالسا، سەۋەنلىك بۇ ئىككى كىشىنىڭ قايسىسىدا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، شەرتسىز كاللىسى ئېلىناتتى. شىكار باشلىنىپ تاۋاچىلار(نازارەتچىلەر)ئالدىن يۈرۈپ، تەكشۈرۈپ قارىسا، ياقا يۇرتلۇق يات-يۇچۇن كىشىلەردىن بىر مۇنچىسى شىكارغا قوشۇلماي، ئۆيۋاقى، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىر جايغا توپلىنىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. بۇلا مەۋلانا جالالىددىن باشچىلىقىدىكى شەھىرى كەتكتىكى بالا-ئاپەتتىن ئامان قېلىپ بۇ ياققا كەلگەن كىشىلەر ئىدى. تاۋاچىلار بۇلارنى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ خان-تۇغلۇق ئۆمۈرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى-دە؛
-بۇلار شىكارغا ھازىرلانماي پەرمانغا خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭىزغا ھەيدەپ كەلدۇق. قانداق جازاغا لايىق بولسا، شۇ بويىچە ئىجرا قىلغايمىز؛-دېيىشتى.
تۇغلۇق تۆمۈرخان كەڭرى ئوتلاققا سېلىنغان ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،ھەيدەپ كېلىنگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ سورىدى:
-نېمە ئۈچۈن يارلىقنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلدىڭلار؟ -دەپ سورىدى.
مەۋلانا جالالىددىن ھەيدەپ كېلىنگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئالدىغا چىقىپ، سالماقلىق بىلەن:
-بىز تەڭرىنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ، بالايىئاپەتتە ۋەيران بولغان كەتك شەھىرىدىن يېڭىلا كەلگەن مۇساپىر كىشىلەرمىز، شۇڭا شىكاردىن ۋە شىكار ھەققىدىكى يارلىقتىن ۋاقىپ بولالماي قاپتىمىز. ئەگەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بولساق ئىدۇق، يارلىققا ئەسلا خىلاپلىق قىلمايتتۇق؛ -دېدى.
ئەمدى، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مەۋلانا جالالىددىن بىلەن تۇغلۇق تۆمۈرخان ئوتتۇرىسىدا نازۇك بىر زىددىيەت يۈز بېرىدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى مەۋلانا جالالىددىن بولسا، مۇسۇلمان ئەللامىلىرىدىن، تۇغلۇق تۆمۈرخان بولسا،دىنسىز قارىتۈرۈك ئوغۇللاردىن ئىدى. شۇڭا تۇغلۇق تۆمۈر خان مەۋلانا جالالىدىننىڭ جاۋابىدىن ئاچچىقلىنىپ؛-بۇ خەلق ئادەم ئەمەس!-دېدى. ۋە يېنىدا قۇيرۇقىنى شىپپاڭلىتىپ غىڭشىپ تۇرغان ئىتقا بايا ئوۋ قىلىپ كەلگەن توڭگۇز گۆشىنى پارچىلاپ تاشلاپ بېرىۋېتىپ، مەۋلانا جالالىددىنغا:
-قارىغىنا، بۇ ئىت ياخشىمۇ ياكى سەنمۇ؟!-دەپ خىتاب قىلدى.
بىلىملىك پازىللاردىن بولغان مەۋلانا جالالىددىن ئەقىللىق، تەدبىر لىك، دانىشمەن كىشى بولغاچقا، باھادىرلا بىلەن مۇنازىرە قىلىشتا سەۋرچان بولمىسا بوينىغا قىلىچ چۈشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن:
-ئەي باھادىر، ئەگەر ئىمان ماڭا ھەمراھ بولغان بولسا، مەن ياخشى. ئەگەر ئىمان ماڭا ھەمراھ بولمىغان بولسا، ئىت ياخشىراقتۇر؛-دەپ جاۋاب بەردى.
تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بىر نەپەس تۇرۇپ قالدى ۋە «ئۇنىڭ سۆزلىرىدە قانداقتۇر بىر ھېكمەت بار» دەپ ئويلىدى-دە؛ گەپمۇ-سۆزمۇ قىلماستىن ئاق تۇلپارغا مىنىپ، ئايكۆل ئوردىسىغا قايتتى. تۇغلۇق تۆمۈرخانمۇ پېشانىسىگە خانلىق، باھادىرلىق ۋە توغرا يول بىلەن بېرىپ دۇنيادا مەڭگۈلۈك نام-ئاتاق قالدۇرۇش پۈتۈلگەن، زېھنى ئوچۇق، ئوي-مۇلاھىزىلىرى چوڭقۇر ئادەم ئىدى. ئۇ شۇكۈنى ئوردىغا قايتىپ كېلىپ خاس خانىسىغا بېكىنىپ بىر كېچە ئويلاندى. ئەتىسى مۇلازىملىرىدىن بىرىگە؛
-سەن بېرىپ ھېلىقى شەھىرى كەتكىن كەلگەن مۇساپىر كىشىنى ئىززەت-ئىكرامىنى جايىغا قويۇپ، مېنىڭ ئاق تۇلپىرىمغا مىندۈرۈپ ئېلىپ كەلگىن!؛-دەپ بۇيرۇدى.
ئۇ موغۇل مۇلازىم مەۋلاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلدى ۋە ئاتنى ئۇنىڭ ئالىدىغا توختىتىپ، شاھانە ئۈزەڭگىنى مەۋلاننىڭ پۇتلىرىغا توغرىلىدى. ئەمما ئاتنىڭ ئېگەر جابدۇقلىرىنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىگە توڭگۇز قېنى چاچراپ كەتكەن ئىدى. بۇنى خېلى بۇرۇنلا سەزگەن مەۋلانا؛-مەن خاننىڭ ئالدىغا پىيادە بارىمەن؛-دېدى.
ئەمما خاننىڭ پەرمانىنى بىجاكەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان مۇلازىم موغۇل، مەۋلاننى خاننىڭ ئالدىغا پىيادە ئېلىپ بارسا، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈمدىن ئېغىرراق جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، مەۋلاناغا تەئەددى بىلەن سىياسەت قىلىپ:-خاننىڭ يارلىقى شۇنداقتۇركى، سەن پىيادە بارساڭ بولمايدۇ، ئاتقا مىنگەيسەن!-دەپ قاتتىق تۇردى.
مەۋلانا ئىلاجسىز قالغان ئىدى. ئۇ سەل ئويلىنىۋېلىپ، ئۈستىدىكى بوز تونىنى سېلىپ، ئاتنىڭ ئۈستىگە ياپتى-دە، ئاتقا مىنىپ خاننىڭ ئالدىغا باردى. خان ھەيۋەتلىك سارىيىدىكى، ياقا ئەمما، شاھانە بېزەلگەن پىنھان بىر ھۇجرىدا تەنھا ئولتۇراتتى. خاننىڭ يىرىك ساقال باسقان قارامتۇل يۈزلىرىدە، بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىدەك ئىلمەك بۇرۇن، ئېگىز قاڭشىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆپكۆك دۈگىلەك كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىر تەڭقىسلىق، غەم-ئەندىشە ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. مەۋلانا ھۇجرىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ، ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆتكۈر كۆزلىرىنى مەۋلانىنىڭ مەرۋايىتتەك تاۋلىنىپ تۇرىدىغان ئاپئاق ساقاللىق سوزۇنچاق يۈزلىرىگە تىكتى. مەۋلاننىڭ مۇڭ ۋە ئەقىل-پاراسەت چىقىپ تۇرىدىغان مۇلايىم قوي كۆزلىرىمۇ خاننىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار بىر-بىرىگە ئەنە شۇنداق خېلى ئۇزاق تىكىلىپ تۇرۇشقاندىن كېيىن، خان ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
-كىرىۋەر مۇساپىر كىشى.
مەۋلانا كۆن كالىچىنى بوسۇغا سىرتىدا قالدۇرۇپ، ھۇجرىغا كىردى. خان ئۇنىڭغا جاي كۆرسەتمەستىن، قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشكە تەمشەلگەن، مەۋلاننىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان خان تاقەتسىزلىك بىلەن سورىدى:
-ئېيتقىنا مۇساپىر، ئەگەر ئۇ كىشىگە ھەمراھ بولمىسا، ئىتتىن بەتتەر بولىدىغان. ئەگەر ئۇ كىشىگە ھەمراھ بولسا، ئىتتىن ياخشى بولىدىغان قانداق نەرسە ئۇ؟!-ئۇنىڭ سۆزلىرىدە خانلىق، باھادىرلىق كىبىردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
مەۋلانا جالالىدىننىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى. شۇڭا ئۇ بايا ئاللىقاچان تىلىغا كېلىپ بولغان ئىسمىئەزەمنى پىچىرلاپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، سالماقلىق بىلەن:-ئۇ ئىماندۇر!-دېدى. ئاندىن ئىمان ئىبارىسىنىڭ تەرىپىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى باشتىن-ئاخىر تولۇق ۋە مۇكەممەل شەرھلەپ، بەتەپسىل چۈشەندۈردى.
تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قەلبىدە يورۇقلۇقنى كۆرىدىغان كۆز بار ئىدى. ئۇ مەۋلاننىڭ دېگەنلىرىگە چىمپۈتتى، ئىشەندى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن تەسىرلىنىپ بېشىنى ئەگدى ۋە ئۇنى تۆرگە تەكلىپ قىلىپ، ئولتۇرغۇزۇپ:
-سەن بىلەن بىللە كەلگەن ھەمرالىرىڭمۇ ئىماننىڭ تەرىپ، ھۆكۈملىرىگە ئىشەنگەنمۇ؟-دەپ سورىدى. مەۋلاننىڭ نۇرلۇق يۈزلىرىگە سىناق نەزىرى بىلەن تىكىلىپ.
-شۇنداق، مەن بىلەن بىللە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئىمانغا باش ئەگكەنلەر؛-جاۋاب بەردى مەۋلانا تەمكىنلىك بىلەن.
-ئۇنداقتا، شەھىرى كەتك نېمىشقا ۋەيران بولدى؟ ئەگەر سەن ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلىسەڭ مەن ساڭا قول بېرىپ، سېنى ئۇستاز تۇتىمەن؛-دېدى، خان باھادىرانە مەردانىلىك بىلەن.
مەۋلانا جالالىدىننىڭ يۈرىكىدىكى ئازاب، ھەسرەت چوغى قايتىدىن يالدىيلىدى. ئۇ ئېغىر خورسىنىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، شەھىرى كەتك ئەسلىمىسىگە قايتتى.
مەۋلانا جالالىددىن ياراتقۇچىنىڭ ئىزنى بىلەن شەھىرى كەتك ئادەملىرىگە ھەمىشە ئىمان، تەقۋالىق، ئەزگۈلۈك، ئەدلۇ-ئادالەت، تەۋپىق-ھىدايەت توغرىسىدا ۋەز-نەسىھەتلەرنى سۆزلەيتتى. لېكىن بۇ شەھەردە دىللىرى ئىللەت ۋە قاباھەتتىن قارىيىپ كەتكەن، ئىمانغا چىمپۈتمەيدىغانلار يەنىلا كۆپ ئىدى. مەۋلانا بۇ يەرگە كېلىشتىن بىر يىل بۇرۇن بېشارەتلىك بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ چۈشىنى ھېچكىمگە ئۆيەلمەيتتى. بۇ چۈشكە ھېچكىمنىڭ تەبىر بېرەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. بۇ چۈشنىڭ تەبىرى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. شەھىرى كەتك ئاشۇ دىلى قارا كىشىلەر تۈپەيلى ئىلاھىي بالايىئاپەتتە ۋەيران بولۇپ، يەر يۈزىدىن يوقىلاتتى.ئەمما ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتىنى بىلمەيتتى. پەقەت ئىنساننىڭ تۇغۇمى بىلەن ئۆلۈمىگە ئوخشاشلا ياراتقۇچىغا تەئەللۇق سىرلارنى ئىنساننىڭ بىلىشكە قادىر ئەمەسلىكىنى، بۇنى بىلىشكە ئۇرۇنۇشنىڭمۇ كەبىرى گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەچچە كۈنلەرگىچە ئەنە شۇنداق غەم-تەشۋىش ئىچىدە ئىچىنى تىڭشاپ جىممىدە يۈردى. قاپقاراڭغۇ تۈنلەرنى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ئىگىسىگە سېغىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ئاشۇ ئىمانغا چىمپۈتمەيدىغان ئادەملەر سەۋەبلىك ئاپەت بىلەن يوق بولۇپ كېتىشىگە چىدىمايتتى. شۇڭا ئۇ بىر جۈمە كۈنى نامازدىن پارىغ بولۇپ، يۈزىنى سىپىغاندىن كېيىن، مۇنبەرگە چىقىپ كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇ ياڭراق ئاۋازدا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي بەندىلەر، شەھىرى كەتك ئادەملىرى، مەن ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق، ئىمان بارىسىدا نەچچە نۆۋەت ۋەز-نەسىھەت ئېيتقان ئىدىم، ئەمما ھېچقايسىڭلار نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. شۇڭا بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولدۇڭلار، ئۆزئارا چېقىمچىلىق، پىنخورلۇق قىلىپ، بىر- بىرىڭلارنى ساتتىڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئىشەنمىدىڭلار، شۇ سەۋەبلىك ئاھالە ئارىسىدا ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىق بولمىدى. ئاراڭلاردا دىيانەتلىكلەر دىن مۇناپىقلار كۆپ بولدى. ئاراڭلاردىن ئىنساپ-دىيانەت كۆتۈرۈلۈپ، بىر-بىرىڭلارنى ھەسەتتىن زەھەرلەشكىچە بېرىپ يەتتىڭلار! مانا ئەمدى ماڭا شۇنداق بېشارەت بېرىلدىكى، ياراتقۇچى بۇ شەھەرگە قىيامەتتىن بەتتەر بالا-قازا ئەۋەتىدۇ. مەن بۇ شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىمەن، ئىزنى بويىچە،مەن چىمپۈتكەن، مېنى باشلىغاننىڭ يولى بىلەن مېڭىپ بۇشەھەردىن چىقىپ، بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلىمەن. ماڭا ئەگىشىپ ئىمانغا چىمپۈتىدىغانلار مەن بىلەن بىللە مېڭىڭلار، ئاگاھ بولۇڭلاركى، بۇ مېنىڭ بۇ شەھەردە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەز ئېيتىشىمىدۇر. ئەمدى سىلەر دىن رۇخسەت تىلەيمەن ۋە سىلەر بىلەن خوشلىشىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىدارلىشىش قىيامەتكە باقىي قالغۇسىدۇر!...
مەۋلاننىڭ خۇددى قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ نىداسىدەك گۈمبۈرلىگەن ئاۋازى يېشىل كاھىشلىق ئىگىز-ئىگىز قۇببلاردىن قايتىپ، شەھەرنىڭ ئاشۇ قۇببىلارغا سايە تاشلاپ تۇرغان بۈك باراقسان تېرەكلىرى، دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىدا ھەممىدىن بىخەۋەر چۇڭۇلداپ سايراۋاتقان قۇشلارنى ئۈركۈتۈپ، خۇددى ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆزلىرىدەك غۇبارسىز كۆپكۆك ئاسمان قەھرىدە ياڭرايتتى. مەۋلاننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قايغۇدىن تىترەيتتى،ئۇنىڭ قولىدىكى يىپەك يىپىغا يېشىل كەھرىۋا مارجانلا قاتار ئۆتكۈزۈلگەن تەسۋى تىنىمسىز شاراقلايتتى. ئۇ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئىبادەتگاھتىن چىقتى، شۇ چاغدا مەزىنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە چىقتى. چۈنكى مەزىن مەۋلاننىڭ سۆزلىرىگە تولۇق ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ مەۋلانىدىن ئىلتىماس قىلىپ:«خىزمەتلىرىدە بولسام»دېدى. مەۋلانا ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى ۋە شۇكۈنى ئۆزىنىڭ سۆزىگە، سۆزلىرىدە مەلۇم بولغان ياتقۇچىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن بىر گۇرۇھ كىشىلەرنى باشلاپ شەھەردىن چىقىپ كەتتى. شۇكۈنى كەچ ئاي تولۇق تولۇپ، شۇنداق سۈزۈك ئايدىڭ بولغان ئىدى.
ئۇلار شەھەردىن ئۈچ پەرسەخ(بىر پەرسەخ 500 مېتىر، ئۈچ پەرسەخ 1500 مېتىر) يىراقلىقتىكى بىرجايغا يىتىپ كەلگەندە سەل تىنىپ، بىردەم ھاردۇق ئېلىۋېلىش ئۈچۈن توختىدى. مەۋلاننىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىۋاتقان مەزىننىڭ كۆڭلى بۇ شەھەردىن ئايرىلىشقا زىنھار چىدىمايتتى. شۇڭا ئۇ ئاخىرقى قېتىم ئانا شەھىرىنىڭ جامالىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، شەھەردە بېجىرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، شەھرگە بېرىپ-كېلىشكە مەۋلا ناندىن رۇخسەت سورىدى. مەۋلانا ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى. بىراق كۆڭلىدە ئۇنىڭدىن يەنىلا ئەنسىرەپ تۇراتتى:
-بۇ شەھەر ئادەملىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئۇزاققا قالماي ۋەيران بولۇپ، خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. سەن شەھەردىكى ئىشىڭنى تېزرەك تۈگىتىپ، پات قايتىپ كەلگىن، مانا بۇ توقسان توققۇز مارجان تىزىلغان تەسۋىنى ئېلىۋال، ئەگەر ئاپەت يىتىپ كېلىپ، شەھەر خارابىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن شەھەردىن چىقىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالساڭ، بۇ تەسۋىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يېشىل مارجاننى ئۈزۈۋېلىپ يەرگە تاشلا، بۇ ئەرگىنەقۇن تېغىدىن ئېلىنغان،بىزنى بالا-قازادىن ئاسرايدىغان خاسىيەتلىك مارجان، شۇنى ئېسڭدە تۇتقىنكى، سېرىق مارجاننى ھەرگىز تاشلىما؛-قولىدىكى تەسۋىنى مەزىنگە بەردى.
مەزىن قايتىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۈك-باراقسان، ئاۋات رەستىلەرنى ئايلاندى، ئۆزى تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن مەھەللە بىلەن ياش تۆكۈپ خوشلاشتى. ئۇ شەھەردىن چىقىۋېتىپ، مەۋلانا ئىبادەت قىلىپ ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان، ئۆزى ھەركۈنى بەش قېتىم ئەزان ئېيتىدىغان مەسچىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. مەزىن كۆڭلىدە:«شەھىرىم بىلەن ۋىدالىشىش سۈپىتىدە مەسچىت مۇنارىغا چىقىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر ئەزان ئوقۇۋالاي» دەپ ئويلاپ بىر-بېسىپ، ئىككى بېسىپ مەسچىت مۇنارىغا چقىتى. ئۇ ئەزان ئوقۇۋېتىپ ئاسمانغا تىكىلدى. كۆردىكى، ئاپئاق ئايدىڭدا ئاسماندىن خۇددى يۇمشاق قارغا ئوخشاش بىر نەرسە ياغماقتا ئىدى. ئەمما يېغىۋاتقان نەرسىدە نەم يوق. ئۇ ئەزاننى تامام قىلىپ، ئۈچ قېتىم سالات توۋلىدى. ئەمدى ئۇ مۇنار پەشتىقىدىن چۈشۈشكە قەدەم يۆتكىدى. ئەمما بىرنەچچە باسقۇچ پەسكە چۈشكەندىن كېيىن قارىسا، مەسچىت ۋە ئۇنىڭ مۇنارى ئاللىقاچان قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى. ئۇ يەنە مۇنار ئۈستىگە چىقتى. ئۇ ئويلاپ يەتتىكى، ئاسماندىن يېغىۋاتقىنى قۇم توپا ئىدى. كەتك شەھىرى پۈتۈنلەي قۇم ئاستىدا قالغان ئىدى. پەقەت، مۇشۇ مەسچىتنىڭ مۇنارى ۋە ئۇيەر-بۇيەردە ئۇزۇن يىللىق تېرەكلەرنىڭ ئۇچى شاخلىرىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ ئاشۇ مۇنار ئۈستىدە تۇرۇپ بۇ كاتتا شەھەرگە نەزەر تاشلىدى. شەھەرنىڭ ئويى ئوي، دۆڭى دۆڭ، بەئەينى بىر خارابىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغان شەھەر ئاھالىسى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمەي جىم-جىملا قۇم ئاستىدا قېلىشقان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى خارابە شەھەرنىڭ ئاسمىنىدا تولۇن ئاي يەنىلا پارلاپ تۇراتتى، شالاڭ يېغىۋاتقان توپان ئاي نۇرىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى. مەزىن خارابىگە ئايلانغان شەھەر ئۈستىدىكى ئاي نۇرىغا قاراپ خېلى ئۇزاق تۇردى. گەرچە ئۇ دەسسەپ تۇرۇۋاتقان بۇ مۇنار كەتك شەھىرىدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار بولسىمۇ، لېكىن ئەمدى ئۇ پۈتۈنلەي قۇم ئاستىدا قېلىۋاتاتتى. مەزىننىڭ قايتىدىغان يولىمۇ ئېتىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەمدى تەشۋىشكە چۈشتى. ئۇستازى مەۋلاننى ئويلىدى، دەل شۇچاغدا ئۇنىڭ ئېسىگە مەۋلانا بەرگەن ھېلىقى تەسۋى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرى كەلدى. ئۇ قوينىدىكى تەسۋىنى ئېلىپ، يىپىنى ئالدىراپ يەشتى ۋە بىر تال يېشىل مارجاننى ئېلىپ خارابە شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارىتىپ ئاتتى. بارغانچە كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان قۇم مۇنارنىڭ ئۇچىغا، ئۇ نىڭ تاپىنىغا بىر ئىلىك قالغاندا ئۆرلەشتىن توختىدى. مەزىن خۇشال بولۇپ ياراتقۇچىغا، ئۇستازى مەۋلاناغا مىڭ قەتل شۈكرى ئوقۇپ، پەستىكى يۇمشاق قۇم ئۈستىگە سەكلىرىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدىكى تەسۋىنىڭ يەنە بىر تال ئۇرۇقى، يېشىۋېتىلگەن يىپتىن شىرتتىدە سۇغۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ئاپئاق ئاي نۇرىغا چۆمگەن يۇمشاق قۇمغا پېتىپ كەتتى، ئۇ مەۋلانا چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تاپىلىغان ھېلىقى سېرىق مارجان ئىدى.
-شەھىرى كەتكنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى سەۋەب مانا شۇ، ئەمما ساڭا كۆرسىتىدىغان دەلىل بولغان ھېلىقى تەسۋىنىڭ ئىككى تال مارجىنى ئاشۇ خارابىلىكنى باسقان قۇم ئاستىدا قالدى. ئەگەر كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئاشۇ خارابە شەھەردىكى قۇم ئاستىدا قالغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى تەكرارلىسا، شەھىرى كەتككە ئوخشاش تالاي شەھەرلەر يەنە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. ئەمدى بىرنى ساقلاپ قالىدىغان ھېلىقى يېشىل مارجانمۇ يوق، بالا-قازا ئېلىپ كېلىدىغان سېرىق مارجانمۇ يىپىدىن چىقىپ كەتتى. ئەگەر كېيىنكىلەر ئاشۇ شەھىرى كەتك ئاھالىسىدىن ئىبرەت ئالسا، ئۇلار بەخىت-سائادەتلىك بولىدۇ...دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. مەۋلانا جالالىددىن.
شۇنىڭدىن كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىمانغا چىمپۈتۈپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، مەۋلاناغا قول بەردى. پادىشاھ بولۇپ، ئىنسانىيەت پەيدا بولغان بۇ زېمىننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە ۋە تارىخ ئاتلىق بىنەمنىڭ ئۆڭگەن تۇپرىقىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما شەھىرى كەتكنىڭ خارابىسىگە ھازىرمۇ ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ.
قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
2012-يىل 10-فېۋرال
|


|