4-نۆۋەتلىك <<ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتى>>نى تارقىتىش يىغىنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرمچى شەھىرى <<كان ئىشلىرى>> مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم ۋە مۇكاپات تەسىس قىلغۇچى ، يازغۇچى، ئادۋۇكات ئەركىن روزى قاتناشتى.يىغىنغا رەئىس ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاخىردا رەئىس ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئاخپارات ئىجادىيىتى ۋە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ۋە كەڭ ئىجادىيەتچىلەردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن <<مىليونىرلار كەنتى ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت>>_ ئاپتورى:مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز، <<تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدا. <<كارىزنىڭ يىلتىزى>>_ ئاپتورى:ھەبىبۇللا رەجەپ، <<تەڭرىتاغ>>ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدا، ئىككى پارچە ئەسەر 7000 يۇەندىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. |