• خەلقئارا يەرلىك مىللەت شائىرلىرى يىغىنى

    يوللانغان ۋاقتى:18-08-2012   مەنبە: تارىم ژۇرنىلى تور   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
    خەلقئارا يەرلىك مىللەت شائىرلىرى چىدىر ئۆي يۇمىلاق شىرە يىغىنى چىڭخەيدە چاقىرىلدى مۇقەددەس ئېگىزلىكتە ئىنسان روھىنىڭ شېئرىي مەنىس

     

     

    خەلقئارا  يەرلىك مىللەت شائىرلىرى چىدىر ئۆي يۇمىلاق شىرە يىغىنى چىڭخەيدە چاقىرىلدى

    مۇقەددەس ئېگىزلىكتە ئىنسان روھىنىڭ شېئرىي مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىلدى

     


     

     

     

    8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەلقئارا يەرلىك مىللەتلەر چىدىر ئۆي يۇمىلاق شىرە يىغىنى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي تىبەت ئاپتونۇم ئوبلاستىدا چاقىرىلدى.جوڭگو كومپارتىيىسى چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى جى دىما يىغىنغا قاتنىشىپ تەبىرىك سۆزى سۆزلىدى.چىڭخەي ئۆلكىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى،رەئىسى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلاردىن كەلگەن ۋەيەنە لاتۋىيە،پىرۇ، كولۇمبىيە،ئامېرىكا، ھىندىستان،ۋېيتنام، فىرانسىيە،ئىران قاتارلىق 40قا يېقىن دۆلەتلەردىن كەلگەن شائىر،شېرىيەت ئوبزۇرچىلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.بۇ قېتىملىق يىغىن جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتى،چىڭخەي كۆلى خەلقئارا شېئىرىيەت تەشكىلى كومىتىتى،چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى،چىڭخەي ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاساسلىق ئۇيۇشتۇردى.دۇنيا ئەدەبىيات ژۇرنىلى تەھىرىرياتى،شېئرىيەت ئىزدىنىش ژۇرنىلى تەھرىرىياتى،چىڭخەي ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەميىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

    جى دىما تەبىرىك سۆزىدە مۇنداق دىدى:مىللىي شائىرلار ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى مۇكەممەل ھالدا بۈگۈنكى كۆپ مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى دۇنياغا تارقاتقۇچىلاردۇر.ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت ئورتاق مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،بىزنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق روھى بايلىقى ئاساسىدىكى مەدەنىيتىنى تىكلەپ بەردى.




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار