«يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن

يوللانغان ۋاقتى:24-09-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاتۇشتا ئېچىلدى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى

 

«يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » ۋە «ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئاتۇشتا ئېچىلدى

   
 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم  رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 19-سىنتەبىر مەرىپەت يۇرتى ئاتۇش شەھرىدە «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » چاقىردى .
«تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى ، باش مۇھەرىرى شائىر ياسىن زىلال يېغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . يىغىنغا قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ، بىر قىسىم ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائىر ، ئوبزورچىلار ، «تارىم» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ، «شىنجاڭ سەنئىتى» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، «كىرورەن» ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ، «يېڭى قاشتىشى» قاتارلىق بىر قىسىم ژورناللارنىڭ مەسئۇللىرى ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىن كەلگەن خادىملار ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ، شىنجاڭ گېزىتى ، قىزىلسۇ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ، قىزىلسۇ گېزىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ھەرقايسى ناھىيە ، شەھەرلەردىن كەلگەن شائىر ، يازغۇچىلار بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
چۈشتىن بۇرۇن  ، «ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى .
چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى 2:30 دا  «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » باشلاندى .  مۇھاكىمە يىغىنىدا خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ھوشۇر ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دوسسېنتى مەتتۇرسۇن ئېلى ، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى ، ئوبزورچى يالقۇن روزى ، تونۇلغان ئەدىپ ، شائىر نەسىرۇللا ئابلەت ، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى ، پىرافىسسور  ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى .
بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۈچۈن،ئۆزىنى قايتا بىر دەڭسەپ كۆرۈش پۇرسىتى بولۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا،بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا بېسىلغان بىر ئۇتۇقلۇق قەدەم بولغۇسى!
 
يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
 

 
 
(ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
(سۆرەتلەرنى باشقا بېكەت، مۇنبەر ۋە بلوگلارغا رۇخسىتىمىزسىز كۆچۈرمەڭ!)

 




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، ئىجادىيەت، يىغىن


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار