مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(6)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
دەريا شەھىرﯼ گۇيلىن گۇيلىن __ دۇنياغا داڭلىق ساياھەت مەنزىرە شەھىرﯼ ۋە تارىخ

دەريا شەھىرﯼ گۇيلىن

 

گۇيلىن __ دۇنياغا داڭلىق ساياھەت مەنزىرە شەھىرﯼ ۋە تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر. گۇاڭشﯽ جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت شەھىرﯼ. گۇيلىننىڭ ئاھالىسﯽ 5 مىليوندىن، يەر مەيدانﯽ 27 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. گۇيلىندىمۇ جۇاڭزۇ، ياۋزۇ، خۇيزۇ، مياۋزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر خېلﯽ نىسبەتنﯽ ئىگىلەيدۇ. مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرﯼ، باغبارانلاشقان شەھەر، پاكىز شەھەر، مۇھىت ئاسراشتا ئۈلگىلىك شەھەر، مەدەنىيەتلىك شەھەر، ساياھەت تەرەققىياتﯽ ئەڭ تېز شەھەر، سېھرىي كۈچﯽ ئەڭ جەلپكار شەھەر دېگەندەك نۇرغۇن ناملارغا ئېرىشكەن. گۇيلىندىكﯽ چوڭ - كىچىك ساياھەت رايونلىرﯼ 200 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، “گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرﯼ گۈزەل” دېگەن ئىبارە بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.
بىز چۈش سائەت 11 لەر بىلەن ياتاقلاردىن چىقىپ، يىپەك ماللار مەركىزىگە كەلدۇق. گۇيلىننىڭ ھاۋاسﯽ سوغۇق بولۇپ، سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتﯽ. نەم ھاۋا ئادەمنﯽ شۈركەندۈرەتتﯽ. گۇيلىن شەھىرىدە گۇيخۇا )دارچىن دەرىخﯽ( دەرىخﯽ ناھايىتﯽ كۆپ بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ چېچىكﯽ ئىنتايىن خۇش پۇراق پۇرايدىكەن، بۇ خىل چېچەكتىن ياسالغان ئەتىر داڭلىق ئىكەن.
چۈشتىن كېيىن گۇيلىن شەھىرىنىڭ غەربىدىكﯽ غەربىي تاغ باغچىسىغا كەلدۇق، گۇيلىندىكﯽ بۇ ئاساسلىق باغچە لىجياڭ دەرياسىنىڭ شەھەر ئىچﯽ بۆلىكىنﯽ ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ دەريانىڭ ئىككﯽ قاسنىقىدىكﯽ مەنزىرىلەرنﯽ تاماشا قىلىش ئاساس قىلىنىدىكەن. كېمە بىلەن ساياھەت قىلغاندا ئىككﯽ قىرغاقتا دەل - دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن تىك چوققىلار، قەدىمىي پاسوندىكﯽ قۇرۇلۇشلار، ھىلال ئايغا ئوخشايدىغان ئەگمە كۆۋرۈكلەر، تېيىز سۇدا خارتومىنﯽ سۇغا چىلاپ تۇرغان پىلغا ئوخشايدىغان “پىل خارتومﯽ تېغﯽ” )بۇ جاي ئايرىم باغچە قىلىپ ئېچىۋېتىلگەنىكەن( قاتارلىقلاردىن ھۇزۇرلانغىلﯽ بولىدىكەن. كېمىدە مېنىڭ باشلاپ بېرىشىم بىلەن ئاتۇش خەلق ناخشىسﯽ “دوست خېنىم”غا ھەممىمىز ئورتاق توۋلاپ، كېمىنﯽ چاڭ كەلتۈرۈۋەتتۇق.
27 - دېكابىر سەھەر مېھمانسارايدىن ياڭشۇغا قاراپ يولغا چىقىپ، ئالدﯼ بىلەن يول ئۈستىدىكﯽ يىلان پادىشاھسﯽ قورۇقىغا كەلدۇق. مياۋزۇلارنىڭ بىر قەبىلىسﯽ دەپ ئاتىلىدىغان، “دۇنيادىكﯽ بىردىنبىر چېچىنﯽ ئورغاقتا چۈشۈرىدىغان قەبىلە”، “جۇڭگودىكﯽ قورال ئېلىپ يۈرىدىغان ئاخىرقﯽ قەبىلە”، “جۇڭگودىكﯽ ئەڭ مەشھۇر يىلان قەبىلىسﯽ” دېگەندەك دەبدەبىلىك ناملارنﯽ قويۇۋالغان بۇ نۇقتىدا بۇ قەبىلىنىڭ ئاتالمىش ئەزالىرﯼ چېچىنﯽ ئورغاقتا چۈشۈرۈپ كۆرسەتتﯽ، يالغان مىلتىقىغا پوجاڭزىنﯽ تىقىپ “ئوق ئېتىپ” “ھەيۋىسىنﯽ” نامايان قىلدﯼ، ھەر خىل يىلانلارنﯽ تونۇشتۇردﯼ، قەبىلە ئۇسسۇلىنﯽ ئويناپ بەردﯼ. ئارقىدىنلا بىزنﯽ ئۆزلىرﯼ بىلەن ھەقلىق رەسىمگە چۈشۈشكە، يىلان مەھسۇلاتلىرىنﯽ، ئۇششاق قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرىنﯽ سېتىۋېلىشقا ئۈندىدﯼ.

 

دۇنيادىكﯽ ئەڭ گۈزەل جاي

 

چۈشتىن كېيىن ياڭشۇ ناھىيەسىگە كېلىپ گۇيلىننىڭ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەڭ چىرايلىق يېرﯼ __ لىجياڭ دەرياسﯽ بويىغا كەلدۇق. دەريا بويىدا تۇرۇپ، بەدىئىي سۈرەتتەك گۈزەل، رومانتىك، سۈزۈك، شېئىرىي مەنزىرىنﯽ كۆرۈپ، ھەممەيلەن ھاياجان ئىچىدە چۇرقىرىشىپ كەتتۇق. زېمىننﯽ قاپلاپ، كەڭ يېيىلىپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلۇپ ۋەزمىن ئېقىۋاتقان دەريا؛ كۆك ياقۇتتەك جۇلالىنىپ ئاستىدىكﯽ تاشلارمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان تىنىق، زىلال سۇ؛ قىرغاقتىكﯽ بۇ سېھىرلىك ئېقىنغا تەۋەززۇ قىلىپ باش ئېگىپ تۇرغان ياپيېشىل بامبۇك دەرەخلىرﯼ؛ بۈك - باراقسان يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن، يەر باغرىدىن مۆجىزىدەكلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان، تولغان قىزنىڭ كۆكسىدەك تىك چوققىلار؛ بېلىق تۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئۇچۇپ يۈرگەن چايكا، بېلىقئالغۇچلار؛ توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ساياھەت پاراخوت، كېمىلىرﯼ... پايانسىز سۇ كەڭلىكﯽ، پايانسىز ئورمان كەڭلىكﯽ، پايانسىز يېشىللىق كەڭلىكﯽ، پايانسىز قەلب كەڭلىكﯽ، ھەيھات، بۇنداق گۈزەل مەنزىرە يەنە بىر جايدا تېپىلارمۇ؟
ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتﯽ، يامغۇرغا قارىماي پالوبىغا چىقىپ، سايىۋەن ئاستىدىكﯽ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ خىيالغا پاتتىم. قاياققىلا قارىسام ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە، قايسىلا نۇقتىدىن كۆزەتسەم ئۆڭمەس بىر بەدىئىي سۈرەت، قانداقلا خىيال قىلسام رومانتىك شېئىرىي مۇھىت... سۇمبۇل چاچلىرﯼ يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ساھىبجامال بىلەن قول تۇتۇشۇپ قىرغاقتا ئاستا مېڭىپ كەتسەم، ئۇ قىز بىلەن گۈزەل مەنزىرىلەرگە تويماي بېقىشساق، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلاپ دېگۈدەك لىرىك شېئىرلارنﯽ ئوقۇپ بەرسەم! ئادەم گۈزەل مەنزىرىلەرنﯽ كۆرگەندە چوقۇم بىر گۈزەل قىزنﯽ تەسەۋۋۇر قىلامدىغاندۇ، بەلكىم گۈزەللىك دېگەن ئۇقۇم بىلەن قىز دېگەن ئۇقۇم ئادەمنىڭ قەلبىدە بىرلىشىپ كەتسە كېرەك...
سەپەرداشلىرىمنىڭ چۇۋۇلداپ پالوبىغا چىقىشﯽ بىلەن خىياللىرىمنىڭ يىپﯽ ئۈزۈلدﯼ. لىجياڭ دەرياسىنىڭ بۇ مەنزىرىسﯽ 20 يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ كەينىدىكﯽ مەنزىرە بولۇپ، ھەقىقەتەن بىقىياس گۈزەل ئىدﯼ.
لىجياڭ دەرياسىدا ئۈچ سائەتكە يېقىن ئۈزۈپ، ئەتراپتىكﯽ مەنزىرىلەرنﯽ تويماي تاماشا قىلىپ، بەس - بەس بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، كېمىدە چىرايلىق تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاچ سۆھبەتلىشىپ قانغاندىن كېيىن، گۇيلىندىكﯽ ياتىقىمىزغا قايتتۇق.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار