تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش، ژۇرنالنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئەسەر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەڭ ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش، ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىش، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش، ئىجادىيەتتە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىشىغا ئۈنۈملۈك سەھنە ھازىرلاش، تۈرلۈك ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرىدىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش، شۇئارقىلىق سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۈنسېرى گۈللىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئويناش مەقسىتىدە، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلىشىدا تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگان تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. تور بېكىتىمىز 2011-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە ئېچىلدى.
