• قىش(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:02-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 1 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    قىش (ھېكايە) پەرھات جەمشىت كەچقۇرۇن يېغىشقا باشلىغان قارنىڭ توختايدىغاندەك ئەلپازى يوق ئىدى، تار كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلار قاياقل

                                                                  قىش 

                                                                (ھېكايە)

                                                            پەرھات جەمشىت
         كەچقۇرۇن يېغىشقا باشلىغان قارنىڭ توختايدىغاندەك ئەلپازى يوق ئىدى، تار كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلار قاياقلارغىدۇر غايىب بولۇشتى، سۇلايمان پەرىشان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى-دە،قىزىرىپ كەتكەن قوللىرىنى ئوتى ئۆچۈپ قالاي دېگەن مەشكە بىر پەس قاقلىغاندىن كېيىن ،دەررۇ مەشنىڭ يېنىدىكى خالتىنى ئاقتۇرۇشقا باشلىدى، خالتىدا ئىككى پارچە چوڭراق كۆمۈردىن باشقا يەنە بىر-ئىككى گۈرجەك كەلگۈدەك كۆمۈر تۇراتتى. ئۇ بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن چوڭ بىر پارچە كۆمۈرنى ئالدى-دە، ئاۋايلاپ چېقىپ يېرىمىنى مەشكە سېلىپ قويۇپ كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئىككى تال بەرەڭگە ۋە بىر نەچچە قۇلاق يېسىۋىلەكنى يۇيغاندىن كېيىن مەش ئۈستىدىكى چۆگۈندىكى ئىسسىق سۇدا بىر نەچچە تال قۇرۇتۇلغان مۇچنى يۇيۇپ چىلاپ قويۇپ ،ھېلىقى تەييارلاپ قويۇلغان كۆكلەرنى كىچىككىنە قوللىرى بىلەن ئەپچىللىك بىلەن توغراشقا باشلىدى.‹‹-ئۇ بىچارە ئانام موشۇ قاردا مىڭ بىر مۇشەققەتلەردە كېلىۋاتىدىغاندۇ؟تېيىلىپ كەتكەنمىدۇ،توڭلىغانمىدۇ؟مەن قاچانلىققىمۇ چوڭ بولۇپ ئانامغا ياردەملىشەرمەن››دىگەنلەرنى ئويلايتى مانا قارڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى ئۆيمۇ خېلىلا ئىسسىپ قالغاندى ،لېكىن ئانىسى تېخىچىلا كەلمەيتتى .ئۇنىڭ كۆڭلى بارغانسېرى غەش بولۇپ ھەر خىل خىياللارنى قىلىشقا باشلىدى .بىر ھازادىن كېيىن ئۇ سەل ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى-دە،توۋا مەن نېمىشقا قاملاشمىغان خىياللارنى قىلىدىغاندىمەن ،توۋا دەپ ئاستا پىچىرلىغىنىچە بىر پىيالە گۈرۈچنى يۇيۇپ توك قازانغا سالدى، دەل شۇ پەيتتە ئىشىك غىچ قىلىپ ئېچىلىپ ئۇنىڭ ئانىسى كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ كىيىملىرى ئاپئاق قار بىلەن ئورالغان بولۇپ خۇددى قار ئادەمگىلا ئوخشاپ قالغاندى.
    __ كەلدىڭىزمۇ ئانا !دىگىنىچە ئۇ ئانىسىغا ئېتىلدى ۋە قولىدىكى خالتىنى ئالغاچ.توڭلاپ كەتتىڭىزمۇ ئانا دىگىنىچە ئانىسىنىڭ بەدىنىدىكى قارلارنى قېقىشقا ياردەملەشتى.
    __ ياق ئوغلۇم ،ئۆزۈڭچۇ سورىدى مېھرىبانلىق بىلەن .
    __ مەنمۇ توڭلىمىدىم ئانا.تاماققا تەمشىلىپ قويدۇم دىگىنىچە ئانىسىغا بىر پىيالە چاي ئۇزارتتى .
    __ سەن بولمىغان بولساڭ قانداقمۇ قىلاتتىم بالام دىگىنىچە كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى ئانا ۋە ئوغلىنى باغرىغا چىڭ باستى.ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى ئانىنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن ياش سۇلايماننىڭ مۆرىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى .بىردەمدىن كېيىن ئانا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى ھەمدە .
    __ بالام بايىقى خالتىنى ئەكىلە دېدى سۇلايمانغا ئاستاغىنا. سۇلايمان خالتىنى قويغان يېرىدىن ئېلىپ ئانىغا تەڭلىدى. ئىشتىن چۈشۈپ ساڭا يۇڭ ئىشتان ئالغاچ كەلدىم، كىيىپ باقە دېدى،- ئوغلىغا قاراپ تۇرۇپ.
    __ ماقۇل، لېكىن ئۇ ئىشتاننى كىيمىدى .
    ___ ھە خىجىل بولۇۋاتامسەن مەن ساڭا قارىمايمەن، قورۇمىنى قورۇغاچ تۇراي كېيىپ باققىن چوڭ كېلىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم، ئەگەر چوڭ كېلىپ قالسا ئەتىلىككە ئالماشتۇرۇپ كېلىمەن دىگىنىچە قازان بېشىغا ئۆتتى مېھرىنىسا. بالا ھەش-پەش دىگۈچە يۇڭ ئىشتاننى كىيىپ بولدى. ئىشتان خۇددى ئۇنىڭغىلا ئۆلچەپ تىكىلگەندەك كەلگەندى.ئانا -بالا تاماقتىن كېيىن مەشتىكى ئوتنى توپا كۆمۈر بىلەن باستۇرۇپ قويغاندىن كېيىن كچىككىنە ئۆيدىكى قوش كىشىلىك كارىۋاتتا شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى.
    مېھرىنىسا ئورنىدىن تۇرغاندا قار توختىماي يېغىۋاتاتتى ئۇ مەشنى كولاشقا باشلىدى ئۆي بەكلا سوغۇق ئىدى .بىچارە ئانا ئوغلىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر بىر ھەرىكەتلىرىنى تولىمۇ سىلىق قىلاتتى مانا ئوت يېقىلىپ چايمۇ قاينىدى، ئۇ بىر پىيالە چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن بالىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى تەييارلىدى-دە،دېرىزە ئۈستىگە قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئوتنى توپا كۆمۈر بىلەن كۆمۈپ قويۇپ ئىشىكنى ئاستا ياپقىنىچە ئشىغا يول ئالدى.
    سۇلايمان ئورنىدىن تۇرغاندا قار يەنىلا لەپىلدەپ چۈشىۋاتاتتى، ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى قارلارنى بىر قۇر تازىلىۋەتكەندىن كېيىن يۈزىنى يۇيۇپ ناشتا قىلدى ۋە كارىۋاتنىڭ ئاستىدىكى ئىككى خالتىغا قاچىلانغان ئەسكى پۇرۇچلارنى يۈدكىنىچە ئەسكى پۇرۇچخانىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ خالتىلارنى يۈدۈپ تار كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە، بەش-ئونچە بالا خۇشال ھالدا قار بوۋاي ياساپ ئوينىشىۋاتاتتى.
    __ كېلە سۇلايمان، بىرگە ئوينايلى دەپ توۋلاشتى.
    __ مەن ئەسكى پۇرۇچخانىغا بېرىپ كېلەي ئاندىن ئوينايلى دىگىنىچە يولىغا راۋان بولدى سۇلايمان، ئۇ قەدەمدە بىر تېيىلاتتى، يېغىۋاتقان قارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە گاھ ئاسمانغا قاراپ پىچىرلىسا ،گاھ يەرگە قارايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مىڭ بىر مۇشەققەتلەردە ئەسكى پۇرۇچخانىغا يىتىپ كەلدى. بىر، ئىككى ،يىگىرمە...ئوتتۇز...ئەللىك ..ئاتمىش ...سەكسەن ئۇ ئەسكى پۇرۇچخانا خوجايىنىغا ئىشەنمەي سانايتتى، شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن يىغقان نەرسە -كېرەكلىرى توپتوغرا 21سومغا يارىدى، خۇشاللىقىدىن قىن-قېنىغا پاتماي قالغان سۇلايمان بىر قۇلىدىكى پۇلغا قارىسا يەنە بىر ئەسكى پۇرۇچخانىغا قارايتى. ئۇ پۇللارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئىچ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن يانچۇقىنىڭ سىرتىدىن تۇتۇپ قويدى ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ تۇتۇپ قوياتتى. بىردەم -بىردەم كەينىگە قاراپمۇ قوياتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ كۆمۈرخانا ئالدىغا كەلدى ۋە كۆمۈرچىدىن.
    __ئاكا كۆمۈرنىڭ كىلوسى نەچچە پۇل دەپ سورىدى.
    __ 4مو.
    __ شۇنداقمۇ مەن 50كىلو ئالماقچىدىم، بىراق ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بولالمايمەن .
    _ ئۆيۈڭ نەدە؟
    _ ئاۋۇ تار كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن ئۆتسەكلا 6-قورو.
    __ ھە بىلدىم، سەن ما خوجايىننىڭ قوراسىدا ئولتۇرامسەن ؟
    __ شۇنداق.
    __ ھارۋىنى بېرىپ تۇراي شۇنىڭ بىلەن ئاپىرىۋال.
    __ رەھمەت ئاكا. سۇلايمان خۇشاللىقىدىن يېرىلىپ كېتەي دەپلا قالغاندى. چۈنكى ئۇ ئەمدى توڭلىمايتتى .ھېچ بولمىغاندا بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ ئىسسىق تۇراتتى. سۇلايماننىڭ كۆمۈر بېسىلغان ھارۋىنى مىڭ تەسلىكتە سۆرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار ئويۇنلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا كۆمۈرنى ئۆيدىكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا توشۇپ بولۇشتى، سۇلايمان مەشكە كۆمۈرنى راسا سالدى، مانا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى مەش تۇنجى قېتىم خىجالەتتىن قىزاردى. بالىلار بارغانچە مەشتىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. ھەممە چاپانلىرىنى سېلىشتى، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھاردۇقلىرىمۇ چىقىشتى بولغاي، سۇلايمان بىلەن ھارۋىنى سۆرۈشۈپ كۆمۈرچىنىڭ ئۆيى تەرەپكە يول ئېلىشتى.
    بۈگۈن سۇلايمان تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى، ئۇ دوستلىرى بىلەن قانغۇچە ئوينىدى، ئوينىغاندىمۇ راسا ئوينىدى. ئۆتكەن يىللىرى ئۇ قىشنى ئۆيىدىن چىقماي دېگۈدەك ئۆتكۈزگەنىدى. قىش كىرگەندىن بۇيان ئۇ يېلىڭ كىيىملىرى بىلەن سىرتقا بەكلا ئاز چىققانىدى، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ھاۋا سەل ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سىرتقا چىقىپ ئەسكى پۇرۇچ يىغقاندىن باشقا بالىلار بىلەن ئويناشقا چىقمىغان ئىدى. ئۇ كۆڭلىدە مەن ئەمدى پۇل تېپىشنى بىلىۋالدىم دىگەنلەرنى ئويلايتتى. ئويلىغانسېرى خۇشال بولاتتى خىيال كەپتەرلىرى ھەر تەرەپلەردە پەرۋاز قىلاتتى..
    مېھرىنىسا ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل كۆمۈرخانىغا باردى، بىراق كۆمۈرخانىدا ئىنسىجىنمۇ كۆرۈنمەيتتى، بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن ئامال يوق يەنە باشقا تەرەپلەرگە بېرىپ كۆردى، ھەممىسى ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەندى. قانداق قىلارمەن، بىچارە ئوغلۇم قانچە توڭلاپ كەتكەندۇ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ قەدەملىرىنى تېزلەتتى. سوغۇقتىن ئۇنىڭ ئىككى مەڭزى خۇددى ئىلىنىڭ ئالمىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەنسىرەش، ھەرخىل چىگىش خىياللار بىلەن قانداقلارچە بەيگە مەيدانىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا قالدى، ئۇدۇلدىكى خالتا كوچىدىن ئۆتۈپ ئۆيى تەرەپكە قايرىلدى، مانا ئۇ ئۆيىگىمۇ كەلگەنىدى. خىيالىدا بىچارە سۇلايمان دۈگدىيىپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئۆيگە كىردى ۋە كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك مۇزدەك قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.
    ـــ ئانا كەلدىڭىزمۇ؟ توڭلاپ كېتىپسىز، دەرھال ئىسسىنىۋېلىڭ! سۇلايمان بالىلارچە ئەركىلەپ تۇرۇپ ئانىسىغا ئېسىلدى.
    ـــ جېنىم بالام، چىرايلىق قوزام، نەدىكى كۆمۈرنى قالىدىڭ دەپ سورىدى،- ئانا ھەيرانلىق بىلەن.
    ـــ مەن پۇل تاپتىم ئانا ، شۇ پۇلغا كۆمۈر ئالدىم.
    ــ نېمە پۇل تاپتىم دىدىڭما؟ نەدىن تاپتىڭ؟ كىم سېنى پۇل تاپ دىدى؟ ئېيتە قېنى، قولۇڭنى سۇندۇرۇۋەتمەيدىغان بولسام.
    ــ خاپا بولماي ئاۋۋال بىر پىيالە چاي ئىچىۋېلىڭ، ئاندىن مەن سىزگە دەپ بېرىمەن،- دىگىنىچە ئانىسىغا بىر پىيالە چاي ئۇزارتتى سۇلايمان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
    ـــ ئىچمەيمەن سەن زادى قانداق قىلىپ پۇل تاپتىڭ؟ نەدىن تاپتىڭ كىم سېنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى؟ مېھرىنىسا ئاچچىقىدىن تىترەيتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ يەر -زېمىن چۆرگىلىمەكتە ئىدى.
    ــ جېنىم ئانا ئىككى كۈن بۇرۇن سىز ئىشقا كەتكەندە، مەن كوچىغا چىقىپ ئەسكى پۇرۇچلارنى تېرىپ ئۇنى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغانىدىم بۈگۈن ئۇنى ساتتىم، ئىشەنمىسىڭىز ئەسكى پۇرۇچخانا خوجايىنىدىن سوراپ بېقىڭ دېدى،- سەل قورققان قىياپەتتە سۇلايمان شۈمشىيىپ تۇرۇپ .
    ــ گېپىڭ راستمۇ ؟
    ــ راست، ئەگەر يالغان بولسا مېنى قانداق جازالىسىڭىز بولىدۇ ئانا دىگىنىچە يىغلاپ كەتتى سۇلايمان. بالىنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئانا ئوغلىنى باغرىغا باستى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش دەريا بولۇپ ئېقىشقا باشلىدى، ياق ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس بەلكى قان ئېقىۋاتاتتى. بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدىن چىققانىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالىدىدا مېھرىبان ، كۆيۈمچان يولدىشى غۇلام پەيدا بولغاندەك بولدى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە بىر نىمىلەرنى پىچىرلايتتى ،سۇلايمان بولسا ھېچنەرسىنى چۈشەنمەيتتى .
    ئانا ئوغلىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ تۇرۇپ جېنىم بالام داداڭ رەھمەتلىك ھايات بولغان بولسا بۇنداق كۈنلەرگىمۇ قالمايتتۇق، سەنمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئېچىلىپ -يېيىلىپ ئوينىغان بولاتتىڭ دىگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئانا -بالا ئىككىيلەننىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە ...
    ئاسماننى بىر قەۋەت قارا پەردە ئورىۋالدى، ھەممە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغاندى. ھەشەمەتلىك بىنالاردىن تارتىپ كەپە ئۆيلەرگىچە ھەممىسىنىڭ چىراغلىرى ئۆچۈك، بىراق مېھرىنىسانىڭ دوپپامچىلىك ئۆيىنىڭ كىچىككىنە چىرىقى ئۆينى خىرە يورۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ قولىدىكى بىر پارچە سۈرەتكە تىكىلگىنىچە قانداقتۇر خىياللارنى قىلماقتا ...
    مېھرىنىسانىڭ يولدىشى غۇلام بۇندىن 4يىل بۇرۇن كېسەل سەۋەبىدىن ئەمدىلا ئىككى ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سۇلايمان بىلەن مېھرىنىسانى تاشلاپ قويۇپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقانىدى. كۆرۈۋاتامدىغانسىز غۇلام بالا چوڭ بولۇپ قالدى مانا ئۇ ماڭا ئەسقاتقۇدەك بولۇپ قالدى، جېنىم غۇلام سىز نىمانداق رەھىمسىز ئانا -بالا ئىككىيلەننى تاشلاپ قويۇپ غەمسىز دۇنياغا يالغۇز كېتىۋالغىنىڭىز نېمىسى ؟ ياق سىز رەھىمىسز ئەمەس تەقدىر رەھىمىسىز ،ئاھ رەھىمسىز دۇنيا كۆرۈۋاتامدىغانسەن جاپاكەش ئىنسانلارنى، دىگىنىچە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاشقا باشلىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ تۈگىدىمۇ، ئىشقىلىپ ئۇمۇ ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كەتتى...
    ئارىدىن ئون نەچچە قىش ئۆتتى. مېھرىنىسا ئۆزىنى بارغانچە پاكارلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى، بۇرۇن ئۇ سۇلايمانغا گەپ قىلغاندا بېشىنى ساڭگىلىتاتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭ سېلىۋاتقاندا نېمىشقىدۇر ئاسمانغا قارايدىغان بولۇپ قالدى. ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇلايمان ئوقتەك ئېتلىپ كىرگىنىچە ئانسىغا تاشلاندى.
    ــ ئانا -ئانا مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتىمەن .
    ــ شۇنداقمۇ ئوغلۇم قايسى مەكتەپكە ئۆتۈپسەن؟ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا،- دىگىنىچە قولىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى ئۇزارتتى ئانىسىغا .
    ــ يارايسەن ئوغلۇم، ئوغۇل بالا دېگەن شۇنداق بولىدۇ .ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا ئىشقا بارماي ئوبدانراق دەم ئېلىۋال دېدى،- مېھرىبانلىق بىلەن .
    ــ ياق ئانا، بارمىسام بولمايدۇ، ئازراق بولسىمۇ پۇل تېپىشىم كېرەك دېدى،- كەسكىنلىك بىلەن سۇلايمان.
    ئانا ئوغلىغا قايىل بولغان قىياپەتتە بېشىنى لىڭشىتتى. ئارانلا 8-9كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بۇ ئۆي خۇشاللىققا چۆمدى، شۇ تاپتا ئانا-بالا ئىككىيلەنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن جاھان ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا جۈر بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئانا خۇشاللىقىدىن نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالغاندى، كۆيۈمچان ئانا ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ،
    _ كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرغىن، سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى دېدى،- كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
    ـــ بولىدۇ، دىگىنىچە ئىش كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ پاكىزە كىيىنىپ ئانىسىنى قولتۇقلىغىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى سۇلايمان. شۇ ئەسنادا ئانا كۆڭلىدە ‹‹تەلكىنىڭ داۋانىدىن كارۋان توختىماي ئۆتتى،ئېلاخۇن يىغلىغان بىلەن سۇلايمان يىغلىماي ئۆتتى››دىگەندەك دەرۋەقە ئوغلۇم ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن مۆجىزە ياراتتى. چۈنكى ئۇ موشۇ ئائىلىدىكى يەنى جەمەتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بىردىن-بىر بالا ،مانا ئەمدى بىر ئەۋلاد يەنە بىر ئەۋلادتىن كۈچلۈك بولۇپ چىقىدىغان بولدى، دادىسى كۆرۈۋاتامسىز؟ قاراڭ بالىمىزنىڭ يامانلىقىغا ‹‹ئاتىسى ئاتالمىغان قۇڭغۇزنى،بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى›› دېگەن مانا شۇ دە، ئەگەر سىز ھايات بولغان بولسىڭىز قانچە خۇشال بولغان بولاتتىڭىز دەپ پىچىرلىدى ۋە كۆڭلى يېرىم بولدى، بىراق بۇ قەيسەر ئانا چاندۇرمىدى .
    ئانا -بالا بۈگۈن قەۋەتلا خۇشال ئىدى، بولۇپمۇ مېھرىنىسا بەكلا خۇشال ئۇنىڭ ئۇچرىغان ھەر -بىر كىشىگە ئوغلۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ دېگۈسى كەلدىيۇ بىراق ھېچكىمگە تىنمىدى.
    ــ ئوغلۇم قايسى تېز تاماقخانىغا بارىمىز .
    ــ تېز تاماقخانىغا بارمايلى، كەچلىك بازارغا بارايلى .
    ــ ياق بولمايدۇ، مەن سېنى بىر تەبرىكلەپ قوياي ئوغلۇم.
    ــ ياق تېز تاماقخانىغا بېرىپ پۇل زايا قىلمايلى بولامدۇ؟
    ــ بولمامدىغان ‹‹مىنىڭ تۆمۈر قاتتىقىم ››دىگىنىچە ئوغلىنى تېخىمۇ مەھكەم قولتۇقلىدى ئانا، ئانا -بالا ئىككىسىنىڭ كۈلكىسى پۈتۈن كوچىنى بىر ئالدى، كىشىلەر ئۇلارغا ھېرىسمەنلىك بىلەن قارىشاتتى ...
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار