«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2013-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھرىدە< 3-نۆۋەتلىك «تارىم» سەپىرى-جەنۇبىي دېڭىزدا «تارىم» تىۋىشى> پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە «تارىم» ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر، يازغۇچىلار بولۇپ 23ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۆلىنىشى، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، شائىر، يازغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەربىيەلىشى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا لىكسىيە سۆزلىدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر، يازغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، ئىجادىيەت قارىشى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەركىن پىكىرلەشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە جارىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلار ئۈستىدە ئۆز قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقانلار: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئازات سۇلتان؛ «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى پاتىگۈل ئەخمەت؛ «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن خاسىيەت ئەمەت، مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، ھەزرەتئەلى ئەخەت؛ خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان؛ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى مەتسېلىم مەتقاسىم؛ گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن شائىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي؛ قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىدىن شائىر ئەنۋەر ھىدايەت؛ كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن شائىر مەتسەيدى مەتقاسىم؛ «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىدىن شائىر ئابدۇرېشىت ئېلى؛ شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكىدىن يازغۇچى دىلمۇرات تۆمۈر؛ شىنجاڭ جەۋلان ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن شائىر ئابدۇرېھىم غازى؛ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن شائىر ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت؛ پەيزاۋات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتىن شائىر قاسىمجان ئوسمان غازى؛ يوپۇرغا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى؛ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسمان؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن يازغۇچى تۇرغۇن مىجىت؛ خېجىڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي؛ «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن شائىر ئەكبەر نىياز پەتتارى؛ ئاۋات ناھىيەسىدىن شائىر تۇراخۇن ئەھمەد دولانى قاتارلىقلار.
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() سۆرەتتىكىلەر:
ئارقا رەت ئوڭدىن سولغا: ئەكبەر نىياز پەتتارى، ئەنۋەر ھىدايەت، دىلمۇرات تۆمۈر، ئابلىز ئوسمان، تۇراخۇن ئەھمەد دولانى، ياسىن زىلال، ئابدۇللا سۇلايمان،
مەتسېلىم مەتقاسىم، ئابدۇرېھىم غازى، ئابدۇناسىر يۇنۇش ياۋايى، مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، مەتسەيدى مەتقاسىم.
ئالدى رەت ئوڭدىن سولغا: ھەزرەتئەلى ئەخەت، مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، ئابدۇرېشىت ئېلى، خاسىيەت ئەمەت، ئاتىكەن سىدىق ئايقۇت،
پاتىگۈل ئەخمەت، نۇرگۈل ئەبەي، پەرىدە مالىك، قاسىمجان ئوسمان غازى، تۇرغۇن مىجىت.
(پائالىيەت خەۋىرى ۋە سۆرەتلىرىنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ۋە ئەسلى ئادرېسقا ئۇلىنىش قىلغان ئاساستا باشقا بېكەت، مۇنبەر ۋە بلوگلارغا كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.)
|