مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى: ئۆمەرجان سىدىق يۇرتىمىزنىڭ زىمىستان قىشىدا سەپەرگە ئاتلاندۇق. قىش كائىناتنىڭ تەبىئىي قان

 

ئاپتورى: ئۆمەرجان سىدىق

 

يۇرتىمىزنىڭ زىمىستان قىشىدا سەپەرگە ئاتلاندۇق. قىش كائىناتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتﯽ بولۇپ، بۇ سوغۇقلۇق ئىچىدە بىر خىل ھارارەت، مۇھەببەت، ساداقەت ھەم كامالەت بار ئىدﯼ. گۈلىستان يۇرتلارغا باردۇق، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياپيېشىل ياشىرىپ تۇرىدىغان بۇ يۇرتلاردا ئۆزگىچە سېھرىي كارامەتلەر، گۈزەل ئالامەتلەر بار ئىكەن. بۇلاردىن ھۇزۇرلاندۇق، شادلاندۇق، ھاياجانلاندۇق. لېكىن يەنە قايتتۇق، چۈنكﯽ “تۇپراقتىن تۇغۇلدۇق، تۇپراققا قايتىمىز”، مېھىرلىك ئانا يۇرتنىڭ ئوتﯽ ھەممىدىن يامان ئىكەن.

 

مۇقەددىمە

 


2012 - يىلﯽ ئۇيغۇر ئەدەبىياتﯽ ئۈچۈن ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان بىر يىل بولدﯼ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ، يازغۇچىلار جەمئىيىتﯽ ۋە ھەرقايسﯽ ئەدەبىي ژۇرناللار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنﯽ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردە تەربىيەلەش، ئېكسكۇرسىيەگە ئۇيۇشتۇرۇش، مۇھاكىمە، سۆھبەت يىغىنلىرىنﯽ تەشكىللەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنﯽ ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىنﯽ شەكىللەندۈردﯼ. بۇلارنىڭ ئىچىدە “تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتﯽ ئانا ژۇرنال، نوپۇزلۇق ژۇرنال بولۇش سۈپىتﯽ بىلەن ئاۋانگارتلىق، باشلامچىلىق رول ئوينىدﯼ.
“تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتﯽ 2012 - يىلﯽ 3 - ئايدا يىللىق ئاپتورلار يىغىنىنﯽ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ، 15 مۇنەۋۋەر ئەدىبنﯽ مۇكاپاتلىدﯼ. 9 - ئايدا ئاتۇش شەھىرىدە ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنﯽ ۋە بۈگۈنكﯽ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكﯽ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنﯽ ئاچتﯽ. 11 - ئايدا خوتەن شەھىرىدە 1000 غا يېقىن كىشﯽ قاتناشقان شائىر ئابدۇللا سۇلايمان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنﯽ ۋە بۈگۈنكﯽ دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتﯽ مۇھاكىمە يىغىنﯽ ئاچتﯽ. 2011 - يىلﯽ 11 - ئايدا تۇنجﯽ قېتىملىق “تارىم سەپىرﯼ”نﯽ تەشكىللەپ، “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان غوللۇق ئەدىبلەرنﯽ جەنۇبىي جۇڭگودىكﯽ مەنزىرىسﯽ گۈزەل جايلارغا ئېكسكۇرسىيە، ساياھەتكە ئېلىپ بارغان بولسا، مانا ئەمدﯼ 2012 - يىلﯽ 12 - ئايدا 2 - قېتىملىق “تارىم سەپىرﯼ”نﯽ تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسﯽ جايلىرىدىن يىغىلغان 12 ئەدىب ۋە “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ خادىملىرﯼ بولۇپ، 20 كىشىنﯽ جەنۇبىي جۇڭگودىكﯽ ھاۋاسﯽ مۆتىدىل، مەنزىرىسﯽ گۈزەل خەيكۇ، سەنيا، شىڭلۇڭ، بېيخەي، گۇيلىن، ياڭشۇ، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەر، مەنزىرە رايونلىرىغا ئېكسكۇرسىيە، ساياھەتكە ئېلىپ باردﯼ.

ئۈرۈمچىدە جەم بولۇش

 

بۇ قېتىمقﯽ سەپەرگە قاتنىشىدىغانلار “تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىنىڭ باشلىقﯽ، شائىر، ئالىي مۇھەررىر ياسىن زىلال )ئۆمەك باشلىقﯽ(،” تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقﯽ، ئالىي مۇھەررىر پاتىگۈل ئەخمەت )مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقﯽ(،” تارىم” ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىنخاسىيەت ئەمەت، غېنﯽ مۇھەممەد، مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك، مۇختار تۇردﯼ، ھەزرەتئەلﯽ ئەخەت “چەت ئەل ساياھەت كوپىراتىپﯽ”نىڭ ساياھەت يېتەكچىسﯽ ئايشەمگۈل، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئۆمەرجان سىدىق، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابلەت ئەسمەت، “يېڭﯽ قاشتېشﯽ” ژۇرنىلىدىن تۇرسۇنجان مۇھەممەد، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنﯽ قوغداش، باشقۇرۇش ئورنىدىن زۇلپىيە كۆلتېگىن، قەشقەر “يېڭﯽ يۇلتۇز” يەرلىك سودا چەكلىك شىركىتىدىن ئەسقەر ھاجﯽ ئابدۇللا، “قەشقەر” ژۇرنىلىدىن ئەنۋەر ئىبراھىم، كۇچا ناھىيەلىك سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن ئابلىكىم ئەبەيدۇللا، ئىلﯽ ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرﯼ ئىشخانىسىدىن دولقۇن روزﯼ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇتىللا ئەبەد قىرانﯽ، گۇما ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، كېرىيە ناھىيە قارىقﯽ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا، شىنجاڭ غەربىي دىيار يېنىك سانائەت ئېكسپورت بازىسىدىن ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇمﯽ قاتارلىقلار ئىدۇق.
18 - دېكابىر سائەت 10دا ھەممەيلەن “تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىنىڭ ئىشخانىسىغا يىغىلدۇق.
ياسىن زىلال سەپەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنﯽ ئۇقتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدﯼ: بەلكىم ئارىمىزدا بۇ قېتىم بارىدىغان جايلارغا ئىلگىرﯼ بېرىپ باققانلار بولۇشﯽ مۇمكىن، بۇ يەردىكﯽ ئاچقۇچ كىم بىلەن بېرىش، قانداق بېرىش مەسىلىسىدە. بىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ تەشكىللىشىدە رايونىمىزنىڭ ھەرقايسﯽ جايلىرىدىن يىغىلغان، ئەدەبىياتنﯽ سۆيىدىغان ئەدىبلەر بىلەن بىللە بېرىشنىڭ ئەھمىيىتﯽ ئۆزگىچە، زىلزىلىسﯽ ئالاھىدە بولىدۇ. ساياھەتتىن باشقا سەپەر جەريانىدا ئۆزئارا پىكىرلىشىپ، سىردىشىپ، قەلب رىشتىمىز يەنىمۇ چىڭ باغلىنىدۇ، دوستلۇقىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنﯽ ئالماشتۇرىمىز، بىر - بىرىمىزنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئالىمىز. نەتىجىدە، ئىجادىيىتىمىزدە يېڭﯽ ئىلھام بۇلاقلىرﯼ ئۇرغۇپ تاشىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسﯽ ئازات سۇلتان مۇئەللىم خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، چۈشتە بىز بىلەن تاماقتا بىللە بولۇپ مۇنداق دېدﯼ: “تارىم” ژۇرنىلﯽ بۇ قېتىمقﯽ سەپەرنﯽ ناھايىتﯽ ياخشﯽ تەشكىللەپتۇ. لېكىن سەپىرىڭلار نوقۇل ساياھەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسۇن، بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنﯽ قەدىرلەپ، بارغان جايلار ھەققىدە مەلۇم تەسىراتقا ئىگە بولۇپ كېلىڭلار، يېڭﯽ ئىلھاملارغا تولۇپ كېلىڭلار. بوش ۋاقىتلاردا يىغىلىپ، ئەدەبىيات - ئىجادىيەت مەسىلىلىرﯼ ھەققىدە پىكىرلىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ،




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار