مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(7)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئىچكىرىدىكﯽ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر كەچلىك تاماقنﯽ يەپ بولۇپ، كوچىغا چىقىپ، غە

ئىچكىرىدىكﯽ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر

 

كەچلىك تاماقنﯽ يەپ بولۇپ، كوچىغا چىقىپ، غەربىي قوۋۇق كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشىمىزگە كۆۋرۈك بېشىدىكﯽ بىر كىچىك ئاشخانىنىڭ “ئابدۇۋەلﯽ شىمىن كۆۋرۈك بېشﯽ كاۋاپ پادىشاھﯽ” دېگەن ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىسىغا كۆزىمىز چۈشتﯽ. كاۋاپخانىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئۇيغۇر يىگىت ئوت سۇنغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتﯽ، بىر خەنزۇ يىگىت كاۋاپ پىشۇرۇۋاتاتتﯽ. ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكﯽ كىچىك سەينادا كاۋا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، باراڭدا كاۋىلار ساڭگىلاپ تۇراتتﯽ. بىز بۇ قويۇق ئۇيغۇرچە مۇھىتتىن، ئىچكىرىدە ئۇچرىتىش تەس بولغان قېرىنداشلىرىمىزدىن سۆيۈنۈپ، “ئەسسالامۇئەلەيكۇم” دېيىشىپ، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق. مەن ئۇلاردىن “كاۋاپنﯽ يېگىلﯽ بولامدۇ” دەپ سورىدىم، ئۇلار: “خاتىرجەم بولۇڭلار، بىزنىڭ كاۋاپلار ئىشەنچلىك” دەپ جاۋاب بەردﯼ ۋە بىزگە كاۋاپ پىشۇرۇپ بەردﯼ. بىز كاۋاپ يېگەچ پاراڭغا چۈشتۇق. سۆھبەتتىن مەلۇم بولدىكﯽ، بۇ ئاشخانىنىڭ غوجايىنﯽ مۇختار ئوبۇل مارالبېشﯽ ناھىيەسىدىن ئىكەن، بۇ يەردە ئاشخانا ئېچىۋاتقىلﯽ 20 يىلغا يېقىنلىشىپتۇ. بىزنﯽ كۈتۈۋالغان بالىلارنىڭ بىرﯼ ئابدۇرېھىمجان بولۇپ، بۇ ئاشخانىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلﯽ ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگىمۇ ئون نەچچە يىل بوپتۇ، ئايالﯽ، بالىلىرىمۇ مۇشۇ يەردە ئىكەن.
ئابدۇرېھىمجان بىزگە مۇنۇلارنﯽ دەپ بەردﯼ: “گۇيلىندا خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ، قۇرۇق مېۋە، سوقماق، قاشتېشﯽ، نان، ئاشخانا تىجارىتﯽ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىنﯽ بار. بۇ يەردە يەنﯽ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسەت ئىنتايىن كەڭرﯼ، ياخشﯽ. بىزنﯽ چەت، نامرات، چېگرا رايوندىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ قاراپ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. باج، باشقۇرۇش، ئورۇن ھەققﯽ ئالمايدۇ. مەسىلەن، مۇشۇ جاينﯽ ئالساق، بۇ يەرگە شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرﯼ ھەرقانداق ئاشخانىنﯽ ئاچتۇرمايدۇ، پەقەت بىزگىلا ئاز سانلىق مىللەت دەپ يول قويىدۇ، قوغدايدۇ.
بىز ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولﯽ، سودا پۇرسىتﯽ كۆپ، ئېتىبار سىياسەتلەر كەڭرﯼ، ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرﯼ ياخشﯽ. مەسىلەن، بىزنىڭ بىر زىخ كاۋىپىمىز ئىككﯽ يۈەن، بىر نېنىمىز ئۈچ يۈەن. مۇشۇ يەردىكﯽ خەنزۇ خېرىدارلار بەش زىخ كاۋاپ، بىر نان، يەنﯽ 13 يۈەن بىلەن قورساق تويىدىغانلىقىنﯽ، يەنە كېلىپ بۇ ئەرزان تاماقنىڭ بەدەنگە قۇۋۋەت قىلىدىغانلىقىنﯽ بىلىۋالدﯼ، شۇڭا خېرىدارىمىز كۆپ. بىر كىلو تونۇر كاۋىپىمىزنىڭ باھاسﯽ 140 يۈەن بولسىمۇ، خېرىدارلار كاۋاپنﯽ بىرلا تېتىپ قالسا يەنە كەلمەي قالمايدۇ، بەك تەملىككەن دەپ ماختاپ يېيىشىدۇ. بۇ ئاشخانىدا كېچىلەپ ئولتۇرۇپ، كاۋاپ بىلەن پىۋا ئىچىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. مېنىڭ خېرىدارلار بىلەن، ئەتراپتىكﯽ خەنزۇ قولۇم - قوشنا دۇكاندارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم، ئىتتىپاقلىقىممۇ ياخشﯽ، بىز يەنە شىنجاڭدىن گۇيلىنغا كېلىپ تېنەپ قالغانلار، ئىش بېجىرىدىغانلار، ساقچىلارنىڭ ھەر خىل ئىشلىرىغا ياردەملىشىمىز”.
ئابدۇرېھىمجاننىڭ دېيىشىچە، كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان خەنزۇ يىگىت ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىسﯽ بولۇپ، بۇ يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسﯽ ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم ئىكەن، ئايلىقىغا 1200 يۈەن مائاش ئالىدىكەن، ئۈچ ۋاق تاماقنﯽ مۇشۇ ئاشخانىدىن يەيدىكەن. ئاشخانا غوجايىنلىرﯼ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ياخشﯽ مۇئامىلە قىلىپ، بېشىنﯽ سىلاپ پاناھىغا ئاپتۇ.
مەن ئابدۇرېھىمجاننىڭ سۆزلىرىنﯽ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرگە قىلغان كۆپ قېتىملىق ئۆگىنىش، ساياھىتىمدە يولۇقتۇرغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، ئۇلار بىلەن قىلغان سۆھبەتلەر ئېسىمگە كەلدﯼ. بىر قېتىم چاڭشا شەھىرىدە كاۋاپ سېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر كىشﯽ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ ھەقىقىي گەپنﯽ ئېيتىپ مۇنداق دېدﯼ: “راست گەپنﯽ قىلسام بىزنىڭ سېتىۋاتقىنىمىز، كالا، قوي گۆشﯽ ئەمەس، ئۆردەك گۆشﯽ، خەنزۇ يولداشلار كالا، قوي گۆشلىرىنﯽ قاتتىق، پۇرايدۇ، دەپ ئاسان يېمەيدۇ. ئۆردەك گۆشﯽ ئەرزان، كېلوسﯽ 20 يۈەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق، يېيىشلىك، مۇچ بىلەن زىرىنﯽ كۆپرەك سېپىپ بەرسەك، مەززىلىك بولۇپ كېتىدۇ. بىزمۇ ساتقاندا “شىنجاڭ كاۋىپﯽ” دەپلا ساتىمىز، خېرىدارلارنىڭ ئىچىدىمۇ “بۇ نېمە گۆشﯽ” دەپ سورايدىغانلىرﯼ ئاز. ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردىكﯽ ئۇششاق كاۋاپدانلارنىڭ ھەممىسﯽ دېگۈدەك ئۆردەك گۆشﯽ ساتىدۇ. يېزىدىنلا 30 دەك دېھقان ياش چىققان ئىدۇق، چاڭشادا كاۋاپ سېتىۋاتقىلﯽ ئۈچ - تۆت يىل بولدﯼ، كىرىمىمىز ياخشﯽ، ئەتراپتىكﯽ خەنزۇ يولداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ياخشﯽ.”
شاڭخەينىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا قوللىرىغا ھەرخىل قاشتېشىلىرىنﯽ كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنﯽ ئۇچراتتىم، ئۇلارمۇ يېڭىسارنىڭ بىر يېزىسىدىنلا چىققان 200 دەك دېھقان ياش ئىكەن، مۇشۇ كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ، قاشتېشﯽ سودىسﯽ قىلىدىكەن، كىرىمىمۇ ياخشﯽ ئىكەن.
شۇ ھامان كۆز ئالدىمغا خەيكۇ شەھىرىدىكﯽ “كارۋان” ئۇيغۇر ئاشخانىسﯽ كەلدﯼ. بۇ ئاشخانىنﯽ “كارۋان” لەقەملىك ئۈچتۇرپانلىق ئۇيغۇرلار ئاچقان بولۇپ، ئون نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. مىللىي پاسوندا چىرايلىق، ئۆلچەملىك بېزەلگەن، ئىككﯽ قەۋەتلىك، ئازادە، پاكىز بۇ ئاشخانىنىڭ تاماقلىرﯼ ھەقىقىي ئۇيغۇرچە تەمدە بولۇپ، كىشىگە ئىختىيارسىز ئىپتىخار تۇيغۇسﯽ بېغىشلايدىكەن. ئاشخانىغا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن باشقا، بىر قىسىم خەنزۇ ياشلىرىمۇ )كۈتكۈچىلىك ئىشلىرىغا( ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، تىجارىتﯽ ياخشﯽ ئىكەن. مەن يۇقىرىقﯽ كۆرۈنۈشلەرنﯽ بىرلەشتۈرۈپ شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: ئومۇمەن ھۆكۈمىتىمىز ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋېتىپتۇ. مۇشۇنداق ياخشﯽ شارائىت ئاستىدا شىنجاڭدىكﯽ ئۇيغۇر ياشلىرﯼ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرگە تۈركۈملەپ كىرىپ، قانۇنلۇق ھەم ھالاللاپ تىجارەت قىلسا، كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتﯽ ياراتقىلﯽ، كىرىمنﯽ ئاشۇرغىلﯽ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشﯽ ئوبرازىنﯽ تەشۋىق قىلغىلﯽ، نەزەر دائىرىنﯽ كېڭەيتكىلﯽ بولىدىكەن. مېنىڭچە ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردە “كارۋان” ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئوخشاش ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئاشخانىلىرﯼ كۆپلەپ قۇرۇلسا، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەڭداشسىز سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، غايەت زور بازار، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوبراز بايلىقىنﯽ ئاچقىلﯽ بولىدۇ.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار