ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن مۇقام دىيارىدا(2)

يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-10-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
مەيداندا مۇقام خۇمار يەكەن خەلقىنىڭ كۈلكە چاۋاكلىرﯼ ياڭرىدﯼ. چىرايىدا خۇرس
مەيداندا مۇقام خۇمار يەكەن خەلقىنىڭ كۈلكە چاۋاكلىرﯼ ياڭرىدﯼ. چىرايىدا خۇرسەنلىك، مەمنۇنلۇق جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇنمۇ ھاسىسىغا تايىنىپ دەس ئورنىدىن تۇردﯼ - دە، شائىرانە ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن:
__ كىمنىڭ بار مۇشۇنداق مۇقامﯽ قېنﯽ، پەخىرلەن دۇنيادا مۇقام ئەۋلادﯼ! __ دەپ ھاسىسىنﯽ ئېگىز كۆتۈرۈپ مەغرۇرلىنىپ خۇشاللىق بىلەن كۈلۈپ كەتتﯽ.
ئون ئىككﯽ مۇقام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنﯽ يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭرﯼ، ھەشەمەتلىك زالىدا بولۇپ، تەتقىقاتچىلار زالغا لىق تولغانىدﯼ. مۇھاكىمە يىغىنﯽ جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە باشلىنىپ، قىزغىن داۋام قىلدﯼ. ئالىم، تەتقىقاتچىلار »ئون ئىككﯽ مۇقام« توغرىسىدا يېڭﯽ مەزمۇن، يېڭﯽ پىكىر، يېڭﯽ كۆز قاراش مۇھاكىمىلىرىنﯽ ئوتتۇرىغا قويۇشتﯽ. ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇن »مۇقامنىڭ قەدىرلىنىلىشﯽ بىلەن ئەل ئىچىدىكﯽ مۇقامچىلارنىڭمۇ قەدىرلىنىلىشﯽ توغرىسىدا« دېگەن ماقالىسىنﯽ ئوقۇدﯼ. ماقالە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتﯽ. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنﯽ مەزگىلىدە تەتقىقاتچىلارغا قەدىمىي ئاستانە يەكەننىڭ ئەنئەنىۋﯼ مەدەنىيەت مەنزىرىلىرىنﯽ كۆرۈشمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدﯼ. يىغىننىڭ 2 - كۈنﯽ چۈشتىن كېيىن مۇقام پېشىۋالىرىدىن سۇلتان ئابدۇرېشىتخان، خانىش ئاماننىساخان، قېدىرخانلارنىڭ ئالتۇن مازاردىكﯽ مەقبەرىلىرىنﯽ زىيارەت قىلىشقا بارماقچﯽ بولدۇق. ئاپتوبۇسلار تەتقىقاتچىلار چۈشكەن يەكەن مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاشتﯽ. مېھمانلار بىنادىن چىقىپ ئاپتوبۇسقا چىقىشقا باشلىدﯼ. ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇن ئوغلىنىڭ يېنىدا مېڭىپ ھىمايە قىلىشﯽ بىلەن، چىرايلىق ھاسىسىغا تايانغان ھالدا بىنادىن چۈشۈپ، ئۆزىگە ياندىشىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم تەتقىقاتچﯽ، شائىر ئابدۇشۈكۈر تۇردﯼ بىلەن ئاپتوبۇسقا چىقىشىپ ئالدىدىكﯽ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتﯽ. بۇ چاغدا قەدىمىي شەھەرنىڭ بازار رەستىلىرﯼ تازا قىزىپ كەتكەن بولۇپ، زامانغا لايىق چىرايلىق ياسىنىشقان كىشىلەر دۇكان رەستىلەر ۋە كوچىلارغا لىق تولغانىدﯼ.
كۈلكە - چاقچاقلار ئىچىدە ئاپتوبۇس قوزغالدﯼ. تەتقىقاتچﯽ، ئالىملار بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇن مازاردىكﯽ مۇقام پېشىۋالىرىنىڭ مەقبەرىلىرىنﯽ زىيارەت قىلىشتﯽ. ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇن ئابدۇرېشىتخان، خانىش ئاماننىساخان، قېدىرخانلارنىڭ قەبرىلىرﯼ ئالدىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ ئۆتتﯽ.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3 - كۈنﯽ چۈشتىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرﯼ بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ ئوقۇلغان ماقالىلەرگە مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدﯼ. ماقالە ئوقۇش يىغىنىدىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىش بەك جانلىق بولۇپ كەتتﯽ. ماقالىلەر ئوقۇلغان مەزگىلدە ھەممە كىشﯽ بېرىلىپ ئاڭلاپ، پىكىرلىرىنﯽ ساقلاپ قويۇشقانىكەن، مانا ئەمدﯼ ھەممەيلەن بەس - بەستە ماقالىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە باشلىدﯼ. ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇن:
__ مەن بۇ ماقالەمنىڭ ئەسلىي مەزمۇنىنﯽ مۇقامشۇناس تۇردﯼ ئاخۇن ئاكا بىلەن كۆرۈشكەن قىيىنچىلىق بىر شارائىتتىن باشلاپ سۆزلەپ بېرەي، __ دېدﯼ، ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇن چوڭقۇر ئويلانغان ھالدا، __ 1954 - يىلﯽ »ئون ئىككﯽ مۇقام« تۇردﯼ ئاخۇن ئاكا، ئوغلﯽ ھوشۇرئاخۇنلار يەكەندىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، 2 - قېتىم لېنتىغا ئېلىندﯼ. مەن ئۇ ۋاقىتتا نەشرىياتتا ئىشلەيتتىم. نەشرىيات بىلەن مۇقامنﯽ لېنتىغا ئېلىۋاتقان ناخشا - ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئارىلىقﯽ يېقىن ئىدﯼ. تۇردﯼ ئاخۇن ئاكا ناھايىتﯽ قىزىقچﯽ، سۆزمەن ئادەم ئىدﯼ.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار