ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن مۇقام دىيارىدا
يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-10-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
قەدىمىي ئاستانە يەكەن دىيارﯼ قاينام - تاشقىنلىق مۇقام تەنتەنىسىگە چۆمگەن بولۇپ، چىرايلىق
ئاپتورى:دىلشات ئابلىز
2007 - يىل 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنﯽ، تاڭ سەھەر، قەدىمىي ئاستانە يەكەن دىيارﯼ قاينام - تاشقىنلىق مۇقام تەنتەنىسىگە چۆمگەن بولۇپ، چىرايلىق تازىلىنىپ سۇ سېپىلگەن ئاسفالتلىق كوچا - رەستىلەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدﯼ. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسﯽ جايلىرىدىن يەكەن دىيارىغا قەدەم باسقان، رەڭمۇ رەڭ كىيىنگەن مېھمانلار يەكەننىڭ سېخىي كۈز مەنزىرىسﯽ ئاتا قىلغان سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلانماقتا ئىدﯼ. يول يوللاردىن چىرايلىق مەرىكە كىيىملىرىنﯽ كىيىشكەن قىز - جۇۋانلار، نەۋقىران يىگىتلەر؛ بېشىغا چىرايلىق مارجان دوپپا، ئۇچىسىغا گۈللۈك شا تاۋاردىن كۆڭلەك، ئۈستىگە يارىشىملىق تار جىلىتكە كىيگەن چوكان ئاياللار؛ بادام دوپپا، ئاق تونچە كۆڭلەك كىيگەن ئەرلەر؛ داپ، راۋاب، قالون، ساتارلىرىنﯽ كۆتۈرۈشكەن، يارىشىملىق بۇرۇت - ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن بولسىمۇ شوخلۇقتىن قالمىغان مۇقامچﯽ، رەققاسلار؛ پاكىز ياسىنىپ، يېڭﯽ پورمىلارنﯽ كىيىشىپ رەتلىك تىزىلغان ياش بوغۇنلار رەت - رەت بولۇپ چىقىشىپ، ئالتۇن دەرۋازىنىڭ غەربىگە راسلانغان كەڭرﯼ مۇقام مەيدانىنىڭ غەرب، شىمال دەرۋازىلىرىدىن بەس - بەستە كىرىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچﯽ قېتىملىق ئۇيغۇر ئون ئىككﯽ مۇقام تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمﯽ ئۈچۈن يىغىلىشماقتا ئىدﯼ. مۇقام مەيدانىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسﯽ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان رەھبەرلەر، ئالىم، تەتقىقاتچىلارغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن رەئىس ئىسمايىل تىلىۋالدﯼ، نۇر بەكرﯼ، ئەركىنجان تۇراخۇن ۋە ھەرقايسﯽ ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرﯼ، مۇقامچﯽ، رەققاس - سازەندىلىرﯼ ھۆرمەت بىلەن رەتلىك كىرىپ كېلىشتﯽ. تەتقىقاتچىلار سېپىنىڭ ئالدىدا ھېيتەم ھۈسەيىن، پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان، سەنئەت تەتقىقاتچىسﯽ جۇ جﯽ ۋە ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇنلار بار ئىدﯼ.
مۇقام مەيدانﯽ 100 مو ئەتراپىدا كەڭرﯼ سەينا بولۇپ، مەيداننىڭ شەرقىگە ئون مو كەلگۈدەك مۇراسىم رەئىس سەھنىسﯽ ياسالغانىدﯼ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت رەھبەرلىرﯼ ئورۇن ئېلىشتﯽ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككﯽ يېقىدىكﯽ كەڭرﯼ بوشلۇق ۋە سەھنىنىڭ ئارقىسىدىكﯽ سەينادىن ھەرقايسﯽ ۋىلايەتلەردىن كەلگەن مۇقامچﯽ، سازەندىلەر سازلىرىنﯽ تۇتۇشۇپ ئولتۇرۇشتﯽ. رەئىس سەھنىسﯽ بىلەن مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئارىلىقىدا كەڭرﯼ ئەلنەغمە مەيدانﯽ قالدۇرۇلغانىدﯼ. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغانلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلﯽ، مەرىكە سورۇنىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئېلىشقانىدﯼ. ئەتراپ نەچچە مىڭلىغان مۇقام سۆيەر يەكەن خەلقﯽ بىلەن تولغان بولۇپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق، ئىپتىخار جىلۋىلەنمەكتە ئىدﯼ. ھەممە تەقەززا بولغان ئېچىلىش مۇراسىمﯽ باشلاندﯼ. رەئىس ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ تەبرىك سۆزﯼ تۈگىشىگە چېلىنغان گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرﯼ بىلەن تەڭلا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئەتراپىدىكﯽ نەچچە يۈزلىگەن سازەندىنىڭ قوللىرىدىكﯽ سازلىرﯼ شوخ شادىيانە پەدىگە جاراڭلاپ، ياڭراق مۇقام ساداسﯽ ياڭرىدﯼ. سازلار ئەۋجىگە چىقىپ، مۇقام ساداسﯽ ياڭرىشﯽ بىلەن، رەئىس سەھنىسﯽ بىلەن مۇراسىمغا قاتناشقانلارنىڭ ئارىلىقىدىكﯽ كەڭرﯼ سەينادا نەچچە يۈزلىگەن رەققاسلار زوق - شوخ بىلەن بىر - بىرىگە بېقىشىپ، غۇلاچ تاشلاپ، پىرقىراپ ئايلىنىپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈشتﯽ. ساز پەدىلىرىنىڭ يۆتكىلىشﯽ، مۇقام ئاھاڭلىرىنىڭ ئۆزگىرىشﯽ بىلەن غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، خوتەن سەنەملىرﯼ، قومۇل، تۇرپان، دولان مۇقاملىرﯼ ئورۇنلاندﯼ. نەغمە مۇقاملارنىڭ ئالمىشىشﯽ، سەھنە كۆرۈنۈش مەنزىرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشﯽ بىلەن، ئەينﯽ ۋاقىتتىكﯽ مۇقام ئەلنەغمە راۋاجلانغان سەئىدىيە خانلىقﯽ دەۋرﯼ نامايان قىلىندﯼ. زوق - شوخ بىلەن مۇقام توۋلاپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە نەيزە، يالمان تۇتقان ئوردا نەۋكەرلىرىنىڭ ھېمايىچىلىقىدا ئاتلارغا مىنىشكەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخان، خانىش ئاماننىساخان، قېدىرخان يەركەندﯼ قاتارلىق دۆلەت ئەركانلىرﯼ، مۇقام پېشىۋالىرﯼ چىقىشىپ مۇقامچىلارنﯽ تەبرىكلىدﯼ. مۇقامچﯽ، رەققاسلار ياڭراق مۇقاملىرﯼ، شوخ ئۇسسۇللىرﯼ بىلەن بۇ مۇقام ھېمايىچىلىرىغا تەشەككۈرلىرىنﯽ بىلدۈرۈشتﯽ. ساز، مۇقاملارنىڭ ئۆزگىرىشﯽ بىلەن مەيداندىكﯽ دەۋر، ۋاقىت مەنزىرىلىرﯼ ئالمىشىپ، ئازاد زامان مەدھىيەلەندﯼ. مۇقام پەلەككە ياڭرىدﯼ. نەچچە مىڭلىغان ئۇسسۇلچﯽ رەققاسلارنىڭ بىر - بىرىگە بېقىشىپ زوق - شوخ بىلەن ئويناۋاتقانلارنىڭ ئۇسسۇل ساماسﯽ پۈتۈن يەكەن دىيارىغا تارىدﯼ. مۇقام مەيدانىدىكﯽ كۈرمىڭ جەلپكارنىڭ چىرايىدا شادلىق، ئىپتىخارلىق كۈلكىسﯽ جىلۋىلەندﯼ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدا، ئۇسسۇل سورۇنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشقان تەتقىقاتچﯽ ئەدىبلەر قاتارىدا ھاسا تۇتقان، كۆك سارجا كاستۇم - بۇرۇلكا كىيگەن، چىرايﯽ ئاق سۈزۈك، چاچلىرﯼ كۈمۈشتەك ئاقارغان، بېشىغا كىيگەن چىمەن دوپپىسﯽ، يارىشىملىق قىرقىما بۇرۇتﯽ ئىلىم، ئىماننىڭ نۇرﯼ يالتىراپ تۇرغان، چىرايىغا خوپ ياراشقان، 38 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ بەستىدىن ساغلاملىق، تەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇننىڭمۇ چىرايىدا مەمنۇنلۇق، خۇرسەنلىك جىلۋىلىنىپ تۇراتتﯽ. مۇراسىم مۇقام، نەغمە، ئۇسسۇل، ساما ئەۋجىگە چىقىپ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تەنتەنىلىك ئاخىرلاشتﯽ.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------