مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(5)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
سەنيادىكﯽ مۇسۇلمانلار ۋە لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىخانىسﯽ سەنيادا يېمەك - ئىچمەك،

سەنيادىكﯽ مۇسۇلمانلار ۋە “لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىخانىسﯽ”

 

سەنيادا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك سېتىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە بېشىغا چېكىلەپ ياغلىق چىگىۋلغان مۇسۇلمان ئاياللار كۆپكەن. ئۇقۇشىمىزچە، ئازادلىقتىن ئىلگىرىكﯽ دەۋرلەردە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكﯽ بىر قىسىم مالايلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقﯽ ۋە ھەر خىل قىسمەتلەر سەۋەبىدىن سەنياغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىكەن. ئازادلىقتىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ تەركىبﯽ ئايرىلغاندا ئۇلارنﯽ خۇيزۇلارغا قوشۇپلا “خۇيزۇ” دەپ ئاتىغانىكەن، ئۇلارنىڭ چىرايﯽ ھەقىقەتەن مالايلارغا ئوخشايدىكەن، “سەن قايسﯽ مىللەت” دەپ سورىغانلارغا “مەن مۇسۇلمان” دەپلا جاۋاب بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ سەنيادىكﯽ نوپۇسﯽ 10 مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن. مۇشۇ “سەنيا قولتۇقﯽ” يولﯽ بويىغا، دېڭىز ياقىسىغا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىسﯽ جايلاشقان بولۇپ، نەچچە ئون يىللار ئىلگىرﯼ “سەنيا قولتۇقﯽ” يولىنﯽ ياسىماقچﯽ بولغاندا دائىرىلەر ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، قەبرىلەرنﯽ يول بويىدا ساقلاپ قالغان، ئۇلارنىڭ چوڭ ئاخۇننىڭ قەبرىسىنﯽ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يولنىڭ شۇ بۆلىكىنﯽ ئەگىتىپ ئۆتكەنىكەن. ئۇلارنىڭ زاراتگاھلىقﯽ ئىكەنلىكىنﯽ بىلەلمىگەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەر كەچلىكلىرﯼ قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ھاجەت قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنﯽ سادىر قىلغاندا بۇ مۇسۇلمان ئاھالىسﯽ شۇ ئىشنﯽ سادىر قىلغان كىشىنﯽ چانىۋېتىدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققانىكەن. شۇڭا ھازىر يول بويىدىكﯽ ھەر ئون مېتىر ئارىلىققا بىر ئاگاھلاندۇرۇش تاختىيﯽ ئورنىتىلغان بولۇپ، تاختايغا مۇنداق يېزىلغانىكەن: “سەنيادىكﯽ خۇيزۇلار مەملىكىتىمىزدىكﯽ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرﯼ. ئۇلار ئۇزاق تارىخقا ۋە مول ئىسلام مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. ئۇلار ئەزەلدىن ئالەمدىن ئۆتكەن قېرىنداشلىرىنﯽ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىپ كەلگەن، بۇ قەبرىستانلىق شەھىرىمىزدىكﯽ مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقﯽ، ھەرقايسﯽ ئاھالىلەر، ساياھەتچىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋﯼ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، قەبرە رايونىغا خالىغانچە كىرمەسلىكىنﯽ، چوڭ - كىچىك تەرەت قىلماسلىقىنﯽ، ئەخلەت تاشلىماسلىقىنﯽ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشىنﯽ ئۈمىد قىلىمىز. سەنيا شەھەرلىك ئىسلام دىنﯽ جەمئىيىتﯽ، 2010 - يىلﯽ 11 - نويابىر.”
سەنيادا ئۇلاردىن باشقا نىڭشيا، چىڭخەي، گەنسۇدىن كەلگەن خۇيزۇلارمۇ ناھايىتﯽ كۆپ ئىكەن، مۇتلەق كۆپچىلىكﯽ مۇسۇلمانچە ئاشخانا، بولۇپمۇ “لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىخانىسﯽ” ئاچىدىكەن. سەنيانىڭ سۇمۇرغ بازىرىدىكﯽ بىر كوچىنﯽ پۈتۈنلەي خۇيزۇلار ئاچقان مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار كوچىسﯽ دېيىشكە بولىدىكەن، ئۇنداق بولۇشﯽ سەنياغا كېلىدىغان مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ناھايىتﯽ كۆپ نىسبەتنﯽ ئىگىلەيدىغانلىقىدىن ئىكەن.
بۇ يەردە شۇنﯽ دەپ قويۇش زۆرۈركﯽ، ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەردىكﯽ ھەرقانداق شەھەردە “لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىسﯽ” نامىدىكﯽ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنﯽ تاپقىلﯽ بولىدىكەن، بۇ مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرگە زور قولايلىقلارنﯽ كەلتۈرىدىكەن.
مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارمۇ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرگە تۈركۈم - تۈركۈملەپ كىرىپ، ئاشخانىلارنﯽ ئېچىپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ شۆھرىتﯽ، ماركىسىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپمايدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ كېتىدىكەن. چۈنكﯽ خۇيزۇلار ئاچقان ئاشخانىلارنىڭ خېلﯽ كۆپ قىسمىغا “شىنجاڭ ئاشخانىسﯽ”، “شىنجاڭ تائاملىرﯼ” دەپ نام قويۇۋالغان، تىزىملىكتىكﯽ ئاساسلىق تاماقلىرﯼ “شىنجاڭ لەڭمىنﯽ”، “شىنجاڭ توخۇ قوردىقﯽ”، “شىنجاڭ كاۋىپﯽ”، “شىنجاڭ نېنﯽ” “شىنجاڭ نان قاينىقﯽ” دېگەندەكلەردىن تەركىب تاپقانىكەن، ھەتتا نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە خەنزۇ تىجارەتچىلەرنىڭ نېمە گۆشﯽ ئىكەنلىكىنﯽ ئۇققىلﯽ بولمايدىغان كاۋاپنﯽ “شىنجاڭ كاۋىپﯽ” دەپ داڭلاپ سېتىۋاتقانلىقىنﯽ، خېرىدارلارنىڭ بۇ كاۋاپنﯽ بەس - بەستە سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنﯽ كۆردۇق.
مانا خۇيزۇلار “لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىسﯽ” دېگەن ماركىنﯽ پۈتۈن مەملىكەتكە مەشھۇر قىلىۋەتتﯽ، لەنجۇ شەھىرىمۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىسﯽ بىلەن دۇنياغا تونۇلدﯼ. دۆلىتىمىزدىكﯽ ھەر بىر شەھەردە مۇشۇنداق نەچچە ئونلاپ “لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىخانىسﯽ” ئېچىۋاتقان خۇيزۇلارنىڭ سانىنﯽ ھېسابلاپ چىقىش تەس، ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق قىلىۋاتقان كىرىمىنﯽ ھېسابلاپ چىقىش تېخىمۇ تەس. ئەسلىي “لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىسﯽ”دىن نەچچە ھەسسە لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرىمۇ ئۆزىنىڭ خاسىيەتلىك قىممىتىنﯽ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرنىڭ بىپايان زېمىنىدا نامايان قىلسا بولاتتﯽ، بۇ ئارقىلىق غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلﯽ، ئۇيغۇرنىڭ ياخشﯽ ئوبرازىنﯽ يەنىمۇ تاراتقىلﯽ بولاتتﯽ ھەم بىزنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قىلالايدىغىنىمىز، ئەڭ ھوقۇقلۇق قىلالايدىغىنىمىز، ئەڭ خاتىرجەم قىلالايدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ ئىش ئىدﯼ...

 

پاراخوتتا ئۆتكەن بىر كېچە

 

24 - دېكابىر، دۈشەنبە سەھەردە سەنيادىكﯽ مېھمانسارايدىن ئايرىلىپ، تۆت سائەت ماڭغاندىن كېيىن خەيكۇ شەھىرىگە كېلىپ، ئۈچتۇرپانلىق ئۇيغۇرلار “كوكۇسزارلىق يولﯽ”دا ئاچقان “كارۋان” ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كېلىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەززىلىك تەمىدىن بەھرلەندۇق. ئاندىن خەيكۇ پىرىستانىغا كېلىپ، ئىككﯽ سائەت پاراخوت ساقلىغاندىن كېيىن سائەت 4:30 دا بېيخەي )شىمالىي دېڭىز( گە بارىدىغان پاراخوتقا چىقتۇق.
بىز تىتانىكقا ئوخشاش ھەيۋەتلىك، ئازادە، پالوبىسىدا دېڭىزنﯽ تاماشا قىلغىلﯽ بولىدىغان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلغان بۇ پاراخوت ئەكسىچە ئەبجەق، شارائىتﯽ ناچار بولۇپ چىقتﯽ. ئاستﯽ - ئۈستﯽ سەككىز كارىۋات قويۇلغان تار كايوتىلاردا ھېچقانداق بوشلۇق يوق بولۇپ، ئادەم ئۆرە تۇرۇۋالسا، ئوتتۇرىغا پاتماي قالاتتﯽ. ئۈستىدىكﯽ پالوبىغا چىقىش ئىشىكﯽ ئېتىۋېتىلگەن بولغاچقا، پەقەت ياندىكﯽ تارچۇقتا رېشاتكىغا يۆلىنىپ كىچىك دائىرىدىلا دېڭىزنﯽ تاماشا قىلغىلﯽ بولاتتﯽ. ئامال قانچە، كايوتا تار بولسىمۇ، قەلبىمىز ئاستىمىزدىكﯽ دېڭىزدەك كەڭرﯼ ئىدﯼ. بولۇپمۇ ئەدەبىياتچىلار يىغىلغان جايدا تېخىمۇ شۇنداق بولاتتﯽ. سەككىزەيلەن باش، پۇتلىرىمىزنﯽ بىر - بىرىمىزگە چېقىشتۇرۇپ يۈرۈپ، تەييار چۆپ، نانلىرىمىز بىلەن قورساقلارنﯽ ئەستەرلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چامادانلىرىمىزنﯽ قويۇپ شىرە ياساپ، سومكىلىرىمىزدىن ئەكەلگەن يېمەكلىكلىرىمىزنﯽ چىقىرىپ، چاققانغىنە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشنﯽ باشلىۋەتتۇق.
ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە، غايەت زور پاراخوتنىڭ قورسىقىدا، سەككىز كىشىلىك تار كايوتىدا مۇشۇ كىشىلەرنىڭ قايتا جەم بولۇش پۇرسىتﯽ يوق دېيەرلىك ئىدﯼ. تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، ئىجادىيەت قاتارلىق كۆپ خىل تېمىلاردا ھارماي سۆھبەتلەشتۇق. “سايدىكﯽ بەرگﯽ قىياقتەك قاشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي، تەلمۈرۈپ تۇرغان كېيىكتەك كۆزلىرىڭدىن ئۆرگىلەي، يار سېنىڭ دەردىڭ يامان”... دولقۇن روزﯼ ياڭراق ئاۋازﯼ بىلەن “قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم”نﯽ باشلاپ، ھەممىمىزنﯽ مۇڭغا غەرق قىلدﯼ. “ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكﯽ تارىختىن بۇيان شائىرلار قەلىمىدە شۇ قەدەر پاساھەتلىك تىللار بىلەن تەسۋىرلىنىپ كەلگەنىكەن... دېڭىزغا ئاڭلاتتىم ناخشامنﯽ... ئەزىزىم، قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ، تولۇن ئايدەك يۈزلىرىڭ كۆز ئالدىمدا ئەكس ئەتتﯽ، شۇ مىنۇتلاردا يىراقلاردا تۇرۇپ قەلب تىۋىشىمنﯽ، دېڭىزغا قوشۇلۇپ كەتكەن سېغىنىشىمنﯽ ھېس قىلىۋاتقانسەنمۇ؟...”. خىيال ئىلكىدە سورۇندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ تار پالوبىدا دېڭىزغا نەزەر تاشلىدىم. پاراخوت دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتاتتﯽ. گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكﯽ دېڭىز شۇنچە ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك، ۋەھىمىلىك ئىدﯼ...
تار كايوتىدا كۆڭۈللۈك بىر كېچىنﯽ ئۆتكۈزۈپ، 25 - دېكابىر سەيشەنبە سەھەردە بېيخەي شەھىرىگە كەلدۇق. بۇ يەردە شەھەر مەركىزىدىكﯽ باغچىنﯽ، بامبۇك بۇيۇملىرىنﯽ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش نۇقتىسىنﯽ، ئۈنچە - مەرۋايىت بۇيۇملىرﯼ، قاشتېشﯽ بۇيۇملىرﯼ سېتىش نۇقتىلىرىنﯽ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوبۇس بىلەن تۆت سائەت يول يۈرۈپ، گۇاڭشﯽ جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزﯼ نەننىڭ شەھىرىگە كەلدۇق. كەچ سائەت يەتتىدە نەننىڭ ۋوگزالىدىن پويىزغا چىقىپ، گۇيلىنغا قاراپ يولغا چىقتۇق. پويىزدىكﯽ بەش سائەتلىك ۋاقىتتا چاقچاقلىشىپ، يۇمۇر ئېيتىشىپ ۋاقىتنﯽ ئۆتكۈزدۇق. دولقۇن روزﯼ بىلەن ئابلىكىم ئەبەيدۇللا چاقچاقتا مۇسابىقىلىشىپ، يولنﯽ كۆپ قىسقارتتﯽ. ئابلىكىممۇ ھازىرجاۋابلىقﯽ، يۇمۇرلۇقلۇقﯽ، كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ جاۋاب بېرىشتەك ئالاھىدىلىكﯽ بىلەن ھەممەيلەننﯽ قايىل قىلدﯼ. كېچىدە گۈيلىنگە يېتىپ كېلىپ، مېھمانسارايغا ئورۇنلىشىۋالدۇق.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار