«تارىم»دىن شىشۇاڭبەنناغىچە(1)

يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2012-يىل 2-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 5 پارچە
«تارىم»دىن شىشۇاڭبەنناغىچە(1)

 


 
ئاپتورى: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران
 
«تارىم»دىن تارىغان خۇش خەۋەر
 
2011- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى كورلىدىن 700كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەدىمىي يۇرت چەرچەن ناھىيەسىدە «كىروران» ژۇرنىلى ياش قەلەمكەشلىرىنىڭ چەرچەندىكى ئۇچرىشىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتۇق. يانفونۇم سايراپ كەتتى. قارىسام، ھەزرەتئەلى ئەخەتنىڭ ئىشخانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى كۆرۈندى. ھەرقاچان بىرەر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە يۈرىكىم ئويناپراق. چۈنكى، ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلسىلا قۇلىقىمغا بىر خۇش خەۋەر ئاڭلىناتتى. 2011- يىلى 4 - ئايدا ئېچىلغان «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنىدىكى «مۇنەۋۋەر» ئەدىب مۇكاپاتىنى تارقىتىشنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق تېلېفون كەلگەنىدى. 2008- يىلى بايدا ئېچىلغان 17- نۆۋەتلىك "خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى" يىغىنىدىن كېيىن، ئەدەبىي يىغىلىش تۈسىدىكى بۇنداق پائالىيەتلەر ئۆكسۈپ قېلىپ، قانداقتۇر بىر نېمەم كەملەپ قالغاندەك كۆڭلۈم سەل يېرىم ئىدى. باشقا يازارمەنلەرگە ئوخشاشلا ئەدىبلەر ئۇچرىشىشىدىن يېڭى ئېنېرگىيەگە ئېرىشىپ ئۆگىنىپ قالغان كاللام قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك يۈرەتتىم. دەرۋەقە، بۇ قېتىممۇ ئويلىغىنىمدەك بولۇپ چىقتى: 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى «تارىم» نىڭ مۇھەررىرلىرى ۋە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئاپتورلىرى جەنۇبىي جۇڭگودا تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ بار ئىدىم. شۇئان «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر ياسىن زىلالنىڭ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاياغلاشقان 18- نۆۋەتلىك »خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى« يىغىنىدىن كېيىن، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى نامىدىن ئۆتكۈزگەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاپتور - مۇھەررىرلەرنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە دېگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى:
−− كېلەر ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر ئىش بار جۇمۇ، −− دېگەنىدى ئۇ قوشۇما قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ، −− جەنۇبىي جۇڭگوغا بېرىپ قېلىشىمىز مۇمكىن...
ئادەم مەيلى قانداق ۋاقىت ياكى قانداق جايدا بىرەر خۇش خەۋەر ئاڭلىسا، ئەتىيازنىڭ جۇدۇنلۇق ۋاقتىدا توڭۇپ - تاتىرىپ تۇرغان چىرايىغا بىر خۇشاللىقنىڭ خۇددى باھار ئاپتىپىدەك يامرىشى تەبىئىي ئەھۋال. بولۇپمۇ ھەممە نېمىنى −− خۇشاللىقنىمۇ، شان - شەرەپنىمۇ، ئىناۋەتنىمۇ، كۆڭۈل ئازادىلىكىنىمۇ، غۇرۇرنىمۇ، ئۆمۈرنىڭ مەنىسىنىمۇ ئەدەبىياتتىن ئىزدەيدىغان، پۈتۈن زېھنى ۋە ۋاقتىنى مۇشۇ يولغا ئاتىغان بىزدەك قەلەمكەشلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئادەتتە ئاپتورلار ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدىغان، نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە مىڭ تەسلىكتە روياپقا چىقىدىغان تۈرلۈك ئەدەبىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، كونا - يېڭى ئۇستازلار بىلەن دىدارلىشىش، پىكىرداشلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى كەڭ - كۇشادە ئورتاقلىشىش، نۆۋىتى كەلسە ئانچە - مۇنچە مۇكاپاتقىمۇ نائىل بولۇپ تۇرۇش −− «يازىدۇ» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن كىشىلەر ئۈچۈن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان، داۋاملىق ياخشى يېزىشقا ئۈندەيدىغان ئىلھامبەخش ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى... ئۇنىڭ كۆزئەينىكىنىڭ ئىچىدىكى تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، نۆۋىتىدە مەنمۇ شۇنداق تۇيغۇدا بولماي قالمىدىم، ئەلۋەتتە. چۈنكى، ئۇ دەۋاتقان ئاشۇ يەرلەرگە بېرىش، يەنە كېلىپ ئورتاق دۇنيا قاراشقا ئىگە يازارمەنلەر، جاپاكەش كەسىپداشلار بىلەن بىللە سەپەر قىلىش شۇ كەمگىچە نېسىپ بولماي كېلىۋاتقان بىر ئىش ئىدى.
−− ئەجەب ياخشى خەۋەركەن بۇ، −− دېدىم مەنمۇ. كۆڭلۈمدە شۇ كەملەردە باشقا ئىش چىقمىسىكەن، ئىلاھىم... دېگەنلەرنى ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۈم. چۈنكى، بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەمنى يىل ئاخىرىدا قىلمىسا بولمايدىغان تۈرلۈك پارچە - پۇرات يىغىندى ئىشلار ھامان كۈتۈپ تۇرغان بولاتتى.
كۆڭلۈم ئاشۇنداق دەككە - دۈككىدە يۈرۈۋاتقان كۈنلەردە، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇقتۇرۇش يېتىپ كەلدى. دېمەك، بۇ قېتىمقى 13كۈنلۈك پائالىيەت قارارلىشىپ، كۈنتەرتىپلىرى رەسمىي ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كىرىۋاتاتتى. خىيالىمدا ئىسسىق بەلباغ ھېسابلىنىدىغان يۈننەننىڭ تېلېۋىزوردا كۆرگەن قىش بولماس گۈزەل مەنزىرىسى، ئاتا مىراس كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مىللىي تۇرمۇشىنى ئۆزىگە يارىشا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يەرلىك مىللەت كىشىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ئوي - خىيالىم سەپەردىن بۇرۇن پەرۋاز قىلىپ، يۈرىكىم تاتلىق بىر ھاياجاندىن ئۆرىدىدى.
 
*                  *
بىلەلمەي كەتتى نى ئىنسان نېمە ماتا، نېمە سەرگەز،
ئېچىلغاي كۆزلىرىڭ كۆرسەڭ ۋە گاھى ھاڭ ۋە گاھ گۈمبەز.
ھاياتنى نەچچە رەت ئۆلچەپ، بوۋايلار توغرا ئېيتقاندۇر:
«چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، كۈچۈڭنىڭ بارىدا يۇرت كەز.»
 
 
كىچىككىنە كاشىلا
 
11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دا «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە جەم بولۇش ئۇقتۇرۇلغانىدى. دېگەن قەرەلدە ھەممەيلەن تەخ بولۇشتى. «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر ياسىن زىلال بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، مۇشۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالغان شىركەت مەسئۇلى ھەر قايسى مەنزىللەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 10:30دا خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشىدىغان بولۇپ قايتتۇق.



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، سەپەر


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار