ئورنىڭىز: باش بەت> بېكەت ھەققىدە

بېكەت ھەققىدە

  

تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش، ژۇرنالنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئەسەر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەڭ ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش، ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىش، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش، ئىجادىيەتتە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىشىغا ئۈنۈملۈك سەھنە ھازىرلاش، تۈرلۈك ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرىدىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش، شۇئارقىلىق سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۈنسېرى گۈللىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئويناش مەقسىتىدە، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلىشىدا تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگان تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. تور بېكىتىمىز 2011-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە ئېچىلدى. كەڭ تور كەزگۈچىلەرنىڭ تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشىنى ھەم تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۇقتۇرىمىز:

1. تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر(ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرلىرى، يازغۇچى، شائىرلار تەرجىمھالى بۇنىڭ سىرتىدا) پۈتۈنلەي ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەشرىياتىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ ئەسەرلەرنى خالىغانچە باشقا تور بېكەت ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
2. كەڭ ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ئېلېىكترونلۇق نۇسخىسىنى تەمىنلىسە (ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى بويىچە) تور بېكىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
3. تور بېكىتىمىز ۋاقتىنچە ئەزا قوبۇل قىلمايدۇ. ئەسەر توغرىسىدىكى پىكىر-باھالىرىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىز بولىدۇ. ئىنكاسلار بېكەت مۇھەررىرىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن ئاندىن كۆرۈنىدۇ.
4. تور بېكىتىمىزدە سوئال سورىغاندا، ئەسەرلەرگە باھا يازغاندا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور باشقۇرۇش نىزاملىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىشىڭىز كېرەك.
5. ژۇرنىلىمىزغا ئالاقىدار ئىشلاردا پىكىر-تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز، مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ «سوئال-جاۋاب» كۆزنىكىگە كىرىپ تەلەپ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
6. ژۇرنىلىمىزغا تور ئارقىلىق ئەسەر ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز تور بېكىتىمىزنىڭ «ئەسەر ئەۋەتىش» كۆزنىكىگە كىرىپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
7. تور بېكىتىمىز بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتماقچى بولغان بېكەتلەر چوقۇم تور بېكەت قۇرۇش قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى، كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.
8. بېكىتىمىزنى تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرلىرى بىلەن خالىس تەمىنلەشنى خالايدىغانلار بېكەت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
 
 
 
تور بېكەت مەسئۇلى: ھەزرەتئەلى ئەخەت(4597601-0991) 
 
ئېلخەت ئادرېسىمىز: hezreteli@qq.com 
   
تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى