• تەشنالىق ( شېئىرلار )

    يوللانغان ۋاقتى:06-02-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 38 قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    « تارىم » ژورنىلىنىڭ ئېلان قىلىشىغا يوللانغان ئەسەر.

      

    تەشنالىق
     
    (شېئىرلار)
          
                 
      نورۇز ئىلھامى
     
    نورۇز ـــ
    گۈزەل قىزچاق ئەركىلەپ،
    باھار يۈرەككە كەلدى پەتىلەپ؛
    ئىزگۈ ھېسلار قاينىمىدا دالىلار، باغلار
    گۈل - چېچەكلەر بەزمىسىدە قىزىدى مەشرەپ.
     
    ئەنە،
    تۇپراق چېھرىدە كۆكلەم جىلۋىسى،
    كۆكلەم ھېدى كەتمەنلەردىن روھلىنار يەنە،
    ياش بوغۇنلار پەرۋازىدا باھار تېۋىشى،
    ھەر گېياھتا يېڭى ياشناش، پارلاق تەنتەنە ...
     
    ئۆستەڭ بويى، ئېتىز قىرى، تاتلىق مەھەللە،
    بىھۇشلاندى چىن ئۇلۇغلۇق ھېكمىتى بىلەن.
    نورۇز، مېھرى ـــ
    گويا ئاتەش بىر ئوماق قىزچاق،
    سۆيۈپ قويدى ئىلھامىنى خۇش كەيىپ بىلەن ...
     
     
                قانىغان ھېجران
     
    بۇ دېشۋار ئازابى قوزغىدى جۇدۇن،
    توڭلىغان تۇيغۇلار ماكانى زۇلمەت.
    ناتونۇش قىمىرلاش تېنىقلىرىدىن،
    قۇتراڭغۇ ھېسىيات قىلار مالامەت.
     
    مىسكىنلىك، يۈرەكتە چەكسىز مىسكىنلىك،
    مەۋجۇتلۇق گوياكى ئۈششىگەن ياپراق.
    يىگانە تەلپۈنۈش مەنزىلى تىلسىم،
    ياداڭغۇ شۇ بەخت تەلپۈنۈش بىراق.
     
    سۈپسۈزۈك يۇيۇلدى ياشتىن ئەسلىمە،
    يىلىنجار شۇندىمۇ قىرتاق كەچمىشلەر.
    سۆزلەردىن دەز كېتىپ قانىغان ھېجران،
    بىتەلەي ئارماندا تېخى ئۆركەشلەر.
     
    تېترەككە ھامىلدار ۋۇجۇد تېۋىشى،
    ئىستەيدۇ ئىزلاردىن بىر دەستە نۇرنى.
    قايدىدۇر بەختنىڭ ئۈنلەشلىرى دەپ،
    ناشۈكۈر خىياللار چۈشەكەر تېخى...
     
    قاخشاللار روھىدىن بىخلانماس ئۈمىد،
    ۋە لىكىن قانلاردا ئۆزگىچە سۈرەن.
    ئۈچۈنچى قۇتۇپقا ئايلانغان كۆڭۈل ــــــ
    ئىلكىدە بىخلىنار جەننەتمۇ بەزەن...
     
     
                ياتلىشىش
     
    نەئۈچۈن مەڭزىمدە يالتىرايدۇ ياش،
    نە ئۈچۈن يۈرىكىم سوقىدۇ ئەنسىز.
    نەئۈچۈن تۇيغۇمدا ھەسرەتلىك چاڭقاش،
    نەئۈچۈن چۈشلىرىم ئەمەستۇر غەمسىز....
     
    جىسمىمدا دەرىت - ئەلەم، جىسمىمدا تېترەك،
    روھىمنى ئوۋلىغان مەجرۇھ تېڭىرقاش.
    سۆيگىدىن يامرىغان ئاچچىق شېۋىرغان،
    يۈرىكىم گوياكى لەھەتكە ئوخشاش.
     
    توزىدىڭ قەلبىمگە «ئاق گۈل»دەك، سوغۇق،
    ياتلاشقان سوغ ھېدىڭ باغرىمغا خەنجەر.
    ئايرىلىش كۈلپەتلىك، چەكسىز نەپرەتلىك،
    مېھىرلىك كۈنلەردىن ئەمدى يوق خەۋەر...
     
    شۇنچىلىك ياتلاشتۇق، قارچۇقلاردا قان،
    ئۆلتۈرۈپ ئىقبالنى كەتتۇق يىراقلاپ.
    رەقىپلەر مىسالى ياشايمىز ئەمدى،
    تۇنجى شۇ سۆيگىنى مەڭگۈ قۇچاقلاپ...
     
     
                 سۆيگۈ قاتىلى
     
    مەن ساڭا يوشۇرۇن كۆيگەنلىكىم راست،
    ئىشقىمنى مۇز بولۇپ قىلساڭمۇ ئىنكار.
    ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ باش ئۇرغىنىم راست،
    سۆيگۈمگە تىغ ئۇرۇپ تۇرساڭمۇ تەكرار.
     
    بىلمىدىم، بۇ قانداق سۆيۈش - سۆيۈلۈش،
    پەرۋاسىز بىر «مۇز»غا تەسەددۇق جېنىم.
    دۇنيادىن دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتسەم،
    سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك سۆيگۈ قاتىلىم...
     
     
                پــەسىلـلىك دەريا
     
     
    پەسىللىك دەريادەك يامرىدىڭ ماڭا،
    نىگاھىڭ قەلبىمدە تاشقۇزدى قىيان.
    شۇپىتى قەلبىمگە تاشقىنلاپ كىرسەڭ،
    لەۋلىرىڭ لېۋىمگە تۇغارمۇ ئوكيان؟. . .
     
    پەسىللىك دەرياسەن، دولقۇنلىرىڭدا ــــ
    ئاخىرى گاھ لەيلەپ، گاھ چۆكۈپ كەتتىم.
    بىلمىدىم قانداقچە ياقتۇرۇپ سېنى،
    ئېقىنىڭ باغرىغا قوشۇلۇپ كەتتىم.
     
    مەيلىغۇ سۈيۈڭگە چۆكۈپلا كەتسەك،
    قۇچاقلاپ مېھرىڭنى ئەبىدىل - ئەبەد.
    قورقىمەن پەسىللىك ئاقماسلىقىڭدىن،
    ئاھ، شۇندا چاڭقاقلىق بولۇر قىيامەت . . .
     
     
                    ئازغـــــــــــــۇن
     
    نىچۈنكى تەلمۈردى قارا كۆزلىرىڭ،
    شۇ مىنۇت يۈرىكىم ئاھ، مېنىڭدى يوق.
    نىچۈنكى تەلمۈرۈپ قەلبىڭ لېۋىدىن،
    بەرمىدىڭ ئازابسىز ھېدىڭنى تولۇق...
     
    يۈرەتتىڭ شۇ قەدەر خۇشخۇي، نازىنىن،
    خىيالچان كۆزۈڭدە لەيلىتىپ مېنى.
    تۆكۈلدى ساچىڭدىن قولۇمغا بېراق،
    ناتونۇش قوللارنىڭ قالدۇرغان دېغى.
    ※        ※        ※
    بىلمىدىم قايسى چۈش قوينىدا ئۆزۈڭ،
    ھاياتىڭ قەرىزدار كىملەرگە تېخى.
    بىلمىدىم تەلمۈردى قارا كۆزلىرىڭ،
    كىملەرنى قەلبىڭگە سېغدۇرۇپ سېخى؟!...
     
     
                      غەپلەت بەندىسى
     
    ئارمانلاردىن بېزەلگەن ئۈمىد،
    سولاشماقتا خازان رەڭگىدە.
    زەپمۇ تاتلىق چۈشلەر تاقىتى،
    توزان ئارا مۇگىدىمەكتە.
     
    ئەخماقلارچە ئارماندا تېلەك،
    قۇياش سۈپەت چىرايلاردا چاڭ.
    بىخۇتلۇققا ماھكۇمە ھايات،
    ئۆزگىلەردەك تاپالمىدى ئاڭ.
     
     
    شۇڭا ئەلەم تارتسىمۇ تەكرار،
    تۈزەلمىدى كۆنگەن خۇيلىرى.
    دېلى بولغاچ غەپلەتكە ئۇۋا،
    راۋاج تاپماي ئۆتەر كۈنلىرى...
     
     
     
               ئۇنتۇپ كەت
     
     
    ئۇنتۇپ كەت ئازابنى، ئۇنۇتقىن ئەبەد،
    قالدۇرما دېلىڭدا ھەسرەتكە پۇرسەت.
    يۈرمىگىن ھېچقاچان پىنھان ياش تۆكۈپ،
    ئەسلىمە قەلبىڭدە مېنىلا پەقەت!
     
    بىز ئۈچۈن رەنجىش ھەم قايغۇرۇش نىمە،
    بەرىبىر ئۇ گويا چاغلىق سوغ شامال.
    ئۇنتۇشمۇ بەختتۇر ئازاب، كۈلپەتنى،
    يۈرىكىڭ ئۇنتۇشتىن سوقسىلا خوشال.
     
    ئۇنتۇپ كەت شۇ سەۋەپ ئاچچىق ئۆتمۈشنى،
    باھارمۇ ئايازدىن ھالقىپ ئۆتكەندەك.
    مەن ئەمەس سەن بەلكىم، سەنمۇ مەن ھەتتا،
    ھاجەتسىز تۇيغۇغا چۆكمىسۇن يۈرەك...
     
     
      مەن شۇنداق بەندە
     
          (  ⅩⅩ گە جاۋاپ )
     
    بىراۋ دەيدۇ: سەن ھەۋەسسىز قانداق بەندە،
    كالىمۇ سەن ئىشلەشكىلا تۇرغان كۈندە؟...
    ئۈن تىنسىزلا كىرىپسەنۇ شۇنچە ياشقا،
    ئەمەلمۇ يوق، يا دەرىجە ھېچبىر سەندە!
     
    يا پۇلۇڭ يوق، دۆۋە - دۆۋە مېلىڭمۇ يوق،
    ئايۋان - ساراي، نە ماشىنا كېرىلگۈدەك.
    قاراپ باقساق يە قىسقۇدەك گۈلۈڭمۇ يوق،
    ياكى ئاتاق قاتار - قاتار تېزىلغۇدەك...
     
    يا چەكمەيسەن، شارابقىمۇ چىلاشمايسەن،
    ئوينىمايسەن، نازىنىنلار كۆزى سەندە.
    يا بىرسىگە بىرەر پەشۋا ئاتالمايسەن،
    ھېچ بىلمىدۇق، سەن سېھىرلىك قانداق بەندە؟...
     
    مەن دېدىمكى: مەن ئاق كۆڭۈل، ئاددى بەندە،
    ساب ۋېجدان ھەم چىن مۇھەببەت پارلاق تەندە.
    ئادىمىيلىك ئۆتكىلىدۇر ماڭا ئەۋزەل،
    روھىم پاكتۇر، ئۈستۈمدىكى گەرچە جەندە!
     
    بۇردا نېنىم قان - تەرىمدۇر، بەك تاتلىقتۇر،
    سۇلتانلارمۇ سۈرەلمەستۇر لەززىتىنى.
    تامايىم يوق رەڭدار مەنسەپ، ئاتاقلاردىن،
    ئاۋام بەرگەچ ماڭا دىلدىن ھۆرمىتىنى.
     
    ساراي تۈگۈل تەخىتكىمۇ ھېچ زوقۇم يوق،
    باسقان ئىزىم ماڭا تەخت، ماڭا ئامەت.
    ئەجىرسىز مال، يەنە شاللاق ساھىپجامال،
    ئۆتكۈنچىدۇر، بولۇر ھامان يامان ئاپەت...
     
     
                      شائىر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى
     
    تاڭ سەھەردا ئويغانسام مانا،
    بىرسى ئەجەپ تارىتتى كۆڭلۈمنى.
    ـــــ سەن كىم، ــــ دېسەم، كۈلۈپ كەتتى ئۇ،
    چۈچۈك تىلى، تاتلىق سۆز بىلەن:
    ــــ مەن سېنىڭكى بالاڭغۇ، دېدى.
    ئارقىدىنلا يەنە بىر تېۋىش
    شۇڭغۇپ كىردى خىياللىرىمغا.
    ــــ سەن كىم، ـــــ دېسەم يىغلاپ كەتتى ئۇ،
    مىسكىن دىلى، پاتمان غەم بىلەن:
    ـــــ مەنمۇ سېنىڭ بالاڭغۇ، دېدى . . .
     
    ئاھ، بالىلىرىم! . . .
    ( ئوتلۇق مېھىر، ئاتەش تۇيغۇدا )
    غۇلاچ يايدىم، غۇلىچىم ئالەم.
    ئۇلار كېلىپ سۆيدى مەڭزىمگە،
    سۆيۈپ كەتتى تاتلىق تەم بىلەن . . .
     
    ئۇلار كەتتى يەنە، كۆز قىسىپ
    ئات چاپتۇرۇپ، شادلىقى تېرەن.
    دەرىتلىرىنى مەن يۈدۈپ ئالدىم،
    ياش ۋە كۈلكە، چەكسىز غەم بىلەن.
    *    *    *
    تاڭ سەھەردە ئويغانسام يەنە،
    ياش ۋە كۈلكە ئىشىكتە ئەنە . . .
     
     
     
             تەشنالىق
     
    تەشنالىق قانمايدۇ بىر جام مەي بىلەن،
    قانمايدۇ بۇ يۈرەك، قانمايدۇ جەزمەن ...
    ×     ×     ×
    سەن بىر جام شارابسەن، ئۆزۈملا ئىچەي،
    ھەم بىرتال قىزىل گۈل، ئۆزۈملا ئۈزەي.
    ھېچكىمنىڭ چۈشمەستە يوچۇن ھەۋىسى،
    قەلبىڭدە دولقۇنلاپ ئۆزۈملا ئۈزەي.
     
    غۇنچىلاپ كۆرگىنىڭ تۇنجى مەن بولسۇن،
    شۇئانلا يۈرىكىڭ ئوتلۇق غەم بولسۇن.
    بىھۇش بوپ يامرىسام بەرگىلىرىڭگە،
    لېۋىڭدە سەزگىنىڭ شېرىن تەم بولسۇن.
     
    باغلاردا ئېچىلىپ گۈللەيلى بىللە،
    چۆللەردە يۇلغۇندەك ئۈنەيلى بىللە.
    مەن قۇياش، سەن ئايدەك مېھرىمىز بىلەن،
    ئالەمگە نۇر تۆكۈپ كۈلەيلى بىللە . . .
     
     
             ساھىپجامال
     
    باقىسەن نىگاھىڭ چۇڭقۇرىدا ياش،
    روھىڭدىن شىۋېرغان تۆكۈلەر تال - تال.
    شاماللار بىر دەرتنى قىلىدۇ ئاشكار،
    چېھرىڭدە سوغۇقنۇر، ئەي ساھىپجامال.
     
    ئارمانغا يېپىشقان كۈلرەڭ كەچمىشكە،
    سوزۇلغان لەۋلىرىڭ شۇ قەدەر مۇزلۇق.
    تۇيغۇلار بەرگىدىن توزىغان قىراۋ،
    قۇچاقلاپ ئالماقتا يۈرەكنى تولۇق....
     
    ئۇزىغان يىراققا خىيالىي پەرۋاز،
    مەنزىلدە ھەسرەتلىك پىنھانە چاڭقاش.
    يۈرەكتە غېرىبان تىترەيدۇ گۇگۇم،
    گۈل چىراي بىر تاڭغا قوزغاپ ئېچىرقاش...
     
     
     
     
     
     
            سەن بىر جەننەت
     
    (بۇ شېئىرىمنى بارلىق مېھنەتكەش ئاياللارغا بېغىشلايمەن)
     
    ئىھ پەرىشتەم، سەن بولغاچقا دىللاردا باھار،
    نۇر تۆكۈلەر يۈكسەكلىكتىن ئالەمگە يەنە.
    سەن بولغاچقا ھايات گۈزەل، گۈللەر جىلۋىدار،
    تىلدا داستان، ھەم تۈگۈمەس قۇتلۇق تەنتەنە.
     
    سەن بىلەن تەڭ كەڭ زېمىندا ھاياتلىق داۋام،
    سەن ئۈچۈنلا بېزەلگەندۇر يەر بىلەن ئاسمان.
    ھەر ئىزىڭدا بىر جەننەت بار، گۈل - گۈلۈستان بار،
    زىمىستاندۇر، گۆرۈستاندۇر مېھرىڭسىز جاھان.
     
    سەن بىر جەننەت، تەلپۈنۈشلەر قىبلىگاھىسەن،
    شۇنچە ئوماق نازلىرىڭ بار، خۇلقىڭ ئەتىۋار.
    جان تەسەددۇق بارلىقىڭغا، شادلىقىڭغا ھەم،
    سەن بولمىساڭ يۈرەكلەردە مۇزلايدۇ باھار . . .
     
     
     
             سۆيگۈ قۇلى
     
    غۇنچە ياش تۇرۇپ دەرتلەر تارتىمەن،
    ئاتەش يۈرەكنى كۈيگە قاتىمەن.
    ھېچكىممۇ بىلمەس غىرىپ ھالىمنى،
    سۆيگۈ، فىراققا سېخى «ساقى»مەن.
     
    شادلىق، بىغەملىك كەتتىكىن قايان،
    قەلبىمنى باستى ئازابلىق قىيان.
    سۆيۈش شەپقەتلىك، گاھى زۇلمەتلىك،
    دىل يارام دەرتلىك يىغلار ھەر زامان.
     
    تەلپۈنۈش ئارا كۆزلىرىم غىرىپ،
    ۋىسال ئىشقىدا ئىزتىراپ چېكىپ.
    ئىنتىزار سېماھ قايدىن كېلەر، دەپ،
    يۈرۈيمەن قاخشال ۋاقىتنى كېزىپ.
     
     
    چاڭقاق يۈرىكىم گۈل ۋەسلى ئۈچۈن،
    ماڭسام تۈگىمەس تەشنالىق يولى.
    يا كېچەلمەيمەن، يا يېتەلمەيمەن،
    بولۇپ قالغاچقا سۆيگۈنىڭ قۇلى . . .
     
     
             كېچە
     
    كېچە،
    ئاسماندا تولۇنئاي ئۈزەر.
    يۇلتۇزلار زۇلمەتتىن كېچەر، قەلبىمدە خىياللار ئۈنەر.
    غەمكىن تېڭىرقاشلار، پېنھان ھېدىرقاش
    ئۆچكەن قۇياشتەك ئۇيقۇغا كېتەر .....
     
    ئورمانلار جىمجىت، يوللاردا چاڭقاش،
    يوللار يوللار ئۈچۈن بولماقتا يولباش.
    ئۈمىدلەر دولقۇنى ئاسمانغا يېتەر،
    تاغلار تاغلار ئۈچۈن ياندۇرار ئوتقاش. . .
     
    كېچە،
    تولۇنئاي ئاسماننى كېزەر . . .
    چۈشلەرنىڭ كۆزىدىن ئويغىنار باھار.
    تاڭلا سەھەر مەھەللىدە تويلار قاينايدۇ،
    كېچە،
    ئاسماندا ئارمانلار ئۈزەر . . .
     
     
              بەخت
     
    بەخىت مىسالى بىر تۈپ ئەتىر گۈل،
    بىر قۇچاق گۈل بولۇر بىلسەڭ قەدرىنى.
    چۆپ بولۇر ۋە ياكى بىر باغلام يانتاق،
    قەدرىگە يەتمەستىن چەيلىسەڭ ئۇنى...
     
     
     
               قورقىمەن
     
    قورقىمەن،
    ئېتەك بىلەن قۇياش يېپىشتىن.
    قورقىمەن،
    نەپسىم ئۈچۈن ئادەم «يېيىش»تىن.
    قورۇقماسمەن!
    جەھەننەمنىڭ ئوتىدىن، ئەمما ــــ
    قورقىمەن،
    ئادەمسىمان بولۇپ ياشاشتىن ...
     
              پارچىلار
     
    ياشلىقتۇر ھاياتنىڭ ئالتۇندەك چېغى،
    ئۇ گويا يالقۇنلۇق ھايات مەشئىلى.
    بىلگىنكى ئۇ ساڭا ئالدىراش مېھمان،
    ياخشى كۈت، قالمىسۇن كېيىن ھەسرىتى.
     
    ماختاشقا، ئالقىشقا بېرىلىپ كەتمە،
    مەغرۇرلۇق ئىلكىدە كېرىلىپ كەتمە.
    مەن - مەنلىك ھەر دەقىق ئادەم يۇتار ھاڭ،
    كەمتەر بول، شۇ ھاڭغا سېيرىلىپ كەتمە.
     
    ئاتەشتۇر، چوغداندۇر ۋىجدانلىق يۈرەك،
    ئىنسانغا ئۇنىڭسىز ياشاش نە كېرەك؟! ...
    ۋىجدانسىز، غۇرۇرسىز ئادەم يۈرىكى،
    بىلگىنكى: قەدىرسىز، گويا توڭ تېزەك.
     
     
     
     
    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
     
    ئاپتورى:
    ئىلھام مۇھەممەت (يەكەن ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئىشخانىسىدىن)
    2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
     
    Tel: 13657506507; 09988512309 ()
     



    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئىلھام مۇھەممەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:02 06-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 21:03 29-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار