مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(8)
يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-3سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئايروپورتتىكﯽ كۈتۈش 28 - دېكابىر كۈنﯽ گۇيلىن شەھەر ئىچىدىكﯽ ياغاچ ئەجدىھا كۆل
ئايروپورتتىكﯽ كۈتۈش
28 - دېكابىر كۈنﯽ گۇيلىن شەھەر ئىچىدىكﯽ “ياغاچ ئەجدىھا كۆلﯽ” مەنزىرە رايونﯽ، شەھەر ئىچﯽ باغچىسﯽ، “تىنچ دەريا ئوردا شەھەر خان قەسرﯼ” مەنزىرە رايونﯽ قاتارلىق جايلارنﯽ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، كەچ سائەت 5:30دە گۇيلىن ئايروپورتىغا كىرىپ، نەنجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننﯽ ساقلاشقا باشلىدۇق، بىز ئولتۇرماقچﯽ بولغان ئايروپىلان 8:50 دە ئۇچىدىغان بولغاچقا، كۈتۈش زالىدا سۆھبەتلەشكەچ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق. ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ كېچىكىشﯽ بىلەن ئايروپىلان كۈتۈش ۋاقتىمىز ئالتە سائەتكە يېقىنلىشىپ قالغانىدﯼ. لېكىن ئەدەبىياتچىلارنىڭ قىلىشىدىغان گېپﯽ، سۆھبەتلىشىدىغان تېمىسﯽ تۈگىمەيدىكەن، نەچچىدىن غۇجمەك بولۇشۇپ قىزغىن سۆھبەت پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق، كېچە چوڭقۇرلاشقانچە بەزىلەر ئورۇندۇقلارغا يۆلىنىپ ئۇيقۇغا چۈشتﯽ، ئاخىر بىز ئۇچىدىغان ئايروپىلان كەلدﯼ. 11:30 بىلەن نەنجىڭغا قاراپ ئۇچتۇق.
نەنجىڭدىكﯽ ئۇيغۇر نېنﯽ
نەنجىڭ __ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزﯼ، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكﯽ ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكﯽ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرﯼ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، پەن مائارىپ، مەدەنىيەت، سانائەت، پۇل مۇئامىلە ۋە سودا مەركىزﯼ. تارىخﯽ ناھايىتﯽ ئۇزاق بولۇپ، قەدىمكﯽ جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ پايتەختىنىڭ بىرﯼ. نەنجىڭنىڭ يەر مەيدانﯽ 6597 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئاھالىسﯽ 8 مىليوندىن ئاشىدۇ. 29 - دېكابىر ۋاقچە ئورنىمىزدىن تۇردۇق. نەنجىڭنىڭ ھاۋاسﯽ تۇتۇق، سوغۇق بولۇپ، لەپىلدەپ قار يىغىۋاتاتتﯽ، لېكىن قار يەرگە چۈشۈش بىلەن ئېرىپ يامغۇرغا ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتﯽ. يېقىنقﯽ يىللاردىن بېرﯼ يەر شارﯼ كىلىماتىنىڭ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىشﯽ بىلەن ھاۋارايﯽ ھادىسىلىرﯼ كۆپلەپ يۈز بېرىشكە باشلىغان، نەنجىڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش ئىسسىق بەلباغقا جايلاشقان، قىش بولمايدىغان جەنۇب شەھەرلىرىدىمۇ قار ئاپىتﯽ ھادىسىلىرﯼ كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالغانىدﯼ. ئابلەت ئەسمەت مۇئەللىم بىلەن كۈنلۈكلەرنﯽ كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقتۇق، مەقسىتىمىز بىرەر مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىپ، قورساقنىڭ ئامالىنﯽ قىلىش ئىدﯼ.
ئۇيغۇرنىڭ ساياھىتﯽ مۇشۇنداق جاپالىق بولىدۇ، بىزگە سىرتلاردا ساياھەت قىلىشتا بىرىنچﯽ بولۇپ ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىق تاماق - مۇسۇلمانچە تاماق مەسىلىسﯽ بولىدۇ. بىزنىڭ كېتىۋاتقىنىمىز چوڭ كوچا بولۇپ، تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىخانىلىرﯼ بۇنداق چوڭ شەھەرلەردە مەركىزىي كوچىلاردىن دۇكان ئالالمايتتﯽ، بۇنداق كوچىلاردىكﯽ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسﯽ قىممەت بولاتتﯽ. بىز شۇ تۇيغۇ بىلەن سولغا قايرىلىپ، بىر تار كوچىغا كىردۇق. ئاز ماڭمايلا “قۇربان ناۋايخانىسﯽ” دەپ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر ناۋايخانىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. ناۋايخانىدا ئىككﯽ قەشقەرلىك ناۋاي جىددىي نان يېقىۋاتاتتﯽ، كەينىدە خالتىلىق ئۇنلار تورۇسقا قەدەر تىزىۋېتىلگەنىدﯼ. بىز قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇلاردىن مۇشۇ ئەتراپتا مۇسۇلمانچە ئاشخانا بار - يوقلۇقىنﯽ سورىدۇق. ئۇلار ئالدىمىزدىكﯽ تار كوچىدا بار ئىكەنلىكىنﯽ ئېيتتﯽ. ئالدىمىزغا قاراپ كېتىۋېتىپ، بۇ يەردىكﯽ كىچىك خەنزۇ ئاشخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ دەستىلەپ تىزىقلىق تۇرغانلىقىنﯽ، خېرىدارلارنىڭ ناننﯽ پۈتۈن پېتﯽ تۇتۇۋېلىپ، ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقانلىقىنﯽ كۆردۇق. يەنە كىچىك سەي - كۆكتات، ئۇششاق يېمەكلىك ساتقۇچىلارمۇ ناننﯽ دەستىلەپ قويۇپ، تۆت يۈەندىن سېتىۋېتىپتۇ، ئۇلار ناۋايخانىدىن ئۈچ يۈەندىن سېتىۋېلىپ، بىر يۈەندىن پايدا ئېلىپ ساتىدىكەن. بۇنىڭدىن قەلبىمىز چەكسىز سۆيۈنۈشكە تولدﯼ. بىزدە “نان دېمەك ئىمان دېمەكتۇر”، “ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن، ئارپا، بۇغداي ئاش ئىكەن” دېگەن گەپلەرمۇ بار، ئۇيغۇر ئۈچۈن ناندىن ئەزىز، ناندىن قىممەتلىك، ناندىن مۇقەددەس يەنە بىر يېمەكلىك يوق. نان سەپەردە ھەمراھ، جانغا ئوزۇق ئىرىملىق يېمەكلىك. ئۇ ئاددىي ھالدىكﯽ ئوزۇقلا بولماستىن، بىزنىڭ تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئېتىقادىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىز، مەنىۋﯼ مۇساپىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن سىمۋوللۇق يېمەكلىك. چوڭلار “سەپەردە ناننﯽ ھەمراھ قىلساڭ، سەپىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ” دەپ نان يوللۇق تۇتىدۇ. نان ئارقىلىق قەسەم بېرىپ، لەۋزىنىڭ ھالال - ھاراملىقىنﯽ ئىسپاتلايدۇ. مانا بۇ ناننىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ قىسمەن مىساللىرﯼ. بۇ قېتىمقﯽ سەپەردىمۇ شۇنداق بولدىغۇ؟ مەيلﯽ پاراخوت، پويىز، ئايروپىلاندا بولسۇن، مۇسۇلمانچە ئاشخانا تاپالمىغان، ئاشخانا ئىزدەش ئىمكانىيىتﯽ بولمىغان جايلاردىمۇ ئېلىۋالغان مۇقەددەس نانلىرىمىز بولغاچقىلا، ئوزۇقتىن غەم قىلمىدۇق، كۆڭلىمىز پۈتۈن، روھىمىز ئۈستۈن تۇردﯼ. مانا ئەمدﯼ ئۇيغۇر نانلىرﯼ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردىكﯽ باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ بازار تېپىپ، ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنﯽ، ئۇيغۇرنىڭ شۆھرىتىنﯽ تونۇشتۇرۇشتىكﯽ ۋاسىتىگە ئايلىنىپتۇ، مۇشۇ ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ خاسىيىتىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردە سودا قىلىش، پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------