ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەت ئەيساجامىنى ئەسلەيمەن

يوللانغان ۋاقتى:16-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد ئەيسا جامى بەختكە قارشى كېسەل س

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد ئەيسا جامى بەختكە قارشى كېسەل سەۋەبتىن، 50 يېشىدا، 2008 –يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3.30 دا ئارىمىزدىن ۋاقىتىسىز كېتىپ قالدى!

مۇھەممەد ئەيسا جامى 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئونسۇ ناھيىسنىڭ جام يېزسى تۆۋەنكى تۈمەن كەنتىدە تۇغۇلغان.1964-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە جام يېزسىىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1977-يىلى 3-ئايدىن 1978-يىلى 2-ئايغىچە جام يېزسى1- ئوتتۇرا مەكتىپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1978-يىلى 2-ئايدىن 1983-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1983-يىلى2-ئايدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان،

ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى»، «جۇڭگو بۇگۈنكى زامان ئەدەبىتات تارىخى»، «سېلشتۇرما ئەدەبىيات»، «كىنو- تېلۋىزىيە ئەدەبىياتى»، «ئويغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر پروزىچىلىق تارىخى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپ، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلىرغا «ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى »، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر يازغۇچىلىرى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەرنىڭ تىياتىرى ھەققىدە تەتقىقاتى »، «غەربىي يۇرت تىياتىر تارىخى »قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ۋە ئاقچى ناھىيىلىرىدە ئاسپىرانتلار دەرسىنى تۇلۇقلاش سىنىپى ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن كونسۇلتاتسىيە سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز مىللتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نەلگىلىك تۆھپە قوشقان.

مۇھەممەت ئەيسا جامى ئۆزنىڭ 20نەچچە يىللىق ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش ھاياتىدا، ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى ئىزچىل بىرلەشتۇرۈپ ماڭدى، ئۇ ئۆزى ئۆتكەن دەرسلەر ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەلگلىك نەتىجلەرگە ئېرشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلقى، ئۇيغۇر درامچىلقى تەتقىقاتىغا ئائىت 80 پارچىدىن ئارتۇق ئوبروز ۋەئىلمي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىز ھەم مەملىكەت دائىرسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمي ۋە ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «قاھار خىلىلنىڭ پروزا ئىجادىيتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر قەدىمكى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ درامىلىق خۇسۇسىيتى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى يادرولۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «ئىجادىيەت ۋەئىزدىنىش» (باشقىلار بىلەن بىللە) ناملىق كىتابى1992-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن، «كىنو ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى، 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرپىدىن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ «‹جۇئېنلەي›فىلمىنىڭ رېئال ئەھمىيتى» ناملىق ماقالىسى 1992-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 3-دەرىجلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان دراما تەتقىقاتى» ناملىق تەرىپىدىن 3-دەرىجلىك مۇكاپاتقا، «يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىنىڭ پروزا ئىجادىيتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى2002-يىلى شياڭگاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن «خەلقئارا مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتى»غا، ئاپتۇر ئۆزى 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كىنو ئوبزورچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇھەممەت ئەيسا جامى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن دەرسلىك قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ساھەدىمۇ بەلگىلىك نەتىجلەرگە ئېرىشتى، ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپلەر، ئۆزلىكىدىن ئۆگنىپ ئىنتھان بەرگۈچىلەر ۋە ھەر قايسى كەسىپىي ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن بىر تۇتاش دەرسىلىك بولغان «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى»(باشقىلار بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىلى نەشرى)، «جۇڭگۇ ئەدەبىياتى تارىخى-بۈگۈنكى زامان قىسمى»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى» (پايدىلىنىش ماتېرىيالى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشرى)، «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى» «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى)، «ئىستېتكا ۋە ئىستېتىك تەربىيە» (شىنجاڭ رادىيو-تېلۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2003-يىلى) قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلشقا قاتناشتى.

1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بېكىتلگەن «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان دراما تارىخى توغرىسدا تەتقىقات»نى مۇستەقىل ئىشلەپ پۈتتۈردى. ھەمدە 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى «يېڭى تارىخى باشقۇچتىكى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات»نى 1996-يىلىدىن 1998-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تەستىقللىغان دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم ئەسەرلەر تەتقىقاتى»نى ئىشلەشكە قاتناشتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن 2001-يىلى «جۇڭگودىكى مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسى» غا كىرگۈزۈلدى.

مۇھەممەت ئەيسا جامى جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو لۇشۇن تەتقىقات جەمئيتىى شىنجاڭ شۆبىسنىڭ ۋە شىنجاڭ ھارىزقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

مۇھەممەد ئەيسا جامى ئائىلىسىگە مەسئۇليەتچان، باللىرىغا كۈيۈمچان ئىدى. ئۇ ئۆزنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلىپ، مۇستەھكەم، ئىناق ۋە بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققان، ئىككى پەرزەنتىكە ئاتىلارچە كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلەپ، ئىقتىدارلىق ستۇدېنتلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى،




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار