نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
زامانىۋى مەدەنىيەت، نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يىتەكلەيلى

 

 
 
مۇھەررىر ئىلاۋىسﯽ: ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋﯼ لۇشيەن ھەققىدىكﯽ تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتﯽ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمﯽ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشﯽ بويىچە «تارىم» ژۇرنىلﯽ نەشرىياتﯽ2013-يىلى 20ـ ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن «زامانىۋﯼ مەدەنىيەت، نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنﯽ ئىلغارلىققا يېتەكلەيلﯽ» دېگەن تېمىدا ھازىر جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزﯼ ھادىسىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، خەلقىمىزنﯽ قانداق قىلىپ ئىلغار مەدەنىيەتكە يېتەكلەش، خۇراپاتلىق بىلەن ئىلغارلىقنﯽ قانداق پەرقلەندۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم، ئىناق، ئاسايىشلىقﯽ ئۈچۈن نېمىلەرنﯽ تەشەببۇس قىلىش دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت يىغىنﯽ ئۆتكۈزدﯼ. يىغىندا ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرﯼ بىلەن خەلققە زوق بېرىۋاتقان، خەلقنىڭ مەنىۋﯼ تۇرمۇشىنﯽ بېيىتىۋاتقان يازغۇچﯽ - شائىر، ئالىم - تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنﯽ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلدﯼ، بىز شۇ مۇھاكىمىلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنﯽ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

 ياسىن زىلال )«تارىم» ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىنىڭ باشلىقﯽ، باش مۇھەررىر، شائىر:(

ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلﯽ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشﯽ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقﯽ خۇاڭ يۇڭجۈن ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشﯽ، رەئىسىمىز ئازات سۇلتان ئەپەندىمنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشﯽ بىلەن بۈگۈنكﯽ بۇ يىغىن ئېچىلدﯼ. بۈگۈنكﯽ بۇ يىغىن «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنﯽ بولۇپ، مەزمۇنﯽ نۇقتىلىق ھالدا ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قانداق ۋەكىللىك قىلىش، نۆۋەتتىكﯽ ۋەزىيەت، كۆز ئالدىمىزدىكﯽ ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق قىلىپ خەلقىمىزنﯽ ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش، خۇراپاتلىق بىلەن ئىلغارلىقنﯽ پەرقلەندۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈشﯽ ۋە ئۇلارنىڭ ئاسايىشلىقﯽ ئۈچۈن ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرﯼ دەۋرنىڭ چاقىرىقﯽ، تەلىپىنﯽ قانداق تەشەببۇس قىلىش، بىر ئەدەبىيات - سەنئەت خادىمﯽ، بىر يازغۇچﯽ، شائىر، سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۆۋەتتىكﯽ ۋەزىيەتكە قانداق ماسلىشىش، خەلقىمىزنﯽ قانداق يېتەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە، مەملىكىتىمىز بويىچە ئاممىۋﯼ لۇشيەن تەربىيەسىنﯽ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنﯽ توغرا تەھلىل قىلىش، خەلقنﯽ توغرا يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتﯽ ناھايىتﯽ كۆپ خىزمەتلەرنﯽ ئىشلىدﯼ. «تارىم» ژۇرنىلﯽ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارﯼ ۋە پاراۋۇزﯼ بولۇش سۈپىتﯽ بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭكﯽ بىزدىن كۈتكەن تەلىپﯽ ۋە ھازىرقﯽ ئىجتىمائىي ھالەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسﯽ قاتارلىق جەھەتلەردە، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشﯽ زۆرۈر. شۇنداق بولغانلىقﯽ ئۈچۈن بىز ئۇستازلىرىمىزنﯽ، قەلەمكەش دوستلىرىمىزنﯽ بۇ يەرگە چاقىرىپ، سۆھبەت يىغىنﯽ ئۆتكۈزۈشنﯽ ئويلاشتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ پارتگۇرۇپپىسﯽ، بولۇپمۇ خۇاڭ يۇڭجۈن شۇجﯽ، ئازات سۇلتان رەئىس ناھايىتﯽ كۆڭۈل بۆلدﯼ. بۇ قانداقتۇر «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئادەتتىكﯽ يىغىنﯽ بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭمۇ يىغىنﯽ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يولداشلار كەڭ  - كۇشادە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنﯽ، نۆۋەتتىكﯽ ئەھۋاللارغا قارىتا كۆز قاراشلىرىنﯽ، خەلقىمىزنﯽ قانداق قىلىپ مەدەنىي دۇنياغا، ئىلغار بىر جەمئىيەتكە باشلاش، قالاق، خۇراپىي، بىدئەت، ئاللىقاچان تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن شاللىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئويلىغانلىرىنﯽ دەپ باقسا. تۆۋەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبيات - سەنەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسﯽ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسﯽ، ئۇستازىمىز ئازات سۇلتان ئەپەندىنﯽ بىر - ئىككﯽ ئېغىز سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار