تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش، ژۇرنالنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئەسەر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەڭ ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش، ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىش، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش، ئىجادىيەتتە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىشىغا ئۈنۈملۈك سەھنە ھازىرلاش، تۈرلۈك ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرىدىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش، شۇئارقىلىق سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۈنسېرى گۈللىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئويناش مەقسىتىدە، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلىشىدا تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگان تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. تور بېكىتىمىز 2011-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە ئېچىلدى. كەڭ تور كەزگۈچىلەرنىڭ تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشىنى ھەم تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۇقتۇرىمىز:
1. تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر(ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرلىرى، يازغۇچى، شائىرلار تەرجىمھالى بۇنىڭ سىرتىدا) پۈتۈنلەي ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەشرىياتىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ ئەسەرلەرنى خالىغانچە باشقا تور بېكەت ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
2. كەڭ ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ئېلېىكترونلۇق نۇسخىسىنى تەمىنلىسە (ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى بويىچە) تور بېكىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
5. ژۇرنىلىمىزغا ئالاقىدار ئىشلاردا پىكىر-تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز، مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ «سوئال-جاۋاب» كۆزنىكىگە كىرىپ تەلەپ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
7. تور بېكىتىمىز بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتماقچى بولغان بېكەتلەر چوقۇم تور بېكەت قۇرۇش قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى، كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.
تور بېكەت مەسئۇلى: ھەزرەتئەلى ئەخەت(4597601-0991)
qq:313796151
تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى
(ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتماقچى بولغان بېكەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكى ئېلان شەكىللىرىدىن خالىغان بىرىنى بېكىتىگە قويغاندىن كېيىن، بېكەت مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ)
--------------------------------------
تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى
2011-يىل 6-ئاي