نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(5)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئايشەم ئەخمەت ) يازغۇچﯽ : ( ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزﯼ ئە

 
ئايشەم ئەخمەت)يازغۇچﯽ:(

ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزﯼ ئەھۋاللارنﯽ تۈزەتمىسەك، تەدبىر قوللانمىساق بولمايدۇ. بەزﯼ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بىر قىسىم ياشلاردا ئەگىشىپ كېتىش مەۋجۇت. ئەگەر ياشلارنﯽ توغرا يېتەكلىيەلىسەك، ياخشﯽ تەربىيەلىيەلىسەك، ئۇلار باشقىلارغا ئەگىشىپ كەتمەيدۇ. بۈگۈنكﯽ كۈندە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقﯽ ئەڭ مۇھىم نۇقتا. بۇنىڭدا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈشىنىش بولمىسا ئىتتىپاقلىق بولمايدۇ. مىللەتلەر ئارا ھەقىقىي چۈشىنىش، باراۋەرلىك ھاسىل قىلساق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقنﯽ قولغا كەلتۈرەلەيمىز، خاتالىقتىن ساقلىنالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان، يامان تەرەپنﯽ ياخشﯽ تەرەپكە بۇراشقا تۈرتكە بولىدىغان نادىر ئەسەرلەرنﯽ يېزىش، نادىر دىرامىلارنﯽ سەھنىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىدىيە يېتەكچىلىكىنﯽ كۈچەيتسەك، ئاۋامنﯽ توغرا يولغا باشلىيالايمىز.

تۇرسۇنئاي يۇنۇس)يازغۇچﯽ:(

جەنۇبقا بارغانتىم، نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ بەزﯼ گەپلىرىنﯽ رەئىس نۇر بەكرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنﯽ ئېيتتﯽ. مەن بىر ئاددىي ئايال، رەئىس بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن، ئەمما بىر نەچچە سورۇندا دەپ قويالىشىم مۇمكىن دەپ ۋەدە قىلغانتىم، شۇ ۋەدەمگە ئاساسەن، بۈگۈنكﯽ بۇ يىغىننﯽ پۇرسەت بىلىپ كۆرگىنىمنﯽ سۆزلەي. مەن قەشقەردىكﯽ يىغىندىن كېيىن، يېڭىشەھەردە بىر ئايالنىڭ ئۆيىدە بىللە بولۇپ قالدىم. بىر مەكتەپنىڭ خانىملىرﯼ مېنﯽ ئورىۋالدﯼ، مۇشۇ ياغلىق ھەققىدە ئىككﯽ خىل مەسىلە باركەن، مەكتەپنىڭ مۇدىرﯼ ياغلىق چەگمەيسىلەر، ئاياللار، قىزلار ياغلىق چەگمەي كېلىسىلەر دەپ بۇيرۇق قىلىدىكەن، ھەتتا چىگىۋالساڭلار خىزمەتتىن چىقىرىۋېتىمىز، قوغلايمىز دەپتۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىمۇ بولۇشﯽ كېرەك، ئەمما ئۇ ئەركىنلىكنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەدەنىيەتمۇ بولۇشﯽ كېرەك، كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتﯽ، سەنئەت مەدەنىيىتﯽ، يۈرۈش - تۇرۇش مەدەنىيىتﯽ، بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشﯽ كېرەك. مەن يۇقىرىدىكﯽ ئۇستازلارنىڭ سۆزلىرىنﯽ قۇۋۋەتلەيمەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئەركىنلىكﯽ بولسا، مەدەنىي، چىرايلىق كىيىملەرنﯽ ياراشتۇرۇپ كىيسە بولىدۇ. نەزىردە يىغلىماسلىق، نەزىر قىلماسلىق، نەزىر پۇلىنﯽ مەسچىتكە بېرىش دېگەنلەرگە قوشۇلمايمەن. ئادەم ئاتا - ئانىسﯽ ئۆلۈپ كەتسە يىغلىمايمەن دەپ يىغلىمىغىلﯽ بولامدۇ؟ ئۆزىنىڭ قان  ـ  قېرىنداشلىرﯼ ئۆلۈپ كەتسە قانداقمۇ يىغلىماي ئۆتكىلﯽ بولىدۇ؟ بۇ نەزىرنﯽ نېمىشقا چەكلەيدىغاندۇ؟ مەن ئۇقمىدىم. توي بولسا تويدا نەغمە قىلمايسىلەر، ئۇسسۇل ئوينىمايسىلەر، پۇلنﯽ ئاشۇ مەسچىتكە بېرىسىلەر دەيدىكەن، مەسچىتنىڭ ئادەملىرىمۇ يېسۇن، ئاممىمۇ يېسۇن. ناھايىتﯽ ئۇزاق يىل بىر بالىنﯽ تەربىيەلەپ چوڭ قىلىپ، ئۇنىڭ تويىنﯽ كۆرەي دېسە، نەغمە قىلمىسا، ساز چالمىسا، ئۇسسۇل ئوينىمىسا بۇ قانداق بولغىنﯽ؟ يا ئۇ ھازا بولمىسا. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىمىزنىڭ مۇئەييەن بىر كۆز قارىشىمىز، مۇئەييەن بىر تەپەككۇرىمىز بولۇشﯽ لازىمكەن دەپ ئويلايمەن.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار